ساغلاملىق

سىزدىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

چوڭ مېڭە بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم، چوڭ مېڭىدە نۇرغۇن نېرۋا سىستېمىسى بار، ئۇلار بىزنىڭ پۈتكۈل بەدىنىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.

ئەگەر مېڭىدە زەخىملىنىش يۈز بەرسە، ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەڭ قورقۇنچلۇق مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، چۈنكى مېڭىگە قان يېتىشمىسە مېڭە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا ئۆزىمىزدە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

سىزدىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، ئەگەر بۇ ئۈچ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، مېڭىڭىزگە قان يېتىشمىگەنلېكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.

ئالدى بىلەن كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش

ئەگەر سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن دائىم كۆزىڭىز نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك، بۇ چوڭ مېڭىڭىزگە قان يېتىشمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمىگەندە، چوڭ مېڭىدىكى كۆرۈش سەزگۈ نېرۋىلىرى قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرايدۇ.

كۆرۈش نېرۋىلىرى زىيانغا ئۇچرىغاندا بولسا، كۆرۈش سېزىمى غۇۋالىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، كېيىن كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سىزدىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

2. ئۇيقۇچان بولۇش

ئەگەر سىز كەچتە تۈنۈمىسىڭىز، ئويغانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۇيقۇڭىز كەلگەندەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ئېھتىيات قىلىڭ، بۇمۇ چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى.

قان ئوكسىگېننى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل.

چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمىگەندە، چوڭ مېڭە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، سىرتقى ئىپادىسى بولسا ئويغانغاندىن كېيىن يەنە ئۇخلىغۇسى كېلىدۇ.

3. يۇتۇش قىيىنلىشىش

ئەگەر سىز دائىم ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا يۇتۇشتا قىينىلىپ قالسىڭىز، چوڭ مېڭىڭىزگە قان يېتىشمەسلىكتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.

چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاندا، چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل يۈز قىسىمىمىزنىڭ تىزگىنلەش نېرۋىسى زەخىملىنىدۇ.

بۇنداق بولغاندا، يۈز قىسمىنىڭ تىل تۈۋىنى كونترول قىلىشىغا تەسىر يېتىپ، يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ.

سىزدىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئادەتتە بىزنىڭ ساغلام بولمىغان يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بىز بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى تۈرى: مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر

مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى.

توخو، بېلىق ۋە گۆشلەرنى مايدا پىشۇرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلتا قۇيماقمۇ بىز ئەتىگەندە دائىم ياقتۇرۇپ يەيدىغان ناشتىلىقلاردىن بىرى.

لېكىن مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۈندە يېيىشكە بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالىدۇ.

قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، ماي ماددىسى داغ پارچىلىرى پەيدا بولۇپ قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىپ، ئاخىرىدا مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سىزدىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

ئىككىنچى تۈرى: يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر

يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر تىلغا ئېلىنسا، مۆلچەرىمچە نۇرغۇن كىشىلەر نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بىز دائىم يەيدىغان تۇخۇم سېرىقى، بېلىق ئۇرۇقى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆپ مىقداردا خولېستېرىن بولىدۇ، شۇڭا بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

دائىم يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئۆرلەپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاندىن قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا قاندىكى ئارىلاشما ماددىلار يىغىلىپ قان نوكچىسى شەكىللىنىدۇ، قان نوكچىسى يەنە قاننىڭ ئېقىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سىزدىمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاش، بالدۇر ئۇخلاش ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى