تەرمىلەر

چۈشتە ئۇخلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇخلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ پەرقى

چۈشتە ئۇخلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇخلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ پەرقى

1. روھىي ھالىتى ئوخشىمايدۇ
ئەگەر كەچتە يېتەرلىك ئۇخلىيالمىسا، ئىككىنچى كۈنى ئويغانغاندىن كېيىن ھېچقانداق روھسىزلىنىپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. چۈشتە قىسقا ۋاقىت چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولۇپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى تولۇقلاپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ. چۈشتە ئۇخلاشتا چىڭ تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى روھىي ھالىتى ياخشى، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەمما، چۈشلۈك ئۇيقۇ ئادىتى يوق كىشىلەر پۈتۈن بەدىنى ھارغىن، روھىي ھالىتى ناچار، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە دىققىتىنى يىغالمايدۇ.

2. قېرىش سۈرئىتى ئوخشىمايدۇ
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، كۈندۈزى جىددىي خىزمەتكە كىرىشكە توغرا كېلىدۇ، چۈشتىن كېيىن ئۇخلىمىغان كىشىلەر ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ ، بۇ ھارغىنلىق ئۆز نۆۋىتىدە بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر يېتەرلىك ئارام ئالمىسا، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا كىرىپ، بەدەننىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قېرىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۋىتىدۇ .

3. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوخشىمايدۇ
كۆپ قىسىم خىزمەتلەر ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئىكرانغا تىكېلىپ قارىغاندا كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشى نورمالسىز بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، كۆز چارچاش ۋە كۆز قۇرغاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر چۈشتە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۇخلىۋالسا كۆزنى ئارام ئالدۇرۇپ، چارچاشنى پەسەيتىدۇ.

چۈشتە ئۇخلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇخلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ پەرقى

چۈشتە قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىسا ئاندىن ساغلام بولىدۇ؟
چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىنى 30 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك. ئادەتتە يېرىم سائەت ئۇخلىغاندىن كېيىن، بەدەن تېيىز ئۇيقۇدىن چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئويغانغاندا ئاسانلا پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ۋە باش ئاغرىش، باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 30 مىنۇت چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چۈشتە ئۇخلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇخلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ پەرقى

سەمىمىي ئەسكەرتىش
چۈشلۈك دەم ئېلىشتا سىرتنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىشىغا ئۇچرىماسلىق، ئوتلاق ياكى سېمونت يەردە ئۇخلىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇخلىغاندىن كېيىن مۇسكۇللار بوشىشىدۇ، قىل قان تومۇرلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭىيدۇ، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ ياكى باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بەك قىسقا ياكى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، ئويغانغاندىن كېيىن دەرھال ئورنىدىن تۇرماسلىقى كېرەك. ئاۋۋال كارىۋاتتا يېنىك ھەرىكەت قىلىپ، ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىپ بەرسە، قان سىغىمىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن دەرھال مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى