يېمەك-ئىچمەك

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

1. تاتلىق يېمەكلىكلەر: ۋىتامىن B گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى خورىتىدۇ

تورت، پىچىنە قاتارلىقلاردا ۋىتامىن B گۇرۇپپىسىنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، مېتابولىزم جەريانىدا بەدەندىكى ۋىتامىن B گۇرۇپپىسىنى كۆپ مىقداردا خورىتىپ، تىل، جاۋغاي ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كۆز ئاغرىشتەك ئىسسىقى ئارتىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ. بەدەندە ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى كەم بولغاندا، ماغدۇرسىزلىنىش، ھەزىم ناچارلاشتىن باشقا، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش، ئىنكاسى ئاستىلاشتەك ئالامەتلەرنى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا دائىم تۈنەيدىغانلار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، ئادەتتە قارا ئاشلىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىشى كېرەك.

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

2. ھاراق: ۋىتامىن Dنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئىسپرت جىگەر، بۆرەكنى زەخمىلەندۈرۈپلا قالماي، بەدەندىكى سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىننىمۇ كۆپ مىقداردا خورىتىدۇ. ۋىتامىن D كەملىسە سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، دائىم سۆڭەك سۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

3. كوففىئېن: كالتسىينىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىدۇ

دائىم قەھۋە ئىچىش كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

4. قېنىق چاي: تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

بەزىدە تاماقتىن كېيىن ئىسسىققىنە دەملەنگەن قېنىق چاينى ئىچىپ، شامىسىنى چايناشنى ياقتۇرىدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ؟ ئەمما، چاي يوپۇرمىقىدا كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ئېرىمەيدىغان ماددا شەكىللەندۈرىدۇ-دە، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسىدۇ ۋە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

5. تاماكا: ۋىتامىن Cنى خورىتىدۇ

تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قېنىدىكى ۋىتامىن C چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن %30~50 كىچە تۆۋەن بولىدىكەن. سەۋەبى بەدەن كۆپلىگەن ۋىتامىن C ئارقىلىق تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىغا قارشى تۇرىدىكەن.

بۇ ئالتە خىل نەرسە بەدىنىڭىزدىكى قۇۋۋەتنى «ئوغرىلىۋالىدىكەن»

6. تۇز: كالتسىينى بىرگە ئېلىپ كېتىدۇ

زىيادە تۇزلۇق غىزالانغاندا ناترىي ئىيونى بىلەن كالتسىي ئىيونى ئۆزئارا رىقابەتلىشىپ، سۆڭەك كالتسىيسى مېتابولىزمىنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، سۈيدۈكتىكى كالتسىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كېتىدىكەن. شۇڭا تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى، قورۇما قورىغاندا تۇزنى ئاز سېلىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى