تەرمىلەر

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

قەدىمكى خاتىرىلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ناركوز قىلىش توغرىلىق ئۇچۇرلار بار بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت ئۇسۇلى خاتىرىلەنمىگەن. 1846-يىلى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتى باش دوختۇرخانىسى ناركوز ئوپېراتسىيەسىنى تۇنجى قېتىم سىرتقا كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھازىرقى زامان كىلىنىكىلىق ناركوز تېخنىكىسى رەسمىي باشلىنىپ ئوپېراتسىيە پىچىقى ئېلىپ كەلگەن ئازاب ئاخىر ئۆتمۈشكە ئايلانغان.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

كىلىنىكىدا پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلغاندا، بىمارنىڭ بەدەن ۋە سېزىم ئۆزگۈرۈشى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ ناركوز قىلىش باسقۇچى

سەگەك ئادەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورمال ھالەتتىن سېزىمسىز ھالەتكە ئۆتىدۇ، بۇ باسقۇچتا تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشنىڭ خەتىرى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلەر يۇقىرى بولىدۇ. ناركوز قىلىش باسقۇچىنىڭ ئادەتتە ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىر خىلى سۈمۈرتۈپ ناركوز قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بىمار ناركوز دورىسىنى سۈمۈرسىلا ئۇيقۇغا كېتىدۇ. يەنە بىر خىلى ناركوز ئوكۇلىنى ۋېنا تومۇرىغا ئۇرۇش ئۇسۇلى.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

بىمار قاتتىق ئۇخلاش باسقۇچىغا كىرگەن ھامان مۇسكۇللىرىمۇ بوشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىمار ئۆزى نەپەس ئالالمايدۇ، شۇڭا بىمارغا نەپەسلەندۈرگۈچ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىمارنىڭ بەدىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن تەدرىجىي تۇراقلاشقاندىن كېيىن ناركوز دوختۇرى كېيىنكى باسقۇچلۇق مەشغۇلاتنى قىلالايدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ ناركوز كۈچىنى ساقلاپ قېلىش باسقۇچى

بىمارنى سېزىمىنى يوقىتىش پەقەت ناركوز دوختۇرىنىڭ خىزمىتىنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۇنىڭدىن كېيىن دوختۇر بىمارنىڭ يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، نەپەسلىنىش قېتىم سانى، نەپەس يولى بېسىمى، قان چىقىش مىقدارى، قان بېرىش مىقدارى، سۈيدۈك مىقدارى قاتارلىق تۈرلۈك ئالامەتلەرنى پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ تىزگىنلىشى ۋە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا قىلچىمۇ خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى، شۇنداقلا ناركوز دوختۇرى چوقۇم توغرا ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە دورا مىقدارىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.

ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، دوختۇر دەرھال سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئون نەچچە خىل بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان دورا سەپلىنىدۇ، شۇڭا كىلىنىكىدا «تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى كېسەل داۋالايدۇ، ناركوز دوختۇرى جاننى ساقلايدۇ» دېگەن گەپ بار.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئۈچىنچى باسقۇچ ناركوزدىن يېشىلىش باسقۇچى

ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ناركوز دوختۇرى ناركوز دورىسىنى توختىتىدۇ ياكى بەزى دورىلارنى ئىشلىتىپ بىمارنى ئاستا-ئاستا ئويغىتىدۇ، شۇنداقلا بەلگىلىك مىقداردىكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى بېرىپ، يارا ئېغىزىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بىمارنىڭ ئۆز ئالدىغا نەپەس ئېلىشى، ئەس-ھوشى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلسە بىمار ھوشسىزلىقتىن تەدرىجىي ھوشىغا كەلسە بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولىدۇ.

ناركوز ئوپېراتسىيەسى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ناركوز دورىسى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە جىگەر مېتابولىزمى ۋە بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى نەپەس ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئەگەر جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار بولسا، دورىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن.

ناركوز تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا 100 يىلدىن ئاشتى، ناركوز قىلىشقا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، چوڭ مېڭىسى ساغلام بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ياشانغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارى، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلىگەچكە، چوڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بىمارنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش، ئۆگىنىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ كىلىنىكىدا ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى بىلىش ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى (POCD) دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەتتە ياشانغان بىمارلار بىر نەچچە كۈندىن كېيىن نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ، ئايرىم بىر قىسىم بىمارلارغا بىر نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

يېتىلىۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن، بىر قېتىملىق قىسقا ۋاقىتلىق ناركوز قىلىش نېرۋىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن كۆپ قېتىم ناركوز قىلسا، ئۈچ ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ناركوز قىلىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئويغىنىپ كېتىدۇ؟

مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلار ناركوز قىلغاندىن كېيىن ئاڭسىز ھالەتتە بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەھۋاللارمۇ بار. بەزى بىمارلار ئوپېراتسىيە جەريانىدا تۇيۇقسىز ھوشىغا كېلىدۇ، لېكىن بەدىنىنى مىدىرلىتالمايدۇ، ۋارقىراپمۇ قويمايدۇ.

بۇ خىل ئەھۋال خۇددى بەدەننى ئېغىر بىر نەرسە بېسىپ تۇرغاندەك، مىدىرلىيالماي باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىماردا كۈچلۈك تۇنجۇقۇش تۇيغۇسى، ئامالسىز ۋە ياردەمسىز قېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. كانادالىق بىر ئايال 45 ياش ۋاقتىدا بىر قېتىم پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، لېكىن ئوپېراتسىيە ئەمدىلا باشلانغاندا، ئۇنىڭدا ئاڭ پەيدا بولغان، كېيىنكى بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ ئىنتايىن ئازابلىق بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئالاقىدار ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %5 بىمار ناركوز جەريانىدا ھوشىغا كەلگەن، بۇ ناركوزدىن ئويغىنىش ياكى ئوپېراتسىيەدىن خەۋەردار بولۇش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل بىمارلار ئوپېراتسىيە جەريانىدا ھوشىغا كەلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يەنە مۇناسىۋەتلىك ئوپېراتسىيە مەنزىرىسىنى ئەسكە ئالالايدۇ.

ئوپېراتسىيە جەريانىدىن خەۋەردار بولۇش ئېغىر دەرىجىدىكى پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل بىمارلارنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يارا ئورنىنىڭ سېزىمچانلىقى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ (PTSD). بۇ خىل بىمارلار دائىم ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى ئاڭلاش سېزىمىنى ئاغرىش سېزىمىنى ۋە تۇنجۇقۇش ھالىتىدە بولغان ئەھۋالنى ئەسكە ئېلىپ ئازابلىنىدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا قىلىدۇ. كانادالىق بۇ ئايال بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى يېرىم ئۆمرىدە ئاشۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە ۋاقتىدىكى تەسىردىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، بۇ خۇددى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

ناركوزنىڭ سەگەكلېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر توغرىسىدا تېببىي ساھەدە تېخى ئېنىق ھۆكۈم يوق، نۆۋەتتىكى قىياسلار بىمارنىڭ ياش ئەھۋالى، دورا مىقدارى، ئوپېراتسىيە تۈرى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئوخشاش بولمىغان بىمارلارغا قارىتا، ناركوز لايىھەسىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار.

پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز بىلەن يېرىم ناركوز قانداق تاللىنىدۇ؟

پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز ياكى يېرىم ناركوز بولسا بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئوپېراتسىيە تۈرىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مەسىلەن، بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدى يول ئوپېراتسىيەسىنى ئالساق، دوختۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئوپېراتسىيە قارىغۇلۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ، شۇڭا پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇننى ناركوز قىلىشنى تاللاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بىمارنىڭ ئەس-ھوشى سەگەك بولۇپ، دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ناركوز سىز ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇقمۇ؟

ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن تاماق يېمەسلىك كېرەكمۇ؟

مەيلى پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز بولسۇن ياكى يېرىم ناركوز بولسۇن، ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرى بىمارلار بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تاماق يېمەسلىكى كېرەك. ناركوز ھالىتىدە بىمارنىڭ بەدىنى ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇل بوشىشىپ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى توسۇيالمايدۇ، يېمەكلىك ئۆپكىگە سۈمۈرۈلۈپ كەتسە، زەخىملىنىش، ھەتتا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئورۇنلارنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدىمۇ يېمەكلىك ساقلاپ قېلىشقا بولمايدۇ.

ناركوزنىڭ كىلىنىكىدا قوللىنىشى خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا قايسى خىل لايىھەنى قوللىنىش توغرىسىدا دوختۇرلار داۋالاشتىن ئىلگىرى تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ چىقىدۇ. بىمارلار ۋە دوختۇرلار تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلغاندىلا، ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى