ساغلاملىق

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

«دوختۇر، ماڭا قۇۋۋەت دورىسى يېزىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن بەك بېشىم قاتتى…»

 

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن لاۋتاڭ يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتىكى ئىپادىسىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ بۇ ئەھۋالنى چوقۇم ئەرلىك ھورمۇنى يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئويلاپ، دوختۇردىن ئەرلىك ھورمۇننى تولۇقلايدىغان دورا يېزىپ بېرىش تەلەپ قىلدى، ئەمما دوختۇر بۇنى رەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ئەرلىك ھورمۇننىڭ كەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئەرلىك ھورمۇننى تولۇقلاش پەقەت ئاز بىر قىسىم بىمارلارغىلا شىپا قىلىدۇ.

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

1. ئەرلىك ھورمۇن ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

ئاتىلىق ھورمۇن يەنە «ئەرلىك ھورمۇن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئالامەتلىرىنىڭ يېتىلىشى، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە پىشىپ يېتىلىشى قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇن ئەرلەرنىڭ نورمال جىنسىي ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالالايدۇ، يەنە ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش قاتارلىقلاردا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنى ئەرلەرنىڭ «ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» دېيىشكە بولىدۇ. ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۈچلۈك بولغان ئەرلەر تېخىمۇ ئاممىباب مەنىدىكى ئەرلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، «ئەرلىك پۇراق» تارقىتىدۇ. ئەگەر ئەرلىك ھورمۇن تولۇق بولسا، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر ناھايىتى قويۇق بولىدۇ. بولۇپمۇ ساقال-بۇرۇتىنى ئەتىگەندە ئېلىپ بولسا، كەچتە يەنە ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلىك ھورمۇنى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرلىك ھورمۇن ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرلىك ھورمۇنى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ ھاياتىي كۈچى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئاياللارنى تېخىمۇ ئاسان ھامىلىدار قىلىدۇ.

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

2. ئەرلىك ھورمون ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئەرلەرنىڭ خۇددى لاۋتاڭغا ئوخشاش ئەرلىك ھورمۇننى بىۋاسىتە تولۇقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق «باھنى قۇۋۋەتلەش» نى ئويلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لېكىن ياشانغانلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاتىلىق ھورمۇن ئازىيىدۇ. بۇ ئىچكى مەنبەلىك بولۇپ، تاشقى ئامىلدىن كېلىپ چىققان ئەمەس. ئىچكى مەنبەلىك ئۇرۇقدان كېتون ئاجرىتىپ چىقىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قايىم بولۇش توسالغۇسىغا قارىتا، تاشقى مەنبەلىك ئاتىلىق ھورمۇن تولۇقلاش جىنسىي ھەۋەس ۋە جىنسىي ئالاقە ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلمەيدۇ، ئەكسىچە يەنە بەدەنگە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سىرتقى مەنبەلىك ئاتىلىق ھورمۇننى تولۇقلىغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %61 ئاشىدىكەن. ياشانغانلار دەل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق توپى، شۇڭا ئاتىلىق ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتىلىق ھورمۇننى قارىغۇلارچە تولۇقلاش يەنە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

3. ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسىنى قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟

ئاتىلىق ھورمۇننىڭ ئازىيىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ھادىسە، بۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئەمما بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ جەرياننى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

1). كۈچ مەشىقى

بەلگىلىك ۋاقىتتىكى ھەرىكەت (بولۇپمۇ كۈچ مەشىقى) قاندىكى ئاتىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.

2) سىنك تولۇقلاش

سىنك كەمچىل بولسا جىنسىي بېزىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئازىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا سىنك كەمچىل ئەرلەرگە نىسبەتەن، سىنك ئىچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىنك تولۇقلاپ، ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار توپىدا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

3) ئاقسىل تولۇقلاش

ئاقسىلمۇ جىنسىي بەزنىڭ ئاتىلىق ھورمۇننى بىرىكتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ئۈنۈملۈك ماددىلارنىڭ بىرى. ئەرلەر ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئارقىلىق بەزى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ. مەسىلەن، بېلىق گۆشى، تۇخۇم، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار.

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

4. ئەرلىك ھورمۇن توغرىسىدىكى گۇمانلار

نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا ئائىت بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، بۇ توغرىسىدا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن گۇمانى بار. مەسىلەن:

1) ھايۋانلارنىڭ «زەدىكى» نى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئەرلىك ھورمۇن تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟

جاۋاب: بولمايدۇ. «شەكىل ئارقىلىق شەكىل تولۇقلاش» دەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋانلار، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇقدان ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى بىرىكتۈرگەن بولۇپ، تاشقى كۆپىيىش ئەزاسىدا ئەرلىك ھورمۇننىڭ مىقدارى يوق دېيەرلىك. شۇڭا بۇنداق «يېمەكلىك» لەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئەرلىك ھورمۇننى تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.

2) ئەرلىك ھورمۇننىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىقتىدار توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

جاۋاب: مۇمكىن. جىنسىي ئىقتىدارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا مەزى بېزى ياللۇغى، قالقانسىمان بەز كېسەللىكى، دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا جىنسىي ئىقتىدارىڭىز توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، ئاۋۋال قارىغۇلارچە ئاتىلىق ھورمۇن تولۇقلىماي، باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمەنمۇ دەپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كېرەك.

ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىپ «باھنى قۇۋۋەتلەش» توغرىمۇ؟

ئەرلىك ھورمۇن ئەرلىك ئالاھىدىلىكنى ساقلاشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى، مۇسكۇلىنىڭ ئۆسۈشى، كەيپىياتىنى تەڭشەش ۋە بىلىش ئىقتىدارى ئەرلىك ھورمۇننىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەرلىك ھورمۇن ئاستا-ئاستا ئاجىزلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن ئەرلەر قارىغۇلارچە ئەرلىك ھورمۇن تولۇقلىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا كەسپىي دوختۇرخانلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالىنىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى