ساغلاملىق

مەزى بېزى ئۆسۈكى پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى

ئادەتتە بەدىنىمىزدىكى ئەزالار ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزگە ئۆزىنىڭ «كېسەل» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر بىز بۇ دەسلەپكى سىگناللارنى ۋاقتىدا بايقاپ ئالدىنى ئالساق، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايمىز. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، مەزى بېزى ئۆسۈكى پەيدا بولۇش ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ مېتابولىزمىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئېغىر بولغاندا سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش (سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش) قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

مەزى بېزى ئۆسۈكى پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى

مەزى بېزى ئۆسۈكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى

1. سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىش

بۇنداق ئالامەتتە مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، سىيىش قېتىم سانى ئادەتتىكىدىن كۆپ بولۇپ، كۈندۈزى 4-3 قېتىم، كېچىسى 2-1 قېتىم بولۇشتەك نورمال ئەھۋالدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ، سىيىش ۋاقتى قىسقا بولۇش، قىستاپ كېلىش، سۈيدۇك مىقدارى ئاز ئەمما ھەر ۋاقىت سىيگۈسى كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

2. سۈيدۈك چىقىرىشتا قىينىلىش

بۇنداق ئالامەتتە سىيگۈسى كەلگەنلېكىنى ھېس قىلغاندا، ھاجەتخانىدا تۇرۇپ بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن، كىچىك تەرەت تامچىلاپ كېلىدۇ، ھەمدە سىيگىچە ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

3. كېچىدە سۈيدۈك تۇتالماسلىق

كېچىدە ئۇخلىغاندا سۈيدۈك تۇتالماي سۈيدۈك ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاردا كۈندۈزىمۇ بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

4. سۈيدۈك ئۈزۈلۈپ قېلىش

مەزى بېزى ئۆسۈكى پەيدا كېيىن، سۈيدۈكتىكى كىرىستال ماددىلار ئاسانلا ئۇيۇپ دوۋساق تېشىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈيدۈك چىقىرىشنىڭ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇشى مەزى بېزى ئۆسمىسىنىڭ كۈچلۈك سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

مەزى بېزى ئۆسۈكى پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى

مەزى بېزى ئۆسۈكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ دەسلەپكى سىگناللارنى تونۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاكتىپ داۋالانسا، ئالدىنى ئالغىلى ۋە يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش ھەمدە ئاچچىق-چۈچۈك غىدىقلىغۇچى ۋە تاتلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش، ھاراق تاشلاش، باھنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىك ۋە دورىلارنى ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇپ، مەزى بېزىگە قان تۇلۇپ قېلىشنى ئازايتىش كېرەك.

جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن، نورمال بولۇش، ھەۋىسىنى يىغىش، نەپسىگە بەك بېرىلمەسلىك كېرەك. ئۇزاق ۋاقىت سۈيدۈك قىستاشتىن ساقلىنىش كېرەك، سۈيدۈك قىستاشنىڭ سۈيدۈك قىسقۇچى مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئورگانىزملارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ھەم مەزى بېزى قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى