تەرمىلەر

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

قەدىمدىن تارتىپ، كىشىلەر ساغلام بولۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. بىراق، قېرىش قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان فىزىئولوگىيىلىك جەريان بولۇپ، ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، بۇ ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان تەبىئىي قانۇنىيەتتۇر.

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

بولۇپمۇ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، كۆپ ساندىكى ئەرلەر يەنىلا ئاساسلىق ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە ئائىلىگە مەسئۇل بولىدۇ، سىرتتا يەنە كەسكىن ئىجتىمائىي رىقابەتتە ئۆزىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. دېمەك ئەرلەر ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ئۆز ئارزۇسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ، بۇلار ئەرلەرنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىلىپ-بىلمەيلا قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، 45 ياش مۇھىم بىر ئايرىش سىزىقى بولۇپ، بۇ ياشتىكى كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى فۇنكسىيەلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بېرىپ، قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا، بەدىنىدە تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۆزگىرىش بولىدۇ، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

1. قورساق يوغىناش

ئەرلەر مەلۇم ياشقا بارغاندا، بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلمىلار قېرىشقا باشلايدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ، بەل قورساق قىسمى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا قارىغاندا ئاسان ماي يىغىلىدىغان بولۇپ، بەل ئايلانمىسى توملاپ، قورسىقى يوغىنايدۇ. ئەرلەر 45 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا بېلى ئىنچىكە، قورسىقى كىچىك بولسا، بۇ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يېمەك-ئىچمەكنى ئىمكانقەدەر تېز تەڭشەپ، ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

2. ئۆپكە سىغىمچانلىقى كىچىكلەش

بەدەننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۆپكىمۇ قېرىيدۇ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. ئەرلەر 45 ياشتىن ئاشقاندا، ئەگەر پەلەمپەيگە چىققاندا، جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا ياكى ھەرىكەت قىلغاندا، ھە دېسىلا ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ، ئاسانلا چارچاپ كەتسە، ئۆپكە سىغىمچانلىقىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى، بەدەننىڭمۇ قېرىش مەزگىلىگە كىرگەنلېكىنى، ئۆزىنى ئاسراشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تاماكىنىڭ ئۆپكىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا تاماكا چېكىش ئادىتى بار ئەرلەر مەلۇم ياشقا كىرگەندىن كېيىن، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۆپكىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، بۇنداق دوستلار چوقۇم تاماكا چېكىش مىقدارىنى ئازايتىشى، ئەڭ ياخشىسى تاشلىۋېتىشى كېرەك.

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

3. بۇرۇن ياپىلاقلىشىش

كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ ياش ۋاقتىدا بۇرنى تىك بولىدۇ، بەش ئەزاسى قارىماققا ئىستېرېئولۇق كۆرۈنىدۇ، بۇ ئەرلەرنى جەسۇر، كېلىشكەن كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يۇمشاق توقۇلمىلارمۇ ئاستا-ئاستا قېرىپ، ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەپ، بۇرنى ئاستا-ئاستا ياپىلاقلىشىپ، ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. بۇرۇن قانىتىمۇ بارا-بارا كېڭىيىپ، بۇرۇن تۆشۈكى چوڭىيىپ، قارىماققا بۇرنى چوڭىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇرنىڭىزنىڭ ياپىلاقلىشىپ، يوغىناپ كەتكەنلېكىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، بەدىنىڭىز سىزگە كۈتۈنۈشنى ئەسكەرتىۋاتقان بولىدۇ.

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

4. مەزى بېزى يوغىناش

مەزى بېزى ئەرلەرنىڭ مۇھىم يېرى بولۇپ، جىنسىي قوزغىلىشنى كونترول قىلىش، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە سۈيدۈك چىقىرىشنى كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەزى بېزى يوغىناش، مەزى بېزى ئۆسۈش، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كۆپ ساندىكى مەزى بېزى بىمارلىرىدا پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك تۈگىمەسلىك، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەرلەردە ئەگەر بۇ خىل ئالامەتلەر دائىم كۆرۈلسە، قېرىشنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

ئەرلەر قېرىشقا باشلىغاندا بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە قېرىشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما قېرىش ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. ئەگەر بىز ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىدىكى بەزى قانۇنىيەتلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، قېرىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەك، قېرىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈنۈمىگە يېتەلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قېرىشقا نىسبەتەن، كۆپچىلىك توغرا روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئۆزىگە بەك چوڭ بېسىم قىلىۋالماسلىقى كېرەك. زىيادە جىددىيلىشىش ئەكسىچە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىسىز، ھەتتا بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى