تەرمىلەر

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرىشى كېرەك؟

مەن ئىزچىل ھالدا كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تونۇشتۇرۇپ كەلدىم. بۈگۈن كۆپچىلىككە يەنە بىر گۇرۇپپا سېلىشتۇرما سۈرەتلەرنى ئېلىپ كەلدىم، بۇلاردىن چېنىقىشنىڭ بەدەندە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىر قاراپلا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك؟ تۆۋەندىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر سىزگە شۇنى بىۋاسىتە ئېيتىپ بېرىدۇكى، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك، تىرىشىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن، بەلكىم سىزدىمۇ بۇ كىشىلەرگە ئوخشاش چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىڭىز خۇددى ھۆسىن تۈزەتكەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن.

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرىشى كېرەك؟

بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قەدەر روشەن بولغان سېلىشتۇرما سۈرەتلەر بولۇپ، سول تەرەپتىكى سۈرەتلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتى، ئوڭ تەرەپتىكىلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇپ مۇسكۇلنى ئاشۇرغاندىن كېيىنكى ھالىتى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئادەمنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ مۇسكۇلنى ئاشۇرغاندىن كېيىنكى چىراي شەكلى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ كېلىشكەن بولۇپ كېتىدۇ.

بۇ سۈرەتلەرنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن زور پەرق بار. ئەگەر مۇشۇنداق ئىككى ئادەم بولسا، قىزلار مۇشۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستى قىلماقچى بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىزلارنىڭ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى تاللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرىشى كېرەك؟

مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. چېنىققاندىن كېيىنكى بەدەن قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن باشقا، ئەمەلىيەتتە، بەدەن شەكلىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، غۇرۇرىنى ئۆستۈرۈشىگە مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بېرىپ، يات جىنسلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە، جىددىيلېكىنى پەسەيتىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. ھەرىكەت كىشىلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرىشى كېرەك؟

ھەرىكەت جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق، نۇرغۇن دوستلار بۇ نۇقتىنى چۈشىنىدۇ. تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق بارلىققا كەلدى.

بەلكىم بەزى دوستلار نېمە ئۈچۈن بەزى بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار بۇ خىل كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتكە يېتەلمەيدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن.

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، گەرچە بەزى ئادەملەر بەدەن چېنىقتۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەدەن چېنىقتۇرۇپ مۇسكۇلنى ئاشۇرىدىغان بىلىملەرنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلىمىگەن. بەلكىم ئۇلار پەقەت باشقىلارغا تەقلىد قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن دوراشتىمۇ تەدبىرلىك بولۇش كېرەك.

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرىشى كېرەك؟

بىر قىسىم كۈچ مەشىقلىرى ئارقىلىق مۇسكۇلنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاۋۇل كۆرۈنۈش ئاساسلىقى مۇسكۇل تالالىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدىن ئىبارەت.

سىز پەقەت كۈچ مەشىقى قىلسىڭىزلا مۇسكۇلنى كۈچەيتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز دېگىلى بولمايدۇ، كۈچ مەشىقىنىڭمۇ قانۇنىيىتى بولىدۇ، ھەر كۈنى بەرداشلىق بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.

كۈچ مەشىقىنىڭمۇ سىجىللىقى بولۇشى كېرەك، دەسلەپتە تۆۋەن كۈچىنىشتىن باشلاپ مەشىق قىلىپ، مەشىقنىڭ سىجىللىقىنى ئاستا-ئاستا ئاشۇرۇپ، بەدەندىكى مۇسكۇللارنى ماسلىشىش دەۋرىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئەرلەر نېمىشقا بەدەن چېنىقتۇرىشى كېرەك؟

ئۆزىنىڭ بەدەن قىياپىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلېكىنى كۆرگەن ھامان مەشىقنى توختاتماسلىق، چوقۇم يەنە بەرداشلىق بېرىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ سەۋرچانلىقىنى سىنىغىلى بولىدۇ. ئادەم بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا چوقۇم بەزى مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، مەسىلىگە يولۇققاندا مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەرگىزمۇ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى