ساغلاملىق

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

قايسى سەۋەبلەر مەزى بېزىنى پەيدا قىلىدۇ؟

1. ئۇزاق ئولتۇرۇش مەزى بېزىنىڭ «خەتەرلىك دۈشمىنى»

ئۇزاق ئولتۇرغاندا، مەزى بېزى بېسىمغا ئۇچراپ، چات ئارىلىقى، داس بوشلۇقىدىكى ئەزالارغا زىيادە قان تولۇپ، قان يىغىلىشنى پەيدا قىلىپ، مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھەر 30-40 مىنۇتتا ئورۇندىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ئەگەر خىزمەت بەك ئالدىراش بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشقا ۋاقىت چىقمىغاندا، ياندىن ئولتۇرۇش ھەرىكىتى يەنى ئوڭ-سول ساغرىنى نۆۋەت بىلەن 10 مىنۇت كۆتۈرۈپ ئولتۇرغاندا، مەزى بېزىنىڭ ئۇزاق مەزگىل بېسىمغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2. جىنسىي تۇرمۇش تازلىقىغا ئېتىبار بەرمەسلىك

مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى كەينىدە جىنسىي ئەزانى يۇيۇپ، پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. بولمىسا ئاسانلا باكتېرىيەنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى كېلىپ چىقىپ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئانگىنا، مەزى بېزى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ياللۇغ كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

3. جىنسىي تۇرمۇشنىڭ زىيادەك كۆپ بولۇشى

ھەددىدىن ئارتۇق ۋە چەكلىمىسىز جىنسىي تۇرمۇش كۆپ مىقداردىكى ئاجرالمىلارنى تىندۇرۇپ ۋە بەز پۈۋەكچىلىرىنى كېڭەيتىپ، بەزلەر ئارىسىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىپ، مەزى بېزىدە مىكروبسىز ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

4. سۈيدۈك قىسىش

بۇنىڭ سۈيدۈك يولىغا بولغان زەخمىسى ئېغىر، ئۇزاق داۋاملاشقاندا، بۆرەكمۇ زەخمىگە ئۇچرايدۇ. سۈيدۈكتىكى بۇلغىما ماددىلار، مېتابولىزم ئەخلەتلىرى بەلكىم سۈيدۈك قىسىش جەريانىدا ئىككىنچى قېتىملىق سۈمۈرۈلۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. سۈيدۈك يولىنىڭ راۋانسىزلىقى، چات ئارىلىقى يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، گېموروي قاتارلىقلارمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى

بەزى ئەرلەر ئۇزاق مەزگىل تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى نەرسىلەرنى يېيىشتەك ناچار ئادەتلەر بىلەن ئۆزىگە مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنى «چىللىۋالىدۇ».

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

مەزى بېزى كېسەللېكىنىڭ بىمار تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى:

ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش؛ ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش؛ جىنسىي تەلپۈنۈش چېكىنىپ، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر كېتىش، تۇرمۇش سۈپىتى تەسىرگە ئۇچراش؛ ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەنلەپ، ئىسپېرمىنىڭ سۇيۇقلىنىش ۋاقتى قىسقىراش، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ مەزى بېزى ئۆسۈكى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش؛ كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق جورىسىغا يۇقۇشى قاتارلىقلار.

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

* مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئىنكاسى:

كېچىدە سۈيدۈك كۆپىيىش، سۈيدۈك تۈگىمەسلىك، ئاغرىش، راۋانسىزلىق، سۈيدۈك تۇتالماسلىق؛ بەزى بېزى ئاغرىش، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرى چىڭقىلىش، سۈيدۈك يولى ۋە ئۇرۇقداش ئاغرىش؛ جىنسىي ھەۋىسى يوقاش، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر كېتىش؛ ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلار.

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

* مەزى بېزىنى ئاسراش ئۈچۈن:

قارا گۆش، بېلىق، توخو گۆشى، پۇرچاق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يېيىش؛ يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ، ھەرخىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش؛ سېلىن، سىنىك قاتارلىق مېنېرال ماددىلارنى كۆپرەك تولۇقلاش كېرەك.

مەزى بېزى كېسەللىكى ھەققىدە

يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، كۈندىلىك نورمال ياغ قوبۇللاش مىقدارىنى 65 گىرام ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ ھاراق ۋە تاماكىنى تاشلاش، سۇنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئىچىشكە ئادەتلىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش مىقدارىنى قانۇنىيەتلىك تىزگىنلەش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى