ساغلاملىق

كىچىك تەرەتتىن كېيىن نېمىشقا تىترەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال، بۆرەك ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن تىترەشنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى بار بولۇپ، «PMCS» دەپ ئاتىلىدۇ. تەرجىمە قىلىنسا «سىيگەندىن كېيىن تارتىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسىگە نىسبەتەن بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان چۈشەندۈرۈش شۇكى، سۈيدۈك بىر قىسىم ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە تىترەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

كىچىك تەرەتتىن كېيىن نېمىشقا تىترەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ مەلۇم ئاساسى بار، لېكىن ئۇ مۇنداق ئىككى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ:

بىرىنچى، چوڭ تەرەتمۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئېلىپ كېتىدۇ، لېكىن ھېچكىم چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن تىترىمەيدۇ. ئىككىنچى، ئاياللاردا نېمە ئۈچۈن كىچىك تەرەتتىن كېيىن تىترەش ئالامىتى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ؟

كېيىن تەتقىقاتچىلار بۇ ئىشنىڭ قان بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. نۇرغۇن كىشىلەر سۈيدۈكنىڭ قان بېسىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. سۈيدۈكنى قىسقاندا، قان بېسىم نورمال ھالەتتىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. كىچىك تەرەتتىن كېيىن، قان بېسىم يەنە تۆۋەنلەيدۇ. لېكىن بەدەن چوقۇم بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردا «كاتېخولامىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى تېزلىكتە نورمال ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. كاتېخولامىن تۇيۇقسىز ئاجرىلىپ چىقىپ، بىزنى تېز سۈرئەتتە روھلاندۇرىدۇ.

ئاياللارمۇ بەزىدە «تىترەپ» قويىدۇ، لېكىن بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇپ ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سۈيدۈك چىقىرىش قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئەرلەر ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، قان بېسىمى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەيدۇ، تىترىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئەھۋال ئاستىدا، كىچىك تەرەت قىلىۋاتقان ھالەتتە ھەتتا ھوشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن.

كىچىك تەرەتتىن كېيىن نېمىشقا تىترەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى