ساغلاملىق

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردىكى ئالتە ئورتاقلىق

جەمئ‍ىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» سېپىغا قوشۇلماقتا. ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۈنەش قاتارلىق ناچار قىلمىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

لېكىن، تۇرمۇشتا ئۆمرى ئۇزۇن ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنداقتا، ئۆمرى ئۇزۇن ئەرلەرنىڭ قانداق ئورتاقلىقلىرى بار؟
ئۆمرى ئۇزۇن ئەرلەرنىڭ ئادەتتە 6 ئورتاقلىقى بولىدۇ:

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەردىكى ئالتە ئورتاقلىق

1. يىغلاشقا تېگىشلىك بولسا يىغلاش

ئەرلەرمۇ يىغلىسۇن! توغرا دەيسىز، يىغلاش خامۇشلۇقنى ھەيدەيدۇ، بۇمۇ ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنراق بولۇشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى، چۈنكى ئاياللار دائىم ياش تۆكىدۇ. ئامېرىكا «پىسخىكا ساغلاملىقى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەيپىياتى چۈشكۈن بولغاندا، بەدەن بىر خىل ئادرېنالىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ «ئازاب ھورمۇنى» دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، روھسىز قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا ئۆمۈرگە تەسىر قىلىدۇ. لېكىن «ئازاب ھورمۇنى» تەر ۋە كۆز يېشى ياكى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئىچى پۇشقاندا، كۆپرەك ھەرىكەت قىلسا ياكى قاتتىق يىغلىسا، بۇ خىل زىيانلىق ھورمۇننى چىقىرىپ تاشلاپ بەدەننىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىغا ياردەم قىلالايدۇ.

2. يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش

يېمەك ـ ئىچمەكنى يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇشنى ئەرلەر سۆرەلمىلىك دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە «يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش» سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا پايدىسى بار. ئەرلەرنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتى، ئادەتتە ئاچ بۆرىدەك يېيىش ياكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىش، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش بولسا، يېمەكلىكنى تولۇق ئۈزۈپ، چايناپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشتۇرۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئاشقازان ـ ئۈچەي ياخشىلانسا، بەدەن تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ!

 

3. ئۆتكەن ئىشلارنى بەك ئەسلەپ كەتمەسلىك

نۇرغۇن ئەرلەر ئۆتمۈشنى دائىم ئېسىدىن چىقارمايدۇ، ئۆتمۈشكە پېتىپ قېلىپ چىقىشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن ۋاقتىنى «گۈزەل ئۆتكەن كۈنلەر» دېگەندەك ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەشكە سەرپ قىلىش، ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن خوشلاشقانغا تەڭ. چۈنكى ئۆتمۈشكە زىيادە بېرىلىپ كېتىش ھازىرقى سىزنى كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، خىيالپەرەس، يار ـ يۆلەكسىز قويىدۇ. شۇڭا، ئۆتمۈشنى مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ، ھازىرنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى ئىگىلەپ، كۆڭلى ـ كۆكسىڭىزنى تېخىمۇ كەڭ تۇتۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولۇڭ.

4. ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىش

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا 7000 دىن ئارتۇق ئەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، %40 ئەرنىڭ ناشتا قىلىدىغان ئادىتى يوقلۇقى بايقالغان. ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇكى، ئۇلار قالغان %60 كىشىگە قارىغاندا، ئۆمرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.5 ياش ئازايغان. ئۇزاق مۇددەت ناشتا قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمەي، چۆكمە كىرىستاللىشىپ تاش پەيدا قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بەدەنگە ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ناشتىلىق ناھايىتى مۇھىم، ھەتتا بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋاق تاماق، چوقۇم يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

5. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇش

ياخشى ئۇخلاش، ئەڭ مۇھىمى ئۇخلاش ۋاقتى. ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا ياكى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولسا، ساغلاملىققا تەسىر يېتىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. نورمال ھالەتتە چوڭلار 7 ـ 9 سائەتكىچە، ئوتتۇرا ياشلىقلار 6 ـ 8 سائەتكىچە، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ھەر كۈنى 5.5 ـ 7 سائەت ئۇخلىسىلا بولىدۇ.

6. چىش ساغلاملىقى

بىر ئەرنىڭ بۆرەك قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرسا، بۆرەك قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولسا، يىلىك ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، سۆڭەك ۋە چىشنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەك، جۈملىدىن چىش تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. شۇڭا، چىشى ساغلام كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسى ئادەتتە بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

ئەرلەر ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ساغلاملىق ئۈچۈن بەش نۇقتىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

 

  1. يېمەك ـ ئىچمەكنى ئاستىراق يېيىش

2. چاينىمۇ ئىچىپ قويۇش

3. كۆپرەك دوست تۇتۇش

4. ئارام ئېلىشى ياخشى بولۇش
5. ھەرىكەت كۆپرەك بولۇش

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى