تەرمىلەر

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

2021-يىلى 1-ئايدا ئېلون ماسك (Elon Musk) دۇنيادىكى بىرىنچى باي دېگەن نامغا ئېرىشتى، بىر راكېتا بىلەن بىر قېتىمدا 143 دانە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تېسلا model Yنىڭ بارلىققا كېلىشى… ئېلون ماسكنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇنچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىنى ئۇنىڭ مۇكەممەل بولغان ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

تېسلا (ماسكنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى) ئۆزىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ جاپالىق ۋاقىتتا تۇرۇۋاتقاندا، ماسك پەقەت بىر نەچچە سائەتلا ئۇخلايتتى، ئاندىن قوپۇپ خىزمەت قىلاتتى، يەنە بىر نەچچە سائەت ئۇخلايتتى ۋە يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلاتتى. بىر ھەپتىنىڭ ھەممە كۈنىدە ئۇ مۇشۇ خىل ھالەتنى داۋاملاشتۇراتتى. كېيىن، ئۇ بۇ خىل خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان خىزمەت ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئەڭ قىسقا ۋە يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا ئىگە بولدى.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

ماسك دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئەڭ ئالدىراش ئەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەتتە شىركەتنى باشقۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئالتە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئادەتتىكى كىشىلەر ھەتتا «ئۈچ بېشى ۋە ئالتە قولى» بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىشى ناتايىن، ئۇنداقتا ماسك قانداق قىلىپ بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى؟

ئاۋۋال ئۇنىڭ قوللانغىنى «Time Boxing» (بىر خىل ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى) خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپ، ماسك ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقىت جەدۋىلىنى بەش مىنۇتلۇق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، پۈتۈن بىر كۈن يۈزلىگەن «ۋاقىت كۇبلىرى»غا پارچىلاندى.

خىزمەت ۋاقتىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەر، چوقۇم ئۇچراشمىسا بولمايدىغان شەخسلەر ۋە چوقۇم قاتنىشىشقا تېگىشلىك مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ماسك ئۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا ۋەزىپىلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش مىنۇت ۋاقىت تاماق يېيىش، ھەپتىدە ئون سائەت باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش، كىچىك تەرەتنى ئۈچ سېكۈنتتا ھەل قىلىش قاتارلىقلار بار.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى خىل ھەتتا ئۈچ خىل ئىشنى تەڭ قىلىش ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇ يىغىن ۋاقتىدا تېلېفونىدا سودا ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، تالون تەكشۈرگەندە ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ، بەزىدە بالىسى ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئويناۋاتقاندا ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ…

2017-يىلى مەلۇم بىر ژۇرنال ماسكنىڭ خىزمەتكە سەرپ قىلغان ۋاقتىغا قارىتا قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق يەكۈن چىقارغان: «باشقىلار سەككىز يىلدا تاماملىغان خىزمەتلەرنى ماسك پەقەت بىر يىلدىلا تاماملىيالايدۇ».

سېلىشتۇرۇلغان شىركەتلەر ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىش نىسبىتى تۆۋەندىكىچە (بىر قىسىمى):

راكېتا ياساشتا: Space X (ماسكنىڭ راكېتا قويۇپ بېرىش شىركىتى) 1 : 6 جېف بېزوس (Jeff Bezos)نىڭ ئالەم بوشلۇقى شىركىتى.

ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ماشىنا ياساشتا: تېسلا 1 : 4 فورد (Ford).

تونېل قېزىشتا: The Boring Company (ماسكنىڭ تونېل قېزىش شىركىتى) 1 : 14 ئادەتتىكى قېزىش شىركىتى.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

ماسك تېخنىكىلىق خىزمەت تەرەپلەردىكى ۋاقىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زادى قانداق نەرسە ئۇنىڭغا ۋاقىتنى كونترول قىلىش تۇيغۇسى بېرىدۇ؟

«بىرىنچى پىرىنسىپ» ماسك سۆزلەيدىغان نەزەرىيەلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسىي ئىلمىي پىرىنسىپ ياكى قائىدىلەرنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ يېڭى ئۇقۇم ۋە بىلىم ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىنى قىسقارتالايدۇ.

ھەقىقىي ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇستىلىرى ھەمىشە ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، بىرى بىل گەيتىس باشچىلىقىدىكى كەمتەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، بىل گەيتىس مېۋە ئىچىملېكىنى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ.

يەنە بىرى ماسكقا ئوخشاش خىزمەت ۋە ھېسسىياتتا تەڭ تەرەققىي قىلغانلار.

ماسكنىڭ «Time Boxing» خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ يادروسى بولسا بۇ ئىشنى قاچان قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشنى قىلىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى بازارلاردىكى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپمۇ ماسكقا ئوخشاش مۇرەككەپ ۋە تەرتىپسىز كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

ئېلون ماسكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئىككى كۈن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس. ئۇ بىر قېتىم زىيارەتتە ئۆزىنىڭ خىزمەت رىتىمىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ دۈشەنبە ۋە جۈمە كۈنى لوس ئانژېلېستىكى Space X شىركىتىدە، سەيشەنبە، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى سان فىرانسىسكودىكى تېسلا شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، شەنبە كۈنى يېرىم كۈن OpenAI (ماسكنىڭ سۈنئىي ئىدراك تەتقىق قىلىدىغان شىركىتى)دا خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ماسك ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تېسلادا 42 سائەت، SpaceXدا 40 سائەت خىزمەت قىلىدۇ.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

ماسكنىڭ قول ئاستىدا ھازىر يەتتە شىركەت بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ساھەسىدە باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار: SpaceX شىركىتى، تېسلا شىركىتى، The Boring Company شىركىتى، Hyperloop (دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول) شىركىتى، OpenAI شىركىتى، Future of Life Institute (كەلگۈسى ھاياتلىقنى تەتقىق قىلىدىغان شىركەت) ۋە Neuralink (چوڭ مېڭە ئۆزىكى) شىركىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇنداق مۇرەككەپ ھەم جاپالىق خىزمەت يۈكى ئۇنىڭدىن ھەپتىدە 100 سائەتكە يېقىن خىزمەت قىلىشنى، ئاۋارىچىلقلارغا يولۇققاندا ھەتتا ھەپتىدە 120 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تېسلا 2018-يىلى ئىشلەپچىقىرىش كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەندە، ماسك زاۋۇتتىلا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولدى.

ماسك ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «يېتەرلىك ئۇخلىمىسام ناھايىتى ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىمەن… مەن يەنە ئۇخلاش ۋاقتىنى قىسقارتساممۇ بولىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلسام مېنىڭ روھىي تەپەككۇر قابىلىيىتىم تەسىرگە ئۇچرايدۇ». شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەپتىسىگە 80 سائەتتىن 90 سائەتكىچە بولغان تېخىمۇ «سىجىل» ئىشلەش ھالىتىگە قايتىپ كەلدى.

ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ماسك ئارام ئېلىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. مەلۇم بىر قېتىملىق زىيارەتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئالتە سائەتتىن ئالتە يېرىم سائەتكىچە ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئادەتتە، ئۇ كەچ سائەت بىردە ئۇخلاپ، ئەتىگەن سائەت يەتتىدە ئويغىنىدۇ. ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ئۇ دائىم ناشتا قىلىشتىن ۋاز كەچتى، ئاندا-ساندا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىدۇ ۋە بىر تال تۇخۇم يەيدۇ. ماسكنىڭ لۇغىتىدە، ناشتا قىلغاندىن كۆرە يۇيۇنغان ياخشى.

يۇيۇنۇش ئادەتتە مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھارغىنلىقنى ئازايتىدۇ ۋە زېھنىنى يىغىشقا ياردەم بېرىدۇ. يۇيۇنۇش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئەڭ مۇھىم ئادىتىگە ئايلاندى. ئۇ بىر قېتىم مەلۇم بىر تور بېكەتتە يۇيۇنۇش ئۇنىڭ ھاياتىغا «ئەڭ ئىجابىي تەسىر» قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ماسك ئۆزىنىڭ سودىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

نۇرغۇنلىغان سودا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق ھەل بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تېلېفوننى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنى ياقتۇرىمەن ھەمدە ئىمكانقەدەر ماس قەدەمدە ئالاقىلىشىشقا تىرىشىمەن، مەن ئېلېكتىرونلۇق يوللانما يېزىشقا بەك ئۇستا». ئۇ يەنە ناھايىتى مۇرەككەپ ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئادرېسىنى ئىشلىتىپ، شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلاندى ھەمدە بۇ ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلىدى.

ئۇ يەنە بىر يىغىندا چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق يوللانما يازدىم، مەن ئۇنىڭغا بەك ئۇستا، بۇ مېنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىم». ئۇ دائىم ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق شىركەت خىزمەتچىلىرىگە خىزمەت بۇيرۇقلىرى، ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى قانداق يۇقىرى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا يوللانما ئەۋەتىدۇ. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ماسك بارلىق خىزمەتچىلەرگە ئۇلار ئىنتىزار بولغان ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنى ئەۋەتتى: «مېنىڭچە بىز ھەقىقىي ماشىنا شىركىتىگە ئايلاندۇق. بىز يەتتە كۈندە 5031 دانە Model 3 ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقاردۇق». ماسك ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق تېسلانىڭ ئەڭ ئابىدە خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.

خىزمەت ئۈنۈمى جەھەتتە خىزمەت نىشانى ئېنىق بولماسلىق ھەمدە سەۋەب تېپىپ خىزمەت مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ماسك ئۈچۈن ئەڭ چىدىغۇسىز ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر بىرەيلەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇنداق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەلۇم بىر خىل خىزمەت ئۇسۇلىنى تاللىغانلىقىنى ئېيتسا، ماسك بۇ خىزمەتچىنى دەرھال يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ماسك ھۇرۇنلۇق قىلىشنى ياكى بىر قائىدىدە چىڭ تۇرۇشنى يامان كۆرىدۇ، ئۇ دائىم «مەن بۇنى قايتا ئاڭلاشنى ھەرگىز خالىمايمەن، بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مېڭىشىمىز، ئالا كۆڭۈل بولۇپ قېلىشقا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دەيدۇ.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

بىر خىزمەتچى بالىسى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بىر پائالىيەتنى قولدىن بېرىپ قويغان. ماسك دەرھال بىر پارچە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاپ مۇنداق دېدى: «بۇ باھانە ئەمەس، مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم. سىز نېمىنىڭ سىز ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك. بىز دۇنيانى ئۆزگەرتىۋاتىمىز، بىز تارىخنى ئۆزگەرتىمىز. ئەگەر سىز پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقىرىشنى خالىمىسىڭىز، شىركەتكە كېلىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق».

قارىماققا ئۇ ھېسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان، بەزىدە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساراڭلارچە خىزمەت قىزغىنلىقى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئۆزگىچە تەپەككۇرى يەنىلا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ:

«ماسك بىر ئاسان چىقىشقىلى بولمايدىغان خوجايىن، ئۇنىڭ خىزمەتكە بولغان تەلىپى بەكلا يۇقىرى. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۇنى رازى قىلىشى تەس؛ ئۇ ھەمىشە ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بەزىدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەش كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كەچۈرمىش، ئۇ ھەمىشە توساق ۋە «قېلىپ»نى بۇزۇپ تاشلاپ، بىزنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى بىزنى ئىلھامغا كەلتۈرىدۇ».

ماسك خىزمەتچىلەرنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا ھەمىشە جەڭ ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ سىناققا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ماسك شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ساراڭلارچە خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەڭ سىرلىق بولغىنى شۇكى، ھەممە خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى چۈشىنىدۇ.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

مەيلى خىزمەتتە ياكى خىزمەت سىرتىدا بولسۇن، ماسكنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

كەسىپ قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنىلا بىر قىسىم قىزىقىش ياكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ. ماسك بولسا بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشى كىتاب ئوقۇشنى تېپىۋالدى. بىل گەيتىس كۈنىگە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇيدۇ، پايچىك شاھى باففېت ھەر كۈنى پۈتۈن ۋاقتىنىڭ ئوندىن سەككىز ئۈلۈشىدە كىتاب ئوقۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە، ماسكمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

SpaceX دائىم ئىشلىتىدىغان دېڭىز راكېتاسىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىدىغان ۋە قوندۇرىدىغان ئىككى پاراخوتىنىڭ ئىسمى «Of course I still love you» (تەرجىمىسى مەن سىزنى ئەلۋەتتە يەنىلا ياخشى كۆرىمەن) ۋە «Just Read the Instructions» (تەرجىمىسى: كۆرسەتمىنى ئوقۇڭ) بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئىلمىي فانتازىيىنى ئاساس قىلغان. بۇ بولسا ماسكنىڭ شوتلاندىيەلىك يازغۇچى بانكىس (Iain Banks)قا بولغان ھۆرمىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەت يۈرۈشلۈكى ئىلمىي فانتازىيەلىك رومانلىرىدا، ئىككى ئالەم كېمىسى مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

ھەپتە ئاخىرىدا، ئۇ پۇللارنى قانداق خەجلەشنى قارار قىلىش ئۈچۈن ھەمىشە تەڭگە تاشلايدۇ. يەكشەنبە كۈنى ئۇ يا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەت قىلىدۇ ياكى ئۆيىدە تۇرىدۇ؛ شەنبە كۈنى ئۇ داۋاملىق Space X ياكى Y Combinatorغا بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ ياكى مەخسۇس ۋاقىت سەرپ قىلىپ بالىلىرىغا ھەمراھ بولىدۇ.

ئېلون ماسكنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى

ماسك ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەڭ مۇھىم ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بالىنى ئۆزى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ. مەيلى ئۇ قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا بىر ياخشى دادا، ئۇ ئۆزىنىڭ تېسلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ، بالىسىنى Space X باش ئىشتابىغا سېلىنغان تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى Ad Astraغا ئاپىرىپ قويىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى لاتىنچە ماقال تەمسىل «aspera ad astra» دىن ئېلىنغان بولۇپ، «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ماسك يەنە ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك كىنو-فىلىملەر «پولات پالۋان» (钢铁侠)، «تۇرمۇشتىكى چوڭ پارتلاش» (生活大爆炸) قاتارلىقلاردا پەيدا بولغان. بۇنداق ھەقسىز ئاممىۋى مۇناسىۋەت پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەشۋىق قىلىشقا كېرەكلىك بولغان ۋاقتىنى تېجەپ قالالايدۇ.

دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمىشە روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋە ھەمىشە غەلىبە قىلىدىغان ماسك ھازىر ئۆزىنىڭ جاپالىق ۋە ئازادە ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسلۇبىدىن چېكىنىپ چىقتى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى