ۋوردپرەس

ۋوردپرەس ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسى

ئۇيغۇر فونت قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى


ســــــــــــالام بىــــــــــــلوگېر:

قەدىرلىك تورداش ئالدى بىلەن سىزنىڭ مەزكۇر قىستۇرمىنى ئىشلەتكىنىڭىزگە چىن-دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !

ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ قىستۇرمىغا قارىتا قايتىدىن يېزىش ، ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئېلىپ باردىم . ھەمدە بۇ ئەمگەك مېۋەمنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ، مەن بىر كەسپى پروگراممېر ئەمەس شۇڭا بۇ قىستۇرمىنى تەييارلاش جەريانىدا خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي ، بايقالغان خاتالىقلار كەڭ تورداشلارنىڭ ياردىمىدە كېيىنكى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتىدە تۈزىلىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن. 

ھۆرمەت بىلەن: بىلبىلىك

مەنزىل: Www.BilBilik.Com

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى


 تۆۋەندە قىستۇرمىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى سۇئال-جاۋاب شەكىلدە بېرىلدى ھەمدە سىز يولۇققان مەسىلىلەرنى بۇ بەتكە ئىنكاس قىلىڭ !


ئۇيغۇر-فونت دېگەن نېمە ؟  

ئۇيغۇر-فونت ئۇيغۇرچە ۋورپرەسنىڭ ئالدى كەينى سەھنىدە تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىنى ھەرخىل زىيارەت ئۈسكىنىلىرىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋورپرەس قىستۇرمىسى ، بولۇپ ، قىستۇرمىنى ئورناتقاندىن كېيىن ھەر قانداق ئۇسلۇبقا ئايرىم خەت نۇسخىسى تەڭشەش ئورنىتىش كەتمەيدۇ ھەممە ئۇسلۇبقا ماسلىشالايدۇ ، يازما يوللاش تەھرىرلەش ۋە ئارخىپ رايونىدا كۆپ خىل خەت نۇسخىنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئالدى كەينى سەھنىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ۋە يېزىق كىرگۈزۈشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز !


ئۇيغۇر-فونت ھەقسىزمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ھەقسىز ؟  

 ئۇيغۇر-فونت ئەسلىدىنلا ئوچوق كودلۇق قىستۇرما ، قىستۇرمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى « تەدبىركار ئەپەندىم » ھەقسىز تارقاتقان . كېيىن بۇنى دوغاپ بىلوگىدىن « دوغاپ ئەپەندىم » ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئشلىرىنى قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان . بۇ قېتىم بىلبىلىك بىلوگىدىن « بىلبىلىك » مۇ يۇقىرىدىكى ئىككى ئاپتورنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتتى.


ئۇيغۇر-فونتنىڭ يەنە قانداق پىلانى بار ؟  

 ئۇيغۇر-فونت ئۇ.ك.ئى.ج ( ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى ) نىڭ بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلىپ باشقا شىركەتلەرنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى بەدىئىيلىكى يۇقۇرى يارقىن بولغان چىرايلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئۇيغۇر فونت ئامبىرىغا تولۇقلاش ۋە ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنىڭ بۇلۇت نۇسخىسىنىمۇ تۈزۈپ چىقىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاشلارنى ئېلىپ كېلىش.

ئۇيغۇر خەت نۇسخىلىرى


  قىستۇرمىنى قانداق ئورنىتىمەن ؟ 

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، بىلوگىڭىزنىڭ ئارقا باشقۇرۇشقا كىرىپ ئوڭ تەرەپ تىزگىنداندىن: قىستۇرمايېڭىدىن قوشۇش دېگەننى بېسىپ قىستۇرما ئورنىتىش بېتىگە كىرىپ قارىسىڭىز ئەڭ ئۈستىدە قىستۇرمىنى يېڭىلاش دېگەن خەت بار شۇيەرنى چۈشۈرگەن قىستۇرمىنى بىلوگىڭىزغا يوللاڭ.   


  قىستۇرمىنى قانداق قوزغىتىمەن ؟  

قىستۇرمىنى ۋوردپرەسكە ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئوڭ تەرەپ تىزگىنداندىن: قىستۇرماقاچىلانغان قىستۇرمىلار دېگەننى بېسىپ قىستۇرمىلار بېتىگە كىرىپ قارىسىڭىز ئۇيغۇر فونت دېگەن قىستۇرمىنى كۆرىسىز ئۇيغۇر فونت دېگەن خەتنىڭ ئاستىدا: قوزغىتىش | ئۆچۈرۈش دېگەن خەت بار سىز قوزغىتىش دېگەننى بېسىپ قىستۇرمىنى قوزغىتىڭ .  


  خەت نۇسخىنى قانداق ئالماشتۇرىمەن ؟  

ئوڭ تەرەپ تىزگىنداندىن: ئىشلەتكۈچىلەرئارخىپ دېگەن بەتكە كىرىپ ئەڭ ئاستىغا قاراڭ شۇ يەردىن خەت نۇسخىسىنى تاللىيالايسىز.


  ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالدى سەھنىدە ئىختىيارى خەت نۇسخا ئىشلىتشكە بولامدۇ ؟  

ئەلۋەتتە بولىدۇ ! ئوڭ تەرەپ تىزگىنداندىن: تەڭشەكلەر دېگەننى بېسىپ ئاساسلىق تەڭشەكلەر بېتىگە كىرىپ ئەڭ ئاستىغا چۈشۈپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالدى سەھنىدە ئىختىيارى خەت نۇسخا ئىشلىتىشىگە قوشۇلامسىز ؟ دېگەننى تېپىپ رۇخسەت نى تاللاڭ.


  ئۆزھالدىكى خەت نۇسخىسىنى قانداق ئالماشتۇرىمەن ؟  

ئۆزھالدىكى خەت نۇسخىسى ، ئەلكاتىپ يازما توم ALKATIP Yazma Tom بولۇپ قىستۇرما قوزغالغاندا ئالدىكەينى سەھنىدە مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدۇ . بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن: ئوڭ تەرەپ تىزگىنداندىن: قىستۇرماقىستۇرما تەھرىرلەش دېگەننى بېسىپ قىستۇرمىنى تەھرىرلەش بېتىگە كىرىڭ ئاندىن

OZHAL-AS.css ‹-----------
OZHAL-KS.css  ‹----------- 

بۇ مۇنداق ھۆججەت OZHAL-AS.cssfff  دېگىنى ئالدى سەھنىنىڭ ئۆزھالدىكى خەت نۇسقىسى  OZHAL-KS.css  بولسا كەينى سەھنىنىڭ ئۆزھالدىكى خەت نۇسخىسى سىز بۇ ھۆججەتنى ئېچىڭ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ ! ئەگەردى سىزنىڭ CSS دىن خەۋرىڭىز بولمىسا ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭغا چېقىلماڭ ، ياكى بىلىدىغانلاردىن سوراڭ . بولمىسا قىستۇرمىنى بۇزىۋالسىز.


  ئالدى سەھنىدە خەت نۇسخىنى ئارىلاش ئىشلىتەلەمدىم ؟

كۆرۈنۈشخاسلاشتۇرۇش دېگەننى بېسىپ خاسلاشتۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى تىزگىندان ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز قوشۇمچە CSS دېگەن تاللاش بار شۇنىڭغا كىرسىڭىز قوشۇمچە CSS خاسلاشتۇرۇشقا كىرىسىز ، سىز شۇ يەرگە ئالدى سەھنىنىڭ قايسى ئورۇندىكى خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئاۋال خەت نۇسخىنى تاللىۋېلىپ شۇ ئورۇننىڭ ئېلىمىنتىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىڭ مەسىلەن: مەن ئالدى سەھنىدىكى يازمىلارنىڭ پەقەت ماۋزۇسىنى ئەلكاتىپ تەئەللىق خەت نۇسخىسىدا كۆرسەتمەكچى بۇنىڭ ئۈچۈن مەن قوشۇمچە CSS  كە بۇ كودنى يازىمەن:

.entry-title{font-family:"ALKATIP Talik" !important ;} ‹----------- بۇ ئالدى سەھنىدىكى يازما ماۋزۇسىنىڭ ئېلىمىنتلىرى


  يازمىلاردا خەت نۇسخىنى ئارلاش ئىشلىتەلەمدىم ؟

يازما تەھرىرلىگۈچنىڭ خەت نۇسخىنى تاللاش قورالىغا قارىسىڭىز كۆپ خىل خەت نۇسخىنى تاللاش بېرىلدى. سىز يازمىلار ئارىسىدا بىرنەچچە خىل خەت نۇسخىنى تەڭ ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى ھەممىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .


  يازمىدىكى ئارلاش خەت نۇسخىسىنى بارلىق زىيارەت ئۈسكىنىلەردە نورمال كۆرسىتەلەمدىم ؟

يازما ئارىسىدا بارلىق خەت نۇسخىنى تەڭ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ بىراق ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخا زىيارەت ئۈسكىنىسىدە بولماي قالسا قىستۇرما ئۆزلىكىدىن زىيارەت ئۈسكىنىنىڭ تىپىنى بايقاپ ئۇنىڭغا يۈكلىمەكچى بولغان خەت نۇسخا فورماتىنى ماسلاشتۇرۇپ يۈكلەيدۇ . ھەر بىر خەت خەت نۇسخىسىنىڭ توربەت يۈزىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان كودلاش شەكىللىرى تولۇق بېرىلدى . يازما ئارىسىدا قانچە خىل خەت نۇسخا ئىشلەتكەن بولسىڭىز پەقەت شۇنىلا يۈكلەيدۇ شۇڭا بەت سۈرئىتىنىڭ يۈكلىنىشىنى ئاستىلاپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەش بىھاجەت . بىراق ، بىر يازما ئارىسىدا بەك كۆپ خەت نۇسخىنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.


ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى مەنبەدىن ئورتاق پايدىلىنالامدىم ؟

پۈتكۈل بىكەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى خالىغان بىر CSS مەنبەنى ئۇلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى مەنبەدىن خالىغانچە پايدىلىنالايسىز . مەسىلەن: ۋوردپرەس سېستىمىسى سىرتىدا ئايرىم بەت ياكى سېستىما ئاچقان بولسىڭىزمۇ شۇ بەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىن خالىغان خەت نۇسخىنىڭ CSS مەنبەسىنى ئۇلىسىڭىزلا بولىدۇ. 


ئۇيغۇر-فونت كۆپ بىلوگنى قوللامدۇ ؟

ئۇيغۇر-فونت باش بىلوگقا ئورنىتىلغاندىن كېيىن تارماق بىلوگلارمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلىنلايدۇ.


ئۇيغۇر-فونتقا قانداق يېزىق كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلگەن ؟

ئۇيغۇر-فونت تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە « چېچەن كىرگۈزگۈچ » ئىشلىتىلگەن بولۇپ نۆۋەتتە بۇ ئەڭ ئىلغار بولغان تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قولايلىق . ھەرقانداق ئورۇنغا تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز . CTRL كونۇپكىسى بىلەن K كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىش (CTRL+K) ئارقىلىق ئۇيغۇرچە-لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. (ھالەت ستونىدىكى ئۇ – En كونۇپكىسىنى بىۋاستە بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ).

chichen      chichen

كىرگۈزگۈچكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ  ئورنىتىلغان بولۇپ بۇ ئىقتىدار ئەسلىي چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۆزىنىڭ ئورگان تورى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن بۇ قېتىم بۇ ئىقتىدارىنى ۋوردپرەسكە ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۈم . بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: زىيارەتچىلىڭرىڭىز بېكىتىڭىزدىكى خەۋەر ياكى ماقالىلەرنى كۆرگەندە چۈشىنەلمىگەن ياكى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا شۇ سۆزلۈكنى قارىغا ئالسا (تاللىسىلا) ئىزدىگۈچ شۇ زامان پەيدا بولىدۇ . ئىزدىگۈچنى چەكسىلا تاللىغان سۆزنى بېكىتىڭىزدىن ئىزدەپ بېرىدۇ. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ توربېكىتىڭىزنى رەڭدار قىلىدۇ ھەم بېكىتىڭىز زىيارەتچىلىرىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىقتىدار ، ۋوردپرەسنى بوشلۇقىڭىزنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە ئورناتقان بولسىڭىز ئىزدەش ئىقتىدارى نورمال ئىشلەيدۇ . كۆپىنچە توربىكەتلەر بوشلۇقنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە ئورنىتىلدىغان بولغاچقا مەنمۇ كۆپ سانلىقنى نەزەرگە ئېلىپ كودنى غول مۇندەرىجىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەڭشىدىم . ئەگەردە سىز ۋوردپرەسنى تارماق مۇندەرىجىلەرگە ئورناتقان بولسىڭىز مۇنداق قىلىڭ: قىستۇرماقىستۇرما تەھرىرلەش دېگەننى بېسىپ قىستۇرمىنى تەھرىرلەش بېتىگە كىرىڭ ئاندىن .js     

UG_vk.js ‹----------------  

مانا بۇ ھۆججەتنى بېسىپ تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL+F

/?s=%s

بۇ كودنى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسىڭىز بۇ كودنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ كودنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى  /    يانتۇ سىزىق بوشلۇقىڭىزنىڭ غول مۇندەرىجىسىنى بىلدۈردۇ. سىز شۇنىڭ كەينىگە تارماق مۇندەرىجىنىڭ نامىنى يېزىپ كەينى يەنى شۇ   /   يانتۇ سىزىق قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن كۆپ ساندىكى بىكەت مۇنداق ئېچىلىدۇ:

www.bilbilik.com

مانا بۇ غول مۇندەرىجە ئەگەر سىز ۋورپرەسنى تارماق مۇندەرىجىگە ئورناتقان بولسىڭىز ئۇ چاغدا بېكىتىڭىز بۇ تورمەنزىلىدە ئېچىلمايدۇ مەسىلەن:

www.bilbilik.com/nur

مانا ماۋۇ يەردىكى nur دېگەن تارماق مۇندەرىجە دېگەن گەپ ئەمىسە بايىقى ئورۇننى مۇنداق ئۆزگەرتىپ قويساقلا ئىش پۈتىدۇ.

/nur/?s=%s

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ سىن-بەلگىسى ئىزدە ئورگان تورىغا ئۇلانغان ئەگەردە بۇنى بېكىتىمنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز سىن-بەلگىنى ئۆز بېكىتىڭىزدىن يۈكلىنىدىغان قىلىپ تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك سىز يەنىلا .js     ھۆججىتىدىن    http://www.izda.com/keyboard/ime_bg.gif      نى تېپىپ ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ .

ئۆزىڭىزنىڭ مۇنداق:    http://www.XXX.xxx/wp-content/plugins/Uyghur-Font/Resim/ime_bg.gif       سىز بۇ يەردىكى XXX.xxx نى ئۆزىڭىزنىڭ تورمەنزىلىگە ئالماشتۇرۇڭ.


يېزىق كىرگۈزگۈچنى تىزگىنلىيەلەمدىم ؟

    ھۆججىتىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق كىرگۈزگۈچنى تولۇق تىزگىنلىيەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاۋال: قىستۇرماقىستۇرما تەھرىرلەش دېگەننى بېسىپ قىستۇرمىنى تەھرىرلەش بېتىگە كىرىڭ ئاندىن   TYUK-Tizgin.js  

TYUK-Tizgin.js   ‹----------------

var yahxi_option = {
ui : true,
on : true,
targets : []
}

جىددىي ئەھۋالدا قانداق قىلىمەن ؟

كۆرۈنۈشخاسلاشتۇرۇش دېگەننى بېسىپ خاسلاشتۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى تىزگىندان ئەڭ ئاستىغا قارىسىڭىز قوشۇمچە CSS دېگەن تاللاش بار شۇنىڭغا كىرسىڭىز قوشۇمچە CSS خاسلاشتۇرۇشقا كىرىپ ، تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرۇڭ:

@import url(/wp-content/plugins/Uyghur-font/Font/OZHAL-AS.css);

 

بۇ مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋوردپرەسنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كىرىپ wp-admin دېگەن ھۆججەتداننى ئېچىڭ ئىچىدە admin-header.php دېگەن ھۆججەتنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ئەڭ ئاستىنقى قۇرغا بۇ كودنى قوشۇڭ:

echo "<link href=\"../../wp-content/plugins/Uyghur-Font/Font/OZHAL-KS.css\" rel=\"stylesheet\" type=\"text/css\" />\n";

ناھىيەسىگەرچە قىستۇرما توختىتىلغان بولسىمۇ ئامبىرىدىن يەنىلا پايدىلانغىلى بولىدۇ ، بۇ خۇددىي توك يولىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدىن كاشىلا كۆرۈلگەن بولسا كاشىلا كۆرۈلمىگەن ئورۇنغا بىۋاستە بىر تال توك سىمى تارتىپ ۋاقىتلىق پايدىلانغاندەك بىر ئىش . بۇ مەشغۇلات بېكىتىڭىزنىڭ ئالدى كەينى سەھنىلىرىنى بىۋاستە ئۆزھالدىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش بىلەن تەمىنلەيدۇ . بىراق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزى ئالدىغا تاللىغان خەت نۇسخىلىرى قىستۇرمىنىڭ مەسىلىلىرى ھەل بولغۇچە ۋاقتىنچە ئىشلىمەيدۇ ھەمدە پۈتكۈل بىكەتنىڭ خەت نۇسخى ئۆزھالدىكى خەت نۇسخىدا بولىدۇ . يۇقۇرقى مەشغۇلاتلار ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئورگان تەرەپ ياكى باشقا بىلوگېرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىرلەشسىڭىز بولىدۇ.


قىستۇرما ئارخىپى

قوللىشى
WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشىرى ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرىگە ماس كېلىدۇ. كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ.
يېڭىلاش خەت نۇسخىسى17 خىلغا كۆپەيتىلدى . بىر قىسىم ئايكونلارنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى ھەل قىلىندى . تەھرىرلىگۈچكە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى.
نەشىرى 2.21
ۋاقتى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئېرىشىش Uyghur-Font

قوللىشى
WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشىرى ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرىگە ماس كېلىدۇ. كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ.
يېڭىلاش Font Awesome نىڭ بارلىق ئايكونلىرىنى تولۇق تونۇتۇش ھەل قىلىندى . CSS كودلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك قايتا رەتلىنىپ ئىخچاملاندى. كۆرگەزمە ئىقتىدارى تەھرىرلىگۈچكە مۇجەسسەملەندى.
نەشىرى 2.22
ۋاقتى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئېرىشىش Uyghur-Font-2.22

قوللىشى
WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشىرى ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرىگە ماس كېلىدۇ. كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ.
يېڭىلاش خەت نۇسخىسى20 خىلغا كۆپەيتىلدى . CSS كودلىرىدىكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى .
نەشىرى 2.23
ۋاقتى 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئېرىشىش Uyghur-Font-2.23


قوللىشى
WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشىرى ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرىگە ماس كېلىدۇ. كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ.
يېڭىلاش خەت نۇسخىسى24 خىلغا كۆپەيتىلدى .
نەشىرى 2.24
ۋاقتى 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئېرىشىش Uyghur-Font-2.24

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

6 باھا

  1. مانا بۇ تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق،مۇبارەك بولسۇن ۋوردپرەس ئىشتلىش ئىشتىياقىمنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردىڭىز! مۇشۇنداق نادىر تېخنىكىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، مەنچە نۇرغۇن بىلوگداشلار مۇشۇنداق ئىقتىدارلىق قىستۇرمىغا ئېھتىياجلىق قىستۇرمىنى قاچىلاپ سىناپ كۆردۈم ھەقىقەتەن قالتىسكەن يازما يوللىغاندا مەزمۇنلارنىمۇ نەچچە خىل خەت نۇسخېسىغا ئۆزگەرتەلەيدىكەنمىز! ھەربىر ئۇسلۇپقا ئارتۇقچە خەت نۇسخىسى تونۇتۇش ئۆزگەرتىش تەڭشەش ھاجەتسىزكەن، مۇشۇ قىستۇرما ئارقىلىقلا ئۇيغۇرچە نورمال كىرگۈزۈش، ۋە ئۇيغۇرچە ئۆلچەمكىك كۆرسىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمىز! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي، توختاپ قالماڭ!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى