تەرمىلەر

ئېدىسون ئۇلۇغ كەشپياتچىمۇ ياكى مەككار سودىگەرمۇ؟

توماس ئېدىسون 1847-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ئوخىئو ئىشتاتىدا تۇغۇلۇپ، 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا ۋاپات بولغان. داڭلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى.

ئېدىسون ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش پرىنسىپى ۋە ئېلېكترونلۇق قۇرۇلۇش تەتقىقات تەجرىبىخانىسى ئارقىلىق كەشپىيات پاتېنتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن شەخىس. ئۇ، فاتىفون، كىنو ئاپپاراتى، لامپۇچكا قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىپ، دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتچىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتتە بىر مىنۇت توك ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بىراق «توك» توغرىسىدىكى دەتالاشمۇ بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان.

 ھەممەيلەنگە مەلۇم، تۇراقلىق توكنى ئېدىسون كەشىپ قىلغان. ئۆزگىرىشچان توك بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن ئېدىسون كەشىپ قىلغان تۇراقلىق توك ئامېرىكىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ئىدى. بىراق يىراق جايلارنى توك بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلگەندە، تۇراقلىق توكنىڭ كەمچىلىكى گەۋدىلىنىشكە باشلايتتى. چۈنكى تۇراقلىق توكقا نەچچە ھەسسىلەپ بېسىم بېرىپ، يۇقىرى بېسىمدىن پايدىلىنىپ تارقاتقىلى بولمايتتى. بۇ يىراق ئارىلىققا توك تارتقاندا توك سىمىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن خوراپ كېتىدىغان توك كۈچىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئېدىسوننىڭ بۇنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلى ناھايىتى « ئاددىي ھەم قوپال» ئىدى، يەنى ئۇ توك تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئارىلىقىنىڭ بەك يىراق بولۇپ كەتمەسلېكىنى تەلەپ قىلدى. بىراق تېسلانىڭ پەيدا بولۇشى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتتى. ئېدىسون لامپۇچكىنى كەشپ قىلغاندىن كېيىن ئېلېكتىر تورى شىركىتى قۇردى ھەمدە يۇقىرى مائاش بىلەن مۇنەۋۋەر ئالىملارنى تەتقىقات قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ يېقىدىكى تالانتلىق ئالىم تېسلا ئېدىسون كەشىپ قىلغان تۇراقلىق توكىنىڭ سەرپىياتى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش، تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت كەمچىلېكىنى بايقىغان ئىدى.

تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا چۆمگەن تېسلا ئۆزىنىڭ ئوي پىكىرىنى ئېدىسونغا ئېيتقاندىن كېيىن، ئېدىسون بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىشىغا يول قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي تېسلا ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپ قىلدى. ئېدىسون كىرزىس ھېس قىلدى ھەمدە بۇ كەشپىيات ئۈچۈن پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىپ بازارغا سېلىشنى رەت قىلدى. 

تېسلا ئېدىسوننىڭ تەجرىبىخانىسىدىن ئايرىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ شىركىتى قۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئۆزگىرىشچان توك تېخنىكىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلدى. ئېدىسون چوڭ رەقىبكە دۇچ كەلگەنلېكىنى ھېس قىلدى. رەقىبىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇ ھەر خىل ئاماللارنى تېپىپ، تېسلا كەشىپ قىلغان ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ھەر خىل كەمچىلىكلىرىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلماقچى بولدى. ئۇ ئادەم ياللاپ تەجرىبە قىلدى ھەمدە ئۆزگىرىشچان توك ئارقىلىق مۈشۈك، ئات قاتارلىقلارنى سوقتۇردى، بۇ ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان توكنىڭ تۇراقلىق توكقا قارىغاندا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق ۋەھىمىسىنى قوزغىدى.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزگىرىشچان توكنىڭ يېڭىپ چىقىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالدى. ئېدىسون قورقۇنۇچ پەيدا قىلىپ ئۆزگىرىشچان توكنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى ھەمدە 6600 ۋوتلۇق ئۆزگىرىشچان توك ئىشلىتىپ سېرك ئۆمىكىنىڭ چوڭ پىلىنى توكقا سوقتۇرۇپ تەجرىبە قىلدى. ئېدىسوننىڭ ياردەمچىسى ئۆزگىرىشچان توكنى ئىشلىتىپ يىڭى ئۈسكۈنە–توك ئورۇندۇقنى كەشىپ قىلدى ھەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى توكتا سوقتۇرۇپ ئۆلتۈردى، شۇ ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان توكنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. بۇ تارىختىكى ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان ئۆلۈم جازاسى شەكلى بولۇپ قالدى.

ناھىيەسىگەرچە ئېدىسون ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۆزگىرىشچان توكنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزگىرىشچان توك يەنىلا غەلبە قىلدى. 1893-يىلى 5-ئايدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسىدە تېسلانىڭ ۋېستىڭ خاۋس شىركىتى ئۆزگىرىشچان توكنى كۆرگەزمىدە نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 100 مىڭلىغان تاماشىبىنلار مەيدانغا كىردى. شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئۆز قولى بىلەن كۈنۇپكىنى باستى، پۈتكۈل تاماشىبىن كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھاڭ تاڭ قالدى.

 ئۇنىڭدىن كېيىن تۇراقلىق توك ئاستا-ئاستا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. ئۆزگىرىشچان توك باشلامچىلىق ئورنىنى ئىگىلىدى. بىراق تۇراقلىق توكنىڭ بېسىمىنى ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇراقلىق توكنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ قايتىدىن گەۋدىلىنىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزمۇ زور كۆلەملىك ئۇزاق ئارىلىقتىن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

ئېدىسون  پۈتكۈل ھاياتىدا ئىنسانىيەتكە سان-ساناقسىز تۆھپە قوشتى. بىراق كەشپىياتچى ئالىمدىن تىجارەتچىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى زەھەرلەندى. بىراق ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن فاتىفون، كىنو ئاپپاراتى، لامپۇچكا قاتارلىقلار.

ئېدىسون ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىنى ناھايىتى نامراتلىق ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. شۇڭلاشقا ئۇ پۈتۈن زېھنىنى قانداق ھايات كەچۈرۈشكە قاراتمىسا بولمايتتى، بۇ ئۇنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا بەلگىلەنگەن. شۇڭلاشقا ئۇ كېيىن ئۆز مەنپەئەتىنى، شىركىتىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىغان.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى