تەرمىلەر

ھوللىۋودنى «ئۇقۇشماي» ۋۇجۇدقا چىقىرىپ قويغان كەشپىياتچى-ئېدىسون

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېدىسون تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر ھەمىشە ئۇنىڭ توكنى كەشىپ قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنە ئۇقۇشماستىن يەنە بىر تۆھپە قوشۇپ سالغان.

1893-يىلى، ئېدىسون ئۆزىنىڭ كىنو تېخنىكىسىغا تايىنىپ دۇنيادىكى تۇنجى كىنو بازىسىنى قۇرغان، 1903-يىلى شىركەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تۇنجى ھېكايە كىنوسى «پويىزدىكى بۇلاڭچىلىق»(列车抢劫)نى ئىشلىگەن. 1908-يىلى ئېدىسون كەشىپ قىلغان كىنو قويۇش ئاپپاراتى پاتنېت ئېلىپ، شۇ دەۋردىكى تەڭداشسىز كىنوچىغا ئايلانغان.

بۇ ۋاقىتتا ئېدىسون ئاللىقاچان ھوشيارلىق بىلەن كىنوچىلىقنىڭ ناھايىتى پۇل تاپىدىغان ساھە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق تېخنىكىسى پاتنېتىدىن پايدىلىنىپ پىلان تۈزۈشكە باشلىغان. 1909-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىدىكى يەتتە كىنوچىلىق شىركىتى ۋە ئىككى فىرانسىيە كىنوچىلىق شىركىتىدىن تۈزۈلگەن «كىنو پاتنېتى شىركىتى» قۇرۇلغان. بۇ شىركەتنى ئېدىسون باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ شىركەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىنى كونترول قىلماقچى بولغان.

ئېدىسون ئۆزىنىڭ كىنو ئىشلەش ۋە كىنو قويۇش جەھەتتىكى پاتنېتى بىلەن ئامېرىكا كىنوچىلىق ساھەسىدە ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەسىلەن: ئۇ ئامېرىكىدىكى بارلىق كىنوخانىلاردىن ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭ كىنو پاتنېتىغا قارىتا بەش دوللار پاتنېت ھەققى تاپشۇرۇشنى، كىنو تارقىتىش سودىگەرلىرى چوقۇم يىلدا 5000 دوللار پاتنېتنى ئىشلىتىش پۇلى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. كىنوچىلىق پاتنېتى شىركىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ھېچكىم كىنو ئىشلىيەلمەيدۇ، ھېچقانداق كىنونى قويالمايدۇ. ئېدىسون كىنو ئىشلەش، تارقىتىش، قويۇش قاتارلىق بارلىق ھالقىلارنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ غايەت زور كىرىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان، لېكىن بۇ ئىش ئامېرىكا ھەتتا دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان.

ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم كىنو شىركەتلىرى بۇنىڭغا قارشى چىققان، ئۇلار ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپلا كىنو ئىشلەش ۋە تارقىتىشنى باشلىغان. بۇنىڭغا قارىتا ئېدىسون ئىككى خىل ئۇسۇل قوللانغان، بىرى ئۇلارنى ئەرز قىلغان، يەنە بىرى غايەت زور سودا جاسۇسلۇق گۇرۇھى قۇرۇپ، بۇ كىنو شىركەتلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلغان، كېيىن يەنە لۈكچەكلەرنى ياللاپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋاستىسىنىمۇ قوللانغان. بۇ كىنو شىركەتلىرىمۇ قاراپ تۇرماي، قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئىككى تەرەپ قاتتىق تۇتۇشۇپ قالغان، ھەتتا توقۇنۇشقان.

ئىش ناھايىتى روشەن بولغان، گەرچە ئېدىسون كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ مونوپۇللۇقى كىنوچىلىق تەرەققىياتىنىڭ نورمال تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇنىڭغا قارىتا بىر قىسىم كىنو شىركەتلىرى چەتئەلگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان، ئۇنىڭدىن سىرت بىر قىسىم فىلىم سودىگەرلىرى چەتئەلگە چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن ئېدىسوننىڭ تەسىرى دائىرىسىدىن يىراقلىشىپ تۇرۇپ كىنو ئىشلەپ قويۇشنى پىلانلىغان. قەيەرگە بېرىش كېرەك؟ ئۇلار ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كالىفورنىيەنى ئويلاشقان، ئۇ جاينىڭ كىلىماتى ياخشى، قۇياش نۇرى ئىللىق، كىنو ئىشلەشكە بەك ماس كېلىدۇ، مۇھىم بولغىنى ئېدىسوننىڭ تەسىر دائىرىسىدىن ناھايىتى يىراق، ئەگەر ئېدىسون كېلىپ دەۋالاشسا ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولسا تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ كالىفورنىيەدىكى سوت مەھكىمىسىمۇ ئېدىسوننىڭ قىلىقلىرىدىن خەۋەر تاپقان، شۇڭا ئەگەر كېلىپ ئەرز قىلدى دېگەن تەقدىردىمۇ يېڭىشى ناتايىن.

ئاستا-ئاستا نۇرغۇن كىنو شىركەتلىرى كالىفورنىيەگە كېلىشكە باشلىغان. 1910-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق رېژىسسورى ئادەملىرىنى باشلاپ، كالىفورنىيەنىڭ لوس ئانجىلىسقا كېلىپ كىنو ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان جاي ئىزدىگەن، ئۇلار كالىفورنىيەدىن شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ، لوس ئانجىلىسنىڭ چەت بىر يېرىدىكى كىچىك بازارغا كەلگەن، بۇ بازار دەل داڭقى جاھانغا پۇر كەتكەن ھوللىۋود شۇ. ئۇ بۇ جاينىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلېكىنى كىنو ئىشلەشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئېدىسوننىڭ مونوپۇللۇقىغا چىدىمىغان كىنوچىلار تەرەپ-تەرەپتىن ھوللىۋودقا كېلىشكە باشلىغان.

بۇنىڭغا قارىتا ئېدىسون تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھەمدە بۇ كىنو شىركەتلىرىنى ئەرز قىلغان، لېكىن ئۇ قاتتىق تەييارلىق بىلەن چوڭ بىر دەۋادا يېڭىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقاندا، ئۆزى باشقىلار تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان، بۇ ئىش سەۋەبلىك ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ شىركىتى قانۇنسىز بازارنى مونوپۇل قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك ۋەيران بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېدىسوننىڭ ھېلىقى پاتنېتلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈشكە باشلىغان، بۇ ئىش بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىنوچىلىق ساھەسى پۈتۈنلەي ئەركىنلەشكەن، كىنوچىلار ھەممىسى ھوللىۋودقا بارغان، تېزلا دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ھوللىۋود مەيدانغا كەلگەن.

تارىختىكى بۈگۈندە:

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى