ئالەم

يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى

1چۈشەندۈرۈلىشى 

يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (Global Positioning System-GPS) بولسا ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 20 يىل تەتقىق قىلىنىپ ۋە 200 مىرلىياد ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىنىپ 1994-يىلى بارلىققا كەلگەن سۈنئى ھەمرا ئورۇن بىكىتىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سېستىما قۇرۇقلۇق، دېڭىز، بوشلۇق تولۇق قاپلانغان ئورۇن بېكىتىش رولىغا ئىگە. يېقىنقى 10يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچەش تارماقلىرى مەزكۇر تېخنىكىنى يەر ئۆلچەش، قۇرلۇش ئۆلچەش، بوشلۇقتا سۆرەتكە ئېلىش، يەر پوستىنىڭ يوتكىلىشىنى كۆزىتىش، قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ۋە بايلىقلارنى تەكشۇرۇش قاتارلىق ساھالەرگە ئىشلىتىپ، ئۆلچەش ساھەسىدە بىر مەيدان چوڭقۇر تېخنىكىلىق ئىنقىلاپ قوزغىغان. يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (Global Positioning System-GPS) ئامېرىكىنىڭ 2-ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھ يولباشلاش سىستېمىسى. بۇ سىستېما تىرانزىت ھەمراھىنىڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ تىرانزىت سىستېمىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تىرانزىت سىستېمىسىغا ئوخشاش، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، بوشلۇق قىسمى، يەر يۈزىدىن كۆزىتىش ۋە ئابونتلار قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسى قاتارلىق 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. 

ھازىرقى لايىھەدە يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ، بوشلۇق قىسىمى ئىگىزلىگى 20000 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىل تاپقان. 24+3 دانە سۈنئىي ھەمراھ يۇمۇلاق ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ. بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 11سائەت 58 مىنۇت، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 ئوربىتا يولىغا بۆلۈنگەن (ھەر بىرسىدە 4 دانىدىن سۈنئى ھەمراھ بار)، ئوربىتىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى 55 گىرادۇس. سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سىگىنال تارقىتىش دائىرىسى يەر شارىنىڭ ھەممە يىرىنى قاپلىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا 4 تىن يۇقىرى سۈنئىي ھەمراھنىڭ سىگىنالىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ ۋە ئېنقلىغى يۇقرى بولغان گىئومىتىرىيەلىك رەسىمگە ئرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت، ھەرجايدا يولباشلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. 

يەر ئۈستى كۆزىتىش بۆلىكى ئۆز ئىچىدىن 4 بۆلەككە بۈلۈنگەن. كىرگۈزۈش پونكىتى ۋە ئاساسىي باش پونكىتغا بۆلىنىدۇ. كۆزىتىش پونكىتىدە GPS ئابونتلار قوبۇل قىلغۇچ. ئاتوملۇق سائەت، يەرلىكنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى يىغىدىغان سېزور قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆزۈتىش پونكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۈنئىي ھەمراھ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئاساسىي پونكىتغا يوللاپ بېرىش. ئاساسىي پونكىت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرلدۇ. ئۇ يەر ئۇستى كۆزىتىش بۆلېكىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق پونكىتنىڭ ۋەزىپىسى ھەرقايسى كۆزىتىش نۇقتىلىرى قوبۇل قىلغان GPS سانلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش. بۇ سانلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر GPS سۈنئىي ھەمراھيىنىڭ ئوربىتىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سائىتىنى توغۇرلايدۇ. كىرگۇزۇش پونكىتىمۇ ھاۋا ئارمىيەسنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى-ھەربىر سۈنئىي ھەمراھ قوزغۇلۇپ بوشلۇققا چىققىچە بولغان ۋاقىتتا يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئاساسىي پونكىتتىن چىققان بۇيرۇقلارنى سۈنئىي ھەمراھغا كىرگۇزۇش، ھەربىر GPS سۈنئىي ھەمراھىغا بۇنداق كىرگۈزۈش كۈندە بىر قېتىم ئېلېپ بېرىلىدۇ. ھەم سۈنئىي ھەمراھ كىرگۇزۇش پونكىتىنىڭ دائىرسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىرگۈزۈلىدۇ. 

يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، بۇ ھازىرقى ئەڭ ياخشى يولباشلاش ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى. ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق، يۇمشاق دېتاللارمۇ مۇكەممەللەشمەكتە. ئىشلىتىش دائىرسى ئۇزلۇكسىز كېڭەيمەكتە. ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتساد ئورۇنلىرىمۇ ئىشلەتمەكتە. ھەم ئاستا ئاستا كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە. 

2 GPS توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيەلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەيدىغان سىستېما. GPS يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.

بوشلۇقتىكى قىسىمى_ GPS سۈنئىي ھەمراھى يەر يۈزىدىكى قسىمى _ يەر يۈزىدىكى كونترول سىستېمىسى ئابونتلار ئۈسكۈنە قىسمى _ GPS سىگنال قوبۇللىغۇچى

GPS نىڭ بوشلۇقتىكى قىسمى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپقان. ئۇ يەر يۈزىدىن 20مىڭ 200كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى بوشلۇقتا بولۇپ، ئالتە ئوربىتا تەكشىلىكىگە ئايرىلىدۇ، ھەربىر ئوربىتا تەكشىلىكىدە تۆت سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ، ئېكۋاتور تەكشىلىكى بىلەن °55 بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۆت زاپاس سۈنئىي ھەمراھ بار. بۇ خىل ھالەتتە يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقىقى بىرلا ۋاقىتتا تۆت سۈنئىي ھەمراھنى كۆرەلەيدۇ. تۆت سۈنئىي ھەمراھتىن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇن بەلگىلىگەندە ئېنىقلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. GPS سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىككى خىل كودى بار، بىرى C/ A كودى ( Coarse/ Acquisition Code11023MHz) ، يەنە بىرى P كودى (Procise Code 10123MHz). بۇنىڭ ئىچىدە P كودىنىڭ چاستوتىسى ، ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقىرىراق بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. C/ A كودى ئەل ئىچىدە ئورتاق ئىشلىتىشكە قويىۋېتىلگەن، لېكىن بۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن.

GPS نىڭ يەر يۈزىدە بىر ئاساسىي كونترول قىلىش مەركىزى (ئامېرىكا كولورادو شىتاتى باھار شەھىرىدە)، بەش ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى، ئۈچ يەر يۈزى كونترول مەركىزى بار. سۈنئىي ھەمراھ ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي كونترول قىلىش مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ. ئاساسىي كونترول قىلىش مەركىزى ھەرقايسى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتاسىنى ۋە ۋاقىت پارامېتىرىنى ھېسابلاپ، بۇنى قالغان ئۈچ يەر يۈزى كونترول قىلىش مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ. يەر يۈزى كونترول قىلىش مەركەزلىرى بۇ ئورۇن بەلگىلەش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە بۇيرۇقلارنى سۈنئىي ھەمراھقا كىرگۈزىدۇ. بۇ خىل كىرگۈزۈشنى ھەربىر GPS سۈنئىي ھەمراھى كۈندە بىر قېتىم ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر يەر يۈزىدىكى مەركەزدە چاتاق كۆرۈلسە، سۈنئىي ھەمراھتىكى ئورۇن بەلگىلەش مەلۇماتلىرىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك.

ئابۇنتلار ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنە GPS سىگنالى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىدارى ئۆلچەشنى كۈتۈپ تۇرغان سۈنئىي ھەمراھنى تېپىش ھەمدە سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەركىتىنى ئىز قوغلاش. قوبۇللىغۇچ ئىز قوغلاپ تۇتقان سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، قوبۇل قىلىش ئانتېنناسى بىلەن سۈنئىي ھەمراھقىچە بولغان نىسپىي ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ھېسابلاپ، سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتاسىنىڭ پارامېتىرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى دىمودۇلياتسىيەلەيدۇ ( تەقلىدى سىگنالنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ ھېسابلاش ماشىنىسىغا يوللاشنى كۆرسىتىدۇ). قوبۇللىغۇچتىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ئورۇن بەلگىلەش ھېسابى ئېلىپ، ئابونت تۇرغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى يەنى مېردىئان، كەڭلىكلىرى، ئىگىزلىكى، سۈرئىتى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھېسابلاپ چىقىرىدۇ. قوبۇللىغۇچ قاتتىق دېتال قىسمى، يۇمشاق دېتال قىسمى ۋە GPS سانلىق مەلۇماتىنى بىرتەرەپ قىلغۇچى يۇمشاق دېتال بوغچىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن ئانتېننا بۆلىكى ۋە قوبۇللىغۇچ بۆلەكتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدۇ.

GPS ھاۋارايىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق، قاپلىنىشى يوقىرى (پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلايدۇ)، ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقىرى، سۈرئىتى تېز، ئۈنۈمى يوقىرى، ئىشلىتىلىشى كەڭرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

GPS دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى. بىراق بىز ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق قانداق GPS مەھسۇلاتلىرىنى تاللايمىز؟ بىز بىرلىكتە GPS نىڭ ئىجرا بولۇش قائىدىسىنى ۋە تۇرلىرىنى چۇشۇنۇپ باقايلى. GPS يولباشلاش، ئورۇن بەلگىلەشكە دائىر مەھسۇلاتلار GPS ئورۇن بەلگىلەش مەھسۇلاتلىرى توشۇش شەكلى بويىچە ماشندا يۆتكەش، پاراخوتتا يوتكەش، ئاۋىئاتسىيەدە يۆتكەش، ئالەم قاتنىشى (بومبا يۆتكەش، راكىتا يۆتكەش، سۈنئىي ھەمراھ يۆتكەش)؛ ئېنىقلىغى بويىچە ئادەتتىكى يولباشلاش (ئېنىقلىغى 10مېتىر)، يۇقرى دەرىجىلىك يولباشلاش (ئېنىقلىغى مېتىرنىڭ ئىچىدە)، ئالىي دەرىجىلىك يولباشلاش (10سانتىنىڭ ئىچىدە)؛ بوشلۇق ھالىتىگە قاراپ تۆۋەن بوشلۇقتىكى، ئوتتۇرا بوشلۇقتىكى، يۇقرى بوشلۇقتىكى قاتارلىق تۈرلىرى بار.

يولباشلاش دېگەن نېمە؟ 

يولباشلاش بولسا بىر تېخنىكىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى. ئۇ ئايروپىلان، پاراخوت، ماشىنا ۋە ئادەملەرنى بىخەتەر، توغرا بولغان يول بويىچە، دەل ۋاقتىدا كۆزلىگەن جايىغا باشلاپ ئاپىرىشتىكى بىر خىل ۋاستە. يول باشلاشنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى جاۋاب بېرىش : ھازىر مەن نەدە؟ مەن نەگە بارىمەن؟ قانداق بارىمەن؟ يولباشلاش بولسا يولباشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق يولباشلاشنى تاماملايدۇ. يۆتكەش، قاچىلاش ئوبىكىتلىرىدىكى يولباشلاش ۋە باشقا يولباشلاش ئۇسكىنىلىرى ھەممىسى يولباشلاش ئىستانسىنى ئىشلىتىدۇ. يولباشلاش ئىستانسىنىڭ ئورنىدىن كۆرگەندە ئاساسلىق مۇنۇلار بار:

قۇرۇقلۇق يولباشلاش سىستېمىسى-يولباشلاش ئىستانسى قۇرۇقلققا قۇرۇلدۇ. يولباشلاش ئۈسكىنىسى بىلەن يولباشلاش ئىستانسىسى رادىئو دولقىنى ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقە قىلىدۇ. سۈنئى ھەمرا يول باشلاش سىستېمىسى-يولباشلاش ئىستانسى سۈنئىي ھەمراققا قۇرۇلدۇ. قاپلاش دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ. يولباشلاش ئىنسانلارنىڭ ئىجدىمائى ئىشلىرى، ئىقساد ۋە ھەربىي ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ يولباشلشقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئاشماقتا. 

يولباشلاش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى:   

ئادەملەرنىڭ دەسلەپتىكى يولباشلاشى تاش، دەرەخ، تاغ تىزمىسى، قاتارلىقلارنى بەلگە قىلغان. ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ ئاستىرونومىيەلىك كۆزىتىشكە يەتتى. يەنى ئاسماندىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاغا قاراپ ئورۇن بېكىتكەن. جوڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى بولغان كومپاس ئىنسانلارنىڭ يولباشلاش ساھەسىدىكى بىر ئۇلۇغ كەشپىيات. سىمسىز يولباشلاش كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنسانلار سەپىرىدە يولباشلاش سىستېمىسىغا يىڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. GPS سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى. ئاساسلىقى 3 بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. يەر يۈزى كونتىرول پونكىتى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىكى قوبۇللىغۇچتىن تەركىپ تاپقان.

ئالدىدا بىز ئۈسكىنىلەرنى دەپ باقايلى. يەردە بىر ئاساسىي پونكىت بار. بۇ پونكىت ئامېرىكىنىڭ كولورادو دا. 3 دانە يەر يۈزى ئانتىناسى، 5 كۆزىتىش پونكىتى، يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورۇنلاشقان. ئاساسلىقى سانلىق مەلۇمات يىغىش، يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ھېسابلاش، سىستېمىغا دىئاگىنوز قويۇش، سۈنئىي ھەمرانىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرىنى تەڭشەش قاتارلىقلار.    1 o9 u4 K/ b) A H; X8 ~3 ~ بوشلۇقتا 27 سۈنئىي ھەمراھ بار. يەر بىلەن بولغان ئارلىقى 20200 كېلومېتىر 27 سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىچىدە 24 ى خىزمەت قىلىدۇ. قالغان ئۈچى بولسا زاپاس سۈنئى ھەمرا بولۇپ لازىم بولغاندا ئىشلىتىدۇ. بۇ سۈنئىي ھەمراھلار 3 ئەۋلاد 5 خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئىككى خىل سىگىنال تاقىتىدۇ: L1ۋە L2. L1نىڭ چاستۇتىسى 1227.60MHZ. L2 نىڭ چاستۇتىسى1575.42MHZ . سۈنئىي ھەمراھنىڭ سائىتىگە سىزىي ئاتاملۇق سائەت ياكى رۇبىدىي ئاتوملۇق ئىشلىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە ھىدىروگىن ئاتوملۇق سائەت ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا، بۇ سائەتلەر بىزنىڭ قولىمىزدىكى كۇۋارتىس سائەتتىنمۇ توغرا ماڭىدۇ. قولىمىزدا بولسا GPS قوبۇللىغۇچ بولىدۇ. بۇنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكىلىرى بار. قول تاقايدىغان، ماشنلارغا قويىدىغان، پاراخوتلارغا قويىدىغان… قاتارلىقلار. ئادەتتە قولدا تاقايدىغانلىرىنىڭ سىگىنالى L1 بولىدۇ. يەنە قوش سىگىناللىق قوبۇللىغۇچلار ئىنچىكە ئورۇن بېكېتىدۇ. 

GPS قوبۇللىغۇچ توغرىسىدا

GPS لارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە 12 قاناللىق بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 12 سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇرۇنقى تىپدىكىلەر مەسلەن : GARMIN 45cبولسا 8 قاناللىق، بىر ۋاقىتتا 3 سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ. چىقىرىدىغان ئۇچۇرى ئىككى ئۆلچەملىك ئۇچۇر. پەقەت ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى بار. ئىگىزلىكى يوق. ئەگەر 4 تىن يۇقرى سۈنئىي ھەمراھ ئۈچۈرىنى قوبۇل قىلسا 3 ئۆلچەملىك ئۇچۇر چىقىرىدۇ. يەنە دېڭىز يۇزى ئىگىزلىگىنىمۇ تەمىنلەيدۇ. بىراق جۇغراپىيەلىك ئامىل تۈپەيلى چىقىرىپ بەرگەن دېڭىز يۈزى ئىگىزلىكى ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس. ھازىر بەزى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئىچىگە بارومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسلەن: etrex نىڭ SUMMIT ۋە VISTA. بۇ ئۈسكىنلەر ئىككى قانال بىلەن ئۇنۋىرسال دېڭىز يۈزى ئىگىزلىكىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئۆلچەملىك.

GPS قوبۇللىغۇچنى تۇنجى قېتىم ئاچقان چاغدا ياكى ئالدىنقى قېتىم ئاچقان ئارلىقى بىلەن 800 كېلومېتىر ئېشىپ كەتسە قوبۇللىغۇچنى يېڭىدىن تەڭشەيمىز.

ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقى

/ ?1 x6 q5 U& [ x4 f بىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئورۇن بەلگىلەش ئىنىقلىقى SA ۋە AS نى كۆرسىتىدۇ. SA ۋە AS دېگەن نېمە؟ بۇنى باشتىش سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 

GPS نىڭ C/A كودى ۋە P كودى دىن ئىبارەت ئىككى خىل سىگىنالى بولىدۇ .C/A كودىنىڭ خاتالىق پەرقى 29.3m ~ 2.93m بولدۇ. ئادەتتىكى قوبۇللىغۇچلار C/A كودى ئارقىلىق ھېسابلايدۇ. ئامېرىكا 90 يىللاردا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئويلىشىپ SA سىگىنالىنى قوشقان. قوبۇللىغۇچنىڭ ئېنىقلىغى 100m دىن ئېشىپ كەتتى. 2000 يىلى 5 ئاينىڭ 2 كۈنى SA نى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بىز ئىشلىتىۋاتقان قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئېنىقلىقى 20m ئىچىدە. P كودىنىڭ ئېنىقلىقى 2.93m~0.293 غىچە. C/Aكودىنىڭ 10دەن 1رىغا تەڭ. بىراق p كودىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىدۇ. AS بولسا P نىڭ ئۇستىگە كاشىلا سىگىنالى ئورناتقان.  قىسقىسى، ئامېرىكىمۇ ناھايتى ھارغان. بىرپاتمان ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسنى كەشىپ قىلىپ، ئاخىرسىدا ئەرزىمىگۇدەك دەپ ھېس قىلىپ، پۇل تاپماقچى بولغان. خەلق ئىشلىرىغا سىگىنالنىڭ ئېنىقلىغى بەك يۇقرى بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. بىراق بەك تۆۋەن بولسا كۆپچىلىك تىللاۋاتقان. GPS سىستېمىسى ئامىركىنىڭ قولىدا بولغاچقا،گەرچە ھەقسىز دېگەن بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەر يەنىلا خاتىرجەم بولالمايدۇ. ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئامېرىكا شۇ رايوننىڭ GPS سىگىنالىغا ھىيلە ئىشلەتكەن، ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. شۇڭا ھەممىسى ئۆزىنىڭ GPS سىستېمىسىنى كەشىپ قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئامېرىكىنىڭ تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.  رۇسىيەنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى-يەرشارى سۈنئى ھەمرا يولباشلاش سىستېمىسى (GLObal NAvigation Satellite System) بار. ياۋرۇپانىڭ ئورۇن بەلگىلەش-NAVSAT. جۇڭگونىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى بار. ئىسمى-چوڭ چۈمۈچ يۇلتۇزى (北斗). پەقەت ئۆز دۆلەت دائىرسى ۋە قوشنادۆلەتلىرىنىڭ ئورنىنى بېكېتىدۇ ۋە يەنە جوڭگو ئارمىيەسى ئىشلىتىدۇ. GPS ئىشلىتىش بىلىملىرى GPSنى قولغا ئالغان ۋاقىتتا، ئەگەر يېڭى بولسا ئورۇن بەلگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىبىر تەڭشەكلىرى بار. ئادەتتە كوردىنات سېستمىسى خەرىتىنى توغۇرلاش، پايدىلىنىش يۈنۈلىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ڧورماتى، ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. كوردىنات سىستېمىسى: LAN/TOP,UTM . lan/top ئىپادلىگىنى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك، UTM-ۋاقىت. خەرىتىنى توغۇرلاش: ئادەتتە WGS84. پايدىلىنىش يۈنۈلىشى: شۇ شىمالنى كۆرسىتىدۇ، شىمال قەيەردە؟ ئەمىلىيەتتە ئىككى شىمال بار. ماگىنىتلىق شىمال ۋە ھەقىقىي شىمال (CB ۋە ZBY) كومپاس كۆرسەتكەن بولسا ماگىنىتلىق شىمال. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى كۆرسەتكىنى بولسا ھەقىقىي شىمال. ئىككىسىنىڭ ئوخشىمىغان رايوندىكى بۇلۇڭ پەرقى ئوخشىمايدۇ. خەرىتىدىكى شىمال ھەقىقىي شىمال. مېتىر سىستېمىسى ۋە ئىنگىلىز سىستېمىسى: مەن مېتىر سىستېمىسىنى تاللىدىم. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ڧورماتى : بۇيەرە تەپسىلىي سۆزلەي، GPS راس ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرلىرىنى باشقا ئەسۋابلارغا چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە چېتىلىدۇ. بارلىق ئىشلىتىۋاتقان GPS قوبۇللىغۇچلانىڭ ھەممسى بىردەك ئامىركا دېڭىز ئوكيان ئېلېكتىرون بىىرلەشمىسى (National Marine Electronics Association) بېكىتكەن ئاساسىي ئۆلچەمنى بىرلىك قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم دېڭىز ئوكياندا ئىشلىتىدىغان ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى ئۆزئارا ئۈچۇر ئالماشتۇرۇشتىكى ئۆلچىمى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتىريال يەتكۇزۇش شەكلى شۇنداقلا ماتېرىيال يەتكۇزۇشتىكى ئالاقە كېلىشىمى. NMEA كېلىشىمىنىڭ 0180،0182 ۋە 0183 قاتارلىق 3 خىلى بار. 0183 بولسا ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ئقىتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە. 0183 نىڭ بىر نەچچە خىل نەشىرى بار، v1.5 ۋە v2.1 . شۇڭلاشقا، كۆپچىلىك خاتىرە كومپىيۇتىرغا GPS قوبۇللىغۇچ ئۇلىغان چاغدا ئورتاق ئىشلىتىدىغان GPS يولباشلاش سىستېمىسنى ئىشلىتىش كېرەك، مەسلەن OZIEXPLORER ۋە GPSRECEIVER. شۇنداق بولغاچقا v2.0 NEMA دىن يۇقرى بولغان كېلىشمنى تاللىشىمىز كېرەك. NEMA بەلگىلىگەن ئالاقە سۇرئىتى 4800b/s. ھازىرقى بەزى قوبۇللىغۇچلار بۇنىڭدىنمۇ تېز سۇرئەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.بىراق بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. 4800بولسىلا كۇپايە. GARMIN نىڭ ئۆزىنىڭ بىر mapsource دېتالى بار. باشقا ماركىدىكى GPS لانىڭ بۇنى ئىشلىتىۋلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس GARMIN كېلىشىمى لايھىلىگەن. پەقەت GARMIN قوبۇللىغۇچلارلا بۇنداق ئۇچۇرنى چىقىرالايدۇ. ھالبۇكى MAPSOURCE پەقەت GARMIN كېلىشمىنىلا قوبۇل قىلالايدۇ،بۇنداق بولغاندا MAPSOURCE نى GARMIN نىڭ ئەسۋاپلىرىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۈزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى بىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئىپادىلىنىشنى دەپ باقايلى. ئادەتتىكى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكنى ئىپادىلىشى نەچچە خىل بولىدۇ. كوردىنات سىستېمىسىدا كەڭلىك گىرادۇسى ئوتتۇرچە بۆلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە 180 گىرادۇس، يەرشارىنىڭ دېئامىتىرى 12756 كېلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى *pi12765 بىر كەڭلىك گىرادۇسى 12756×PI /360 = 111.133 KM. ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئوخشىمايدۇ. پەقەت كەڭلىك گىرادۇسى 0 بولغاندا. دېمەكچى بولغىنىم ئېكۋاتورنىڭ ئۇستىدە- بىر ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئارسىدىكى ئارلىق 111.319KM. مېردىئان سىزىقى ئارىسىدىكى ئارلىق كەڭلىك گىرادۇسىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كىچىكلەيدۇ. جەنۇبى ۋە شىمالى قۇتۇپقا بارغاندا ئارلىق 0 بولىدۇ. مېردىئان 1گىرادۇس ئۇزۇنلۇق=111.413cosφ (ئىپادىمۇ ئانچە توغرا ئەمەس، ئادەم ئالداشقا بولىدۇ). مىسال ئىشلەش : بېيجىڭنىڭ مېردىئان گىرادۇسى 119گىرادۇس، كەڭلىك گىرادۇسى 40 گىرادۇس. 

ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى ۋە ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى قانچە؟ جاۋاب: ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى 111.133KM، ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى 111.413×COS 40 = 85.347KM  ’ v: Z4 l1 F* y , @- f, x. ^) ~’ |, x% y! U y بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسەت مېردىئان گىرادۇسى ۋە كەڭلىك گىرادۇسىنى ئوڭاي چۇشىنىش ئۈچۈن. 1) ddd.ddddd ، بېيجىڭدا، بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1 خانە قوشىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز ؟ تەخمىننەن m 1.1 مېردىئان سانىغا 1 نى قوشسىڭىز؟ يەنە ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 0.85m 2) ddd.mm.mmm، بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 1.85m مېردىئان سانىغا 1 خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ 1.42m 3)ddd.mm.ss بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 30.9m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 23.7m.

GPS ئاساسىي ئىشلىتىلىش دائىرىسى

قۇرۇقلۇقتىكى ئىشلىتىلىشى-ئاپتۇموبىللارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، جىددىي ئەھۋاللار، ئاتموسفېرانى فىزىكىلىق كۆزىتىش، يەرشارى بايلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئۆلچەش، شەكىل ئۆزگىرىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، يەر پوستى ھەركىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانلاش قاتارلىقلار.

دېڭىزدىكى ئىشلىتىلىشى ___ يىراق مۇساپىلىك پاراخوتلارنىڭ ئورنىنى تېپىش، يول باشلاش، دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش، دېڭىز-ئوكياندا بايلىق ئىزدەش، گىدرو-گىئولوگىيەلىك ئۆلچەش، دېڭىز يۈزى تەكشىلېكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. ئاۋىئاتسىيەدىكى ئىشلىتىلىشى_ ئايرۇپىلانلارغا يول باشلاش، يىراقتىن كونترول قىلىش، تۆۋەن ئوربىتالىق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتاسىنى بەلگىلەش، باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كونترول قىلىش، ئاۋىئاتىسيەدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى، ئادەم چۈشكەن ئالەم كېمىلىرىنى قوغداش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا يۆلىنىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ «GLONASS»، ياۋروپانىڭ « گالىلىي»، جۇڭگونىڭ «يەتتە تىكەن» دەپ ئاتىلىدىغان يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىشقا باشلىغان. ياۋروپا 1999-يىلى «گالىلىي» پىلانىنى باشلىغان. بۇ جەمئىي 30 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، ئەل ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن (GPS نىڭ 10مېتىر ئەتراپىدا). 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى سىناق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەن.

رۇسىيە بۇ ساھەدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپلا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، 1993-يىلدىن تارتىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بىراق بۇ ئاساسەن ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلدى. بۇ 24 سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپقان. رۇسىيەنىڭ GLONASS سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭ GPS سىستېمىسىغا ئوخشىمايدىغان ئوربىتا ۋە چاستوتىلارنى ئىشلەتكەن. رۇسىيە GLONASS سىستېمىسىنى يېڭىلاش پىلانىنى باشلىغان، 2010-يىلغىچە سۈنئىي ھەمراھلار ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلىنىپ بولىنىدىكەن. رۇسىيە يەنە GLONASS سىستېمىسىنى ئەل ئىچىدە ئىشلىتىشكىمۇ يول قويىدىكەن. ئەل ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن (GPS نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مېتىر، گالىلىينىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1 مېتىر) .

يوقىرىقى دۆلەتلەر ئوخشاش تۈردىكى سىستېمىلارنى يېڭىلاپ، ياساۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكىمۇ ئەسلىدە بار بولغان GPS سىستېمىسىنى يېڭىلاپ تېخمۇ ئىلغارلاشتۇرماقچى بولغان. بۇ جەمئىي 30 سۈنئىي ھەمراھ (تۆتى زاپاس) تىن تۈزۈلگەن. GPS چىققان ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئەل ئىچىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 100 مېتىر ئەتراپىدا تەڭشىگەن ئىدى، 2000-يىلىغا كەلگەندە 10 مېتىرغا كۆتۈرگەن. گالىلىي پىلانىنىڭ ئىجرا بولىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۆتۈرىشى مۇمكىن.