ساغلاملىق

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

1. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دېگەن نېمە؟

تاجسىمان يۈرەك كېسىلى تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى. تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى نەيچە بوشلۇقىنى تارايتىپ ياكى توسۇۋېلىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى نېكروزلىنىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

دائىم كۆرىلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن قايسىلار بار؟

1. يۈرەك سانجىقى پەيدا بولغاندا دائىم كۆڭلى ئېلىشىش، تەرلەش، قان بېسىمى تۆۋەن بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يۈرەك سانجىقى قوزغالغاندا يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدە بار بولغان يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ئالامەتلىرى تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، ياخشى بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

2. بەزى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان بىمارلاردا تۇيۇقسىز جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك رىتىمى ئېغىر دەرىجىدە نورمالسىزلىشىدۇ، شۇڭا بىز كېچىدە چوقۇم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تىنچ ئارام ئېلىش مۇھىتىنى ساقلىشىمىز، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىقىمىز كېرەك.

3. تۇرمۇشتا گال ئاغرىقىنى دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ، مەسىلەن زۇكام گال ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىمۇ گال ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ناھايىتى زور بىر قىسىم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىمۇ گال ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ياشانغانلاردا تۇيۇقسىز گال ئاغرىش كۆرۈلسە دىققەت قىلىش كېرەك.

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلگەندە بىز نېمە قىلالايمىز؟

يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قالغان تۆت مىنۇت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلگەن بىمارلارغا يولۇققاندا، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

1. ئالدى بىلەن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ۋە تۇرۇۋاتقان ئورنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش.

2. ئارقىدىنلا يۇقىرىدىكى سۈرەتتىكى ھالەت بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىشلەش.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى