ساغلاملىق

دولانا قېقىنى چىلاپ ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغانلار

دولانا قېقىنى چىلاپ ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغانلار

دولانا قېقىنى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىشنىڭ قانداق ئۈنۈمى بار؟
1. دولانا قېقىنى چىلاپ ئىچكەندە ئالدى بىلەن ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ تاماق سىڭدۈرۈش رولى بار، دولانا تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول، ئۇنىڭدىن باشقا دولانا تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قايناقسۇغا چىلانغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشقازان-ئۈچەيگە كىرىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بولۇپمۇ دائىم ئاشقازان كۆپۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان كىشىلەر دولانانى قۇرۇق چىلاپ ئىچسە، تەڭشەش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
2. دولانانىڭ يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى ناھايىتى ياخشى، دولانا سۈيى ئىچىش ئارقىلىق، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، تاش چۈشكەن بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئازراق دولانا سۈيى ئىچىپ بەرسە، تاشنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى بار.
3. دولانا سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىپ بەلغەم بوشىتىش رولىنى ئوينايدۇ، دولانا تەركىبىدىكى تەركىبلەر باكتېرىيەلەرنى تىزگىنلەپ، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ياكى زۇكام سەۋەبىدىن بولغان يۆتەللەرگە نىسبەتەن دولانانى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەممىسىنى بەلگىلىك تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.

دولانا قېقىنى چىلاپ ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغانلار

4. دولانا تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك ماددىلار خولېستېرىن ۋە ترى گلىتسېرىدنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە يامان ئەمەس رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دولانا قېقىنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار.
5. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى ناھايىتى ياخشى، دولانا تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەندىكى ئافلاتوكسىن ۋە نىترىت كىسلاتاسىنى پارچىلايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆسمە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، نىترىت كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.
6. دولانانى قېقىنى چىلاشنىڭ يەنە ناھايىتى ياخشى بولغان قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار، ئەگەر ئاياللاردا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى بولسا، مۇۋاپىق مىقداردا سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

دولانا قېقىنى چىلاپ ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغانلار

دولانانى قېقىنى چىلاپ ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. دولانا چېيىنىڭ بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى كۈچەيتىش رولى بار بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دولانا ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
2. دولانانى ئادەمگىياھ قاتارلىق قۇۋۋەت دورىلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
3. ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر دولانانى ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
4. دولانا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاش ھەمدە قورۇش رولى بار. ياشانغانلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا دولانا يېيىشكە ۋە ئ‍ىچىشكە ماس كەلمەيدۇ.
5. دولانانىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينى ئاسراش رولى يوق، ئۇ پەقەت بەدەندىن كۆپ مىقداردا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيدە مەسىلە بارلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
6. ئېغىر كېسەلدىن يېڭى ساقايغان بىمارلار دولانا سۈيى ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دولانا قېقىنى چىلاپ ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغانلار

دولانانى قانداق تاللاش كېرەك؟
1. دولانا قېقىنى تاللىغاندا شەكلىگە قاراش: نېپىز ھەم يوغان بولغانلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ، قېلىن ھەم قېتىپ قالغانلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدۇ.
2. رەڭگىگە قاراش: پوستىنىڭ رەڭگى قىزىل، ئېتىنىڭ رەڭگى يۇمران سېرىق بولسا ياخشى بولىدۇ. پوستىنىڭ رەڭگى قىزىل قوڭۇر، ئېتىنىڭ رەڭگى سېرىق بولسا سۈپىتى ناچار بولىدۇ.
3. چۈچۈمەل تەمنى تېتىپ بېقىش: چۈچۈمەل تەمى قويۇق ھەم ساپ بولسا، ئېتى يۇمشاق بولسا ھەم يېپىشقاق ماددىسى بولسا ياخشى ھېسابلىنىدۇ، چۈچۈمەل تەمى سۇس ھەم قېتىپ قالغىنى سەل ناچارراقى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى