تەرمىلەر

خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك قاراڭغۇ؟

ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى تەخمىنەن 90 مىليون بولۇپ، خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋىتى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئىكەن. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە ئۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن كىشىلەر توپى ئىچىدە %50~%70تى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن.

خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك قاراڭغۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.

«قارىماققا كەيپىياتى ياخشى ئەمەسكەن خالاس، قانداقسىگە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ زادى قانچىلىك قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

1. خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدىنى يەتكۈچە قىينىلىدۇ

نۇرغۇن كىشىلەر خامۇشلۇق كېسىلىنى پىسخىكىلىق مەسىلە دەپ قارايدۇ، بىراق خامۇشلۇق كېسىلى ئالدى بىلەن فىزىيولوگىيە جەھەتتىكى ئاغرىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك قاراڭغۇ؟

1. باش ئاغرىقى. بۇ خىل ئاغرىق بىر خىل تېلىپ ئاغرىش بولۇپ، كۈچلۈك ئەمەس، لېكىن باش ئېغىرلىشىپ، بېسىلىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

2. ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئۇخلىيالمايدىغان خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىدا ئاسانلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويى پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە 2 ~ 3 سائەت بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدۇ، بالدۇر ئويغانغاندىن كېيىن يەنە كارىۋاتتا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر بىر كۈندە ئاران ئۈچ-تۆت سائەتلا ئۇخلىسىڭىز ھەمدە ھەر كۈنى مۇشۇنداق بولىۋەرسە، سىز يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيسىز؟

3. خامۇشلۇق كېسىلىگە يەنە باشقا فىزىئولوگىيىلىك رېئاكسىيەلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، كۆكرەك سىقىلىش، ئاشقازان ئاغرىش، مۈرە ۋە بويۇن ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، يۈرەك سېلىش، قىزىلئۆڭگەچ توسۇلۇش ۋە كۆيۈشۈش سېزىمى پەيدا بولۇش ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقى جىددىي تۆۋەنلەش، چاچ چۈشۈش، خىيالىي ئاڭلاش، خىيالىي تۇيغۇ قاتارلىقلار.

ئەڭ ئاخىرىدا، تەپەككۇر توسالغۇسى، ئوقۇش توسالغۇسى، تىل توسالغۇسىغا تەرەققىي قىلىپ، ئىرادە پائالىيىتى چېكىنىپ كېتىدۇ. شامالدىن، سۇدىن، ئاۋازدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ… پۈتۈن ۋۇجۇدى ئازابلىنىپ، بىر كۈن خۇددى بىر يىلدەك ئۆتىدۇ.

4. خۇشاللىق ھېس قىلالمايدۇ

خامۇشلۇق كېسىلىدە بىر خىل خۇشاللىق تۇيغۇسى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بار، ھەر كۈنى خۇشاللىق ھېس قىلالمايدۇ، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھايات ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدىغان سەپەر ئەمەس، بەلكى دوزاختۇر.

5. ياردەمسىز قېلىش تۇيغۇسى ۋە چەكسىز تەنھالىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ

قاراڭغۇلۇق سىزنى يالماپ كېتىدۇ، سىز ئۇنىڭدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىز، سىز تامنىڭ بۇلۇڭىغا يوشۇرۇنۇپ باشقىلارنىڭ سىزنى تاپالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىسىز. كەيپىياتىڭىز چۈشكۈنلەشكەن ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا سىزنى ئازابلاۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز، خۇددى ئۆزىڭىز يالغۇز پۈتۈن دۇنيا بىلەن قارشىلاشقاندەك ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىسىز. ھېچكىم سىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ، ھېچكىم سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ، ھەممە ئىش ئاخىرلىشىدۇ، سىزنى پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ!

بىر بىمار: «ئۇ مېنىڭ بارلىق كۈچۈمنى خورىتىۋەتتى، مېنىڭ پەقەت چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارىۋاتتا ئولتۇرغۇم بار، ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشقىم يوق» دېگەن.

6. نورمال تەپەككۇر قىلالمايدۇ، ھېسسىياتىنى نورمال ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ

دىققىتىنى يىغالمايدۇ، ئىنكاسى ئاستىلايدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئەزمىلىك قىلىپ، كەسكىن قارار چىقىرالمايدۇ. ھەمىشە چارچاش ھېس قىلىدۇ، زېھنىي كۈچى يېتىشمەيدۇ، ئىش قىلغاندا ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ.

5. روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ

«ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ بارلىق ناچار سەرگۈزەشتىلىرى مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولغان، دوستۇمنىڭ ئىزچىل قىز دوست تاپالمىغانلىقىمۇ بەلكىم مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار دائىم مېنى خۇشال بولسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ، لېكىن مەن بولمىسام كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خۇشال بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ.

6. پۈتۈن دۇنيادىن بىزار بولىدۇ

بۇ دۇنيادا ئەمدى ئۆزىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىش يوق، ئۆزىنى قىزىقتۇرىدىغان ئىش يوق، نىشانى يوق دەپ ئويلايدۇ، ئىلگىرى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان كىچىك ئىشلارنىڭمۇ ھازىر ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ، ياشاشنىڭ ھېچقانداق خۇشاللىقى بولمايدۇ، ئۆلسىمۇ ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس دەپ ئويلايدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك قاراڭغۇ؟

7. كىچىك ئىشلار بىلەن چۈشكۈنلۈشۈپ، ئۆزىنى قىينايدۇ

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلىقىغا ھەيران قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىچىك ئىشلار پىلتىسى خالاس، ھېچكىم ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا كۈشكۈرتكىنى دەل ئەينى چاغدىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى. كەيپىيات كىچىك ئىشلار تەرىپىدىن ئەۋجگە چىقىدۇ، ئەمما كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ.

8. خامۇشلۇق كېسىلى قايتا-قايتا قوزغىلىپ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ

ھەممىسى خامۇشلۇق كېسىلىنى روھىي جەھەتتىكى «زۇكام» دېيىشىدۇ، ئوخشاشلا بىزنىڭ ئۆمرىمىزدە پەقەت بىرلا قېتىم زۇكام بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، خامۇشلۇق كېسىلىمۇ قايتا قايتا قوزغىلىدۇ. نۇرغۇن خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى ئۆزىنى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا خۇشال بولالمايدۇ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى ياخشى بولۇپ قالسا، يەنىلا ھەر خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن قايتا قوزغىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىپ، كەيپىياتى قايتىدىن چۈشكۈنلىشىپ، ھەرىكەت كۈچىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا خامۇشلۇق كېسىلى ناھايىتى ئاسانلا نۇرغۇن قېتىم قايتىدىن باشلىنىپ، نۇرغۇن قېتىم يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ. ئويلىسىلا ئادەمنى بەك ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

«ئەمدى ياخشى بولۇپ بولالمايمەن، بىر ئۆمرۈم تۈگەشتى» دىگەندەك بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، نۇرغۇن خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى قايتا-قايتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى سىناپ باقىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى