ساغلاملىق

دوۋسۇن پىتى دېگەن نېمە؟ نېمىشقا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دوۋسۇن پىتى بولۇپ قالىدۇ؟

پىتنىى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۈپ باققان بولۇپ، ئ‍ۇ پەيدا بولغاندا چاچلىرىدا بىنورمال قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە باش قىسمىدىلا ئەمەس، مەخپىي ئورۇنلاردىمۇ پىت پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە پەيدا بولغان پىت دوۋسۇن پىتى (阴虱) دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ، ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە ماقالىنى كۆرۈپ باقايلى.

دوۋسۇن پىتى دېگەن نېمە؟ نېمىشقا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دوۋسۇن پىتى بولۇپ قالىدۇ؟

قورقۇنچلۇق دوۋسۇن پىتى نېمە ئۈچۈن «ئۇ يەر»دە پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟
دوۋسۇن پىتى پەيدا بولۇشى شەخسىي تازىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئەۋرەت ئورنى بىر قەدەر يوشۇرۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ياخشى ئەمەس، ئۇزۇن مۇددەت پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋە زىيادە ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىقلار ئەۋرەت تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ، ئەۋرەتلىرىنىڭ نەملىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىپ دوۋسۇن پىتى پەيدا بولىدۇ.
تازىلىق ئادىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشىمۇ بىر سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىشلەتكەن لۆڭگە، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان كىيىم، تەرەت قاچىسى قاتارلىقلاردا بەزى باكتېرىيىلەر مەۋجۇت بولۇشى شۇنداقلا دوۋسۇن پىتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بەزىلەر «دوۋسۇن پىتى بىلەن ئىت ۋە مۈشۈك تېنىدىكى پىتنىڭ قانداق پەرقى بار؟» دەپ سورىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بۇنىڭ جاۋابىنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۋېتەيلى.

مۈشۈك، ئىتلارنىڭ بەدىنىدە ئادەتتە بەدەن پىتى بولۇپ، قېنىق كۈلرەڭ ياكى ئاق رەڭلىك، بېشى زەيتۇن شەكىللىك، كۆكرىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر جۈپ ھاۋا چىقىرىش تۆشۈكى بولىدۇ. ئەركەك پىتنىڭ قورساق قىسمىنىڭ قۇيرۇقى يۇمىلاق دىقماق، چىشى پىتنىڭ قۇيرۇقى قىسمەن ئاچىماق بولۇپ W غا يېقىن كېلىدۇ. دوۋسۇن پىتى بولسا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ، تېنىنىڭ كەڭلىكى بىلەن تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، قورسىقى قىسقا، بوغۇملىرى ئېنىق ئەمەس، ئىككى تەرىپىدە سۆگەلسىمان چوقچىيىپ تۇرىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈپى چوڭراق، ئالدى پۇتى ئىنچىكە، ئارقا پۇتى توم بولىدۇ.

قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولغاندا، دوۋسۇن پىتى كېسىلى بولۇشى مۇمكىن؟
1.ئۈزلۈكسىز قىچىشىش
دوۋسۇن پىتى ئەگەر ئاياللارنىڭ مەخپىي ئورنىدا مەۋجۇت بولسا، ئۆمىلەش جەريانىدا مۇقەررەر ھالدا ئاياللارنىڭ شەخسىي ئورنىدىكى نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار ئاياللار كېسەللىكلىرى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ، شۇ ئارقىلىق ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىغا دەخلى قىلىپ، شەخسىي جايدا زېدىلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.
2.ئ‍اجرالمىلار بىنورماللىق
بەدەندە ئەمدىلا دوۋسۇن پىتى پەيدا بولغاندا، ئىچ ئىشتىنىنىڭ ئاجراتمىلىرى ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بىراق ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ئاجرالمىلاردا دانچىلىق نەرسە پەيدا بولىدۇ، بۇ بەدەندىكى ئاجرالمىلارنى چىقىرىۋېتىش جەريانىدا، دوۋسۇن پىتى بەزى چىقىرىندىلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىشتىن كېلىپ چىققان ھادىسە.

دوۋسۇن پىتى دېگەن نېمە؟ نېمىشقا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دوۋسۇن پىتى بولۇپ قالىدۇ؟

دوۋسۇن پىتى كېسىلى قايسى يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ؟
ئادەتتە دوۋسۇن پىتىنىڭ ئىككى خىل تارقىلىش يولى بار:
ئالدى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش دوۋسۇن پىتى كېسەللېكىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تارقىلىش يولى، چۈنكى دوۋسۇن پىتى سىرتقى جىنسىي ئەزادا پارازىتلىنىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە ئىككى ئادەمنىڭ مەخپىي ئورنى ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دوۋسۇن پىتى «قولايلىق پۇرسەت»كە ئېرىشىپ، تېز سۈرئەتتە يۆتكېلىپ پارازىتلىنىدىغان يېڭى جاينى تاپىدۇ. ھەمراھىنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپ دوۋسۇن پىتى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپمۇ شۇ سەۋەبتىن يۇقۇملىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن قالسا ۋاسىتىلىك تارقىتىش. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تازىلىق شارائىتى ناچار مۇھىتتا ئاسانلا دوۋسۇن پىتى كېسىلىنىڭ گىرەلەشمە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ بىمار بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتقاندا، بەدەنلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، كارىۋات بۇيۇملىرى ۋە كارىۋات كىرلىكى قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق تارقىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنداقتا دوۋسۇن پىتى كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
ئالدى بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزادىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا دوۋسۇن پىتىنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كۆپىيىش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ. ئىككىنچىدىن دورا بىلەن داۋالاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن داۋالاش كېرەك، داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەيلى ئەر-خوتۇن ياكى ئائىلىدىكى بىرەيلەن دوۋسۇن پىتى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسۇن، ھەممىسى بىرلىكتە داۋالىنىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا يۇقۇملىنىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى