ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

1. بەدەننى ئالدىغا ئېگىش پەقەت ئەۋرىشىملىك سىنىقىمۇ؟
بەدەننى ئالدىغا ئېگىش-ئۈستۈنكى بەدەننى ئاستا ـ ئاستا ئالدىغا ئېگىپ، ئىككى قولنى تۈز سۇنۇپ پۇتنى تۇتىدىغان بىر تۈرلۈك ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بوغۇملارنىڭ جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەۋدە، بەل، يانپاش قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بوغۇم، مۇسكۇل ۋە پەيلەرنىڭ سوزۇلۇشچانلىقى ۋە ئەۋرىشىملېكىنى، بوغۇم ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

ھەممىمىزنىڭ مەكتەپ ھاياتى بولغان، ئەنە شۇ چاغلاردا بۇ ھەرىكەت بىزلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەس ئىدى، ئەمدى ئورنىڭىز تۇرۇپ بىر سىناپ بېقىڭە قىلالامدىكەنسىزكەن؟ ئۈستىدىكى ھەرىكەتلەردىن قايسىسىنى قىلالايدىكەنسىز؟

 

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىش شەكىللىرى بار، مەسىلەن: يانغا ئېگىلىش، ئارقىغا ئ‍ېگىلىش قاتارلىقلار، ئۇنداقتا بۇ يەككە ئالدىغا ئېگىلىش سىنىقى راستتىنلا شۇنداق ئىلمىيمۇ؟ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەۋرىشىملىكنى سىناش ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ پۇت ـ قوللىرىنىڭ نىسبىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، تۇتقىلى بولىدىغان دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا مىقدارلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىراق ئۇ بەدەننىڭ يانپاش بوغۇمىنىڭ يۇقىرىقى بوغۇملىرىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى ئ‍اشۇرۇش سۈپىتى بىلەن بىر قەدەر ئىلمىي ھېسابلىنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

2. يانپاش بوغۇمى بەدەننىڭ ئالدىغا ئېگىلىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
مەسىلەن: بەدەننى ئالدىغا ئېگىش ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىساق، بىرىنچى بوغۇم يانپاش بوغۇمى بولىدۇ، پۇتىمىزنىڭ ئ‍ارقا پۇت مۇسكۇلى چىڭىپ كەتسە، يانپاش بوغۇمى ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ ياكى ئالدىغا ئېگىلىش دائىرىسى بەك كىچىك بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ يەردىن بەدىنىمىزنىڭ تۆۋەنگە ئېگىلىش دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

3. بەل ئومۇرتقىسى بەدەننىڭ ئالدىغا ئېگىلىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بەل ئومۇرتقىسىنى ئالدىغا ئەگكەن ۋاقتىمىزدا بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ھەر قايسى كىچىك بوغۇملىرى ئېچىلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن ئولتۇرساق ياكى ئۇزۇن تۇرساق بەل ئومۇرتقىسى كىچىك بوغۇملىرى قېتىپ قېلىپ، بوغۇملار ئېچىلماي بەل ئومۇرتقىسى تۈز بولۇپ قالىدۇ، يان تەرەپتىن قارىغاندا بەل قىسمىمۇ بىر تال تۈز سىزىق بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ ئالدىغا ئېگىلىش دائىرىسى كىچىكلەيدۇ. يەنە بەزىلەر ناھايىتى جىددىيلىشىدۇ، ئەمما يەر يۈزىنى تۇتالايدۇ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، ئېگىلىش ھەرىكىتىنىڭ بەك چوڭ بولۇشى قاتارلىقلارنى ئويلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەل ئومۇرتقىسىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ بېسېلىپ، تارتىشىپ ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟4. كۆكرەك ئومۇرتقىسى بەدەننىڭ ئالدىغا ئېگىلىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بىز داۋاملىق يۇقىرىغا قاراپ تەھلىل قىلساق، كۆكرەك ئومۇرتقىسى قىسمىغىچە يېتىپ بارىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆكرەك ئومۇرتقىسى ئۈستەلگە ئېڭىشىپ خىزمەت قىلىدۇ، ياكى ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئوينىغاندىن كېيىن تۈز بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆكرەك ئومۇرتقىسى قاتتىق بولۇپ، بەدەننىڭ ئالدىغا ئېگىلىش دائىرىسى كىچىكلەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

بۇ بوغۇملارنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغانىكەنمىز، ئەمدى ھەرقايسى بوغۇملاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنى كۆرۈپ باقايلى: بەدەننىڭ بۇ ئىقتىدارلىرىنى تەخمىنەن مۇقىم ۋە جانلىق بوغۇملارغا ئايرىشقا بولىدۇ، ئۈستىدىكى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:

پۇت بېغىش بۇغۇمى جانلىق يەنى ھەرىكەتچان بۇغۇم.

تىز بۇغۇمى مۇقىم بۇغۇم.

يىرىق بوغۇمى ھەرىكەتچان بوغۇم.

بەل بوغۇمى مۇقىم بوغۇم.

كۆكرەك بوغۇمى ھەرىكەتچان بوغۇم.

بويۇن بوغۇمى مۇقىم بوغۇم.

كۆپچىلىك مۇقىم بولغان بوغۇملارغا ئاساسىي كۈچنى چۈشۈرۈپ، جانلىق ھەرىكەتچان بوغۇملارنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش ياكى ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنى سوزۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا داس سۆڭىكى ۋە ئومۇرتقا تۈۋرۈكىمىز ناھايىتى ياخشى ھالەتتە تۇرىدۇ ھەم نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يەتمەيدۇ. شۇڭا بىز ئادەتتە بەدىنىمىزنى ئالدىغا ئېگىش ئارقىلىق ھەر قايسى رايونلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك جانلىقلىقىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلېكىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ھەر كۈنى ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ساغلام ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە داس سۆڭىكىگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

ئالدىغا ئېگىلىشنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار؟
ئالدى ئەگرى بەدەن شەكلىدە، قورساق قىسمىدىكى ئەزالار قىسىلىشقا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئۆزگىچە ئۈنۈمى بار:

مېڭىنى تىنچلاندۇرۇپ، پۈتۈن مېڭىگە ئېقىپ بارىدىغان قاننىڭ ئېقىش مىقدارى تەڭشىلىدۇ.
سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى ئارام ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تومۇر سوقۇشى ئاستىلاپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
سەزگۈ ئەزالارنىڭ بېسىمى تۈگەپ، ئەزالارمۇ يېنىكلەپ قالىدۇ.
بۆرەك ئۈستى بېزىمۇ پەسىيىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالايدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر تىزىنى سەل ئېگىپ، ئالدى بىلەن قورساق قىسمىنى يوتىسىغا قارىتىپ، ئارقا پۇت مۇسكۇلىنى چىڭ تۇرۇپ، ئاندىن ئىككى پۇتىنى ئاستا ـ ئاستا تۈز سوزۇپ رۇسلانسا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

پەقەت ئىگىلەلمىسە، سېلىنجا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پۇت تەرەپكە ئىگىزرەك نەرسە قويۇپ سىناپ باقسا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئالدىغا ئېگىلەلمەيدۇ؟

ئىگىلىشتە سادىر قىلىدىغان خاتالىق (سول تەرەپتىكى ئۇسۇل خاتا)

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى