ساغلاملىق

كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۈچەي راكى توغرىسىدا بىر نەچچە پارچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسى يوللانغاندا باھا رايونىدا ئۈچەي راكى ۋە راك كېسىلى توغرىسىدا سورالغان سوئ‍المۇ كۆپەيگەن:
«كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ ئالامىتىمۇ؟»، «ئوسۇرۇق سېسىق بولسا ئۈچەي راكىنىڭ بېشارىتىمۇ؟»، «بىر كۈندە ئون نەچچىنى ئوسۇرسا، بىرەر چوڭ كېسەل بولۇپ قالماس؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە پېتىنالمىدىم»…
كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «ئوسۇرۇش» قا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرگەن دوختۇر كۆپچىلىكنىڭ دىققەت نۇقتىسىنىڭ شۇنچىلىك ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان! ئۇنداقتا بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن «ئوسۇرۇش» مەسىلىسى توغرىسىدا ئ‍ورتاقلىشىمىز.
بىرىنچى. ئوسۇرۇق قەيەردىن كېلىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن %70 يەل بىز بىر نەرسە يېگەندە سۈمۈرگەن ھاۋادىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا كىرگەندىن تارتىپ يەل قويۇۋەتكىچە بولغان جەريان يەنىلا ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. بىز بىر نەرسە يېگەندە، يېمەكلىك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەيدە ھەزىم بولىدۇ ۋە سۈمۈرۈلىدۇ، ئەمما ئۈچەيدە ئاز-تولا يېمەكلىك قالدۇقى قالىدۇ، بۇ قالدۇق يېمەكلىكلەر ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدروگېن ۋە مېتان قاتارلىق گازلارنى ھاسىل قىلىپ، ئۈچەينىڭ قانۇنىيەتلىك لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈز ئۈچەيگە بېرىپ، ئاخىرىدا مەقئەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.

كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

بۇ ئەڭ ئاخىرقى قەدەم «يەل قويۇۋېتىش» بولۇپ، يەل چىققاندا مەقئەتنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ تەسىرىدە بەزىدە يەنە ئاۋاز چىقىدۇ، بۇ بىز دەۋاتقان «يەل ئاۋازى»دۇر. بىز شۇنى تەخمىنەن كۆرۈۋالالايمىزكى، يەل قويۇش ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنىڭ سىگنالى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى تاماق مىقدارى، يېمەكلىك تەركىبى، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى بىر خىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە.

كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

ئىككىنچى. دائىم يەل قويۇۋېتىش ئۈچەي راكىنىڭ سىگنالىمۇ؟ قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟
ئوسۇرۇش مىقدارى يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، يەنە ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ماشىنىسىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆلچەملىك ئ‍ۇسۇرۇق مىقدارى»نى ئېنىق بىلمەيدۇ، شۇڭا پەقەت تەجرىبىگە ئاساسەن سېلىشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتىدۇ. ئادەتتە ساغلام كىشىلەر بىر كۈندە تەخمىنەن 6~20 قېتىم يەل قويىدۇ، ھەر كۈنى يەل قويۇۋېتىش ياخشى ئىش، بۇ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا يەل قويۇۋېتىشكە توغرا كەلسە ۋاقتىدا قويۇۋېتىش كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇسۇرماي قىسىۋېلىش ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش ياكى لۆمۈلدەش توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئاسانلا قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

ئەمما بەك كۆپ ئوسۇرۇشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، گەرچە ھازىر ئۇسۇرۇقنىڭ كۆپ بولۇشى ئۈچەي راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەتقىق قىلىنىپ ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا يەل كۆپ بولسا ئۈچەيدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېمەك ـ ئىچمەك سەۋەبىدىن باشقا، مەسىلەن: بەك كۆپ قوغۇن ـ تاۋۇز، پىياز، پۇرچاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە يەنە تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ئېچىتىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىدىن، يەل قويۇۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئوسۇرۇش قېتىم سانى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولسا نورمالسىزلىق بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، كېسەلگە قاراپ ھەل قىلىش كېرەك.
3. بۇ ئىككى خىل سېسىق ئوسۇرۇشتىن ھوشيار بولۇش ياكى ئۈچەي راكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىن.
1. سېسىق تۇخۇم پۇراقلىق ئوسۇرۇق
ئاقسىل، ماي زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە، بىۋاسىتە چوڭ ئۈچەيگە كىرىپ، چوڭ ئۈچەيدىن ئىبارەت بۇ «ئېچىتىش باكى»دا، زىيادە كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىلار باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، بەدەندىكى ئارتۇق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئامىن تۈرىدىكى ماددىلارغا پارچىلاپ، ئامىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، كۈچلۈك سېسىق تۇخۇم پۇرىقىغا ئىگە.

كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

2. بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقى
بېلىقنىڭ سېسىق پۇرىقىنى بەزىلەر چوڭقۇر ھېس قىلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ كۆكتات بازىرىدا، بەزى سېسىق بېلىق، راكلارنىڭ سېسىق پۇرىقىغا چىدىغىلى بولمايدۇ، ئەمما، بۇ خىل سېسىق پۇراق ئەگەر ئوسۇرۇقتا پەيدا بولسا، ھەزىم قىلىش يولىدا قاناش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. قان ئاشقازان- ئۈچەيگە يىغىلغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەر پارچىلىنىپ، گەندە پۇرىقىدەك سېسىق پۇراق پەيدا بولىدۇ. ئۈچەي يولى راك كېسىلىدە توقۇلمىلار شەلۋەرەپ، سويۇلۇپ، قانايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باكتېرىيەلەرنىڭ پارچىلاپ ئېچىتىش رولى قوشۇلۇپ سېسىق پۇراقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بۇ ئىككى خىل سېسىق پۇراقنى ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ بەرسە، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
3. قانداق قىلغاندا ئۆزىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟
كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، ئوسۇرۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب، پۇرچاق، بەرەڭگە، تاتلىقبەرەنگى، تورت قاتارلىق گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەنلىكتىن بولىدۇ، شۇڭا، ياخشىلاش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشى تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، تاماق يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش، ئاز گەپ قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھاۋانىڭ بەدەنگە كىرىشىنى ئازايتقىلى، شۇ ئارقىلىق ئوسۇرۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
كۈنبويى ئوسۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

ئادەتتە تاماقتىن كېيىن يەنە ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، مەسىلەن: تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىش، قورساقنى ئۇۋۇلاش، چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار، ئوسۇرۇش نورمالسىزلىقىنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. ئوسۇرۇش ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنىڭ سىگنالى، بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ئەگەر بىر ئادەم ئوسۇرمىسا ياكى كۈن بويى مەرۋايىتتەك توختىماي قويۇپ بەرسە، بەدەن ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلېكىنى ئەسكەرتىدۇ، ئەگەر سېسىق تۇخۇم پۇرىقى ۋە بېلىق پۇرىقى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئاخىرىدا، ئۆز سالامەتلىكىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، ئۈچەي ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى