يېمەك-ئىچمەك

پىششىقلانغان يېمەكلىكنى جىق يېسە ئۆلۈش خەتىرى %26 ئاشىدىكەن

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن يوشۇرۇن زىيىنى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەخلەت يېمەكلىك دەپ قارالغان يېمەكلىكلەر ئادەتتە زىيادە پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرگە تەۋە، ئالىملار بۇنداق يېمەكلىكلەر بىلەن بالدۇر ئۆلۈش ئوتتۇرىسىدا روشەن باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى. يېڭى تەتقىقاتتا ئالىملار دائىم نورمىدىن ئارتۇق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئۆلۈش خەۋپىنىڭ %26 ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

پىششىقلانغان يېمەكلىكنى جىق يېسە ئۆلۈش خەتىرى %26 ئاشىدىكەن

تېز رېتىملىق تۇرمۇش ئادىتى ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى قورساق تويغۇزۇشتىكى ئالدىن تاللاشقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. قانداقلا بولمىسۇن يېڭى، مۇكەممەل بولغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ بىر ۋاق تاماق تەييارلاشقا جىق ۋاقىت كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم ئۆزىنى ياخشى يېمەكلىك تاللىغۇدەك ۋاقتى ياكى زېھنى يوقتەك ھېس قىلىشى مۇمكىن.

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆلۈش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىش مۇمكىنلېكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ تەتقىقاتتا 22 مىڭ ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن مۇددەتلىك سىناققا قاتناشقان، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقى، ئادىتى ۋە غىزالىنىش ئەھۋالى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن، تەتقىقات نەچچە يىل داۋاملاشقان.

تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەگەر قەنت مىقدارى يۇقىرى ۋە كاربون-سۇ بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپقان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئۆلۈش (ھەر قانداق سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم، مەيلى يۈرەك كېسىلى، سەكتە ياكى باشقا سەۋەبلەر بولسۇن) خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دائىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈش نىسبىتى %26 تىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى