يېمەك-ئىچمەك

كۈندە بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنىڭ دىيابېت بىمارلىرىغا قانداق پايدىسى بار؟

ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، قان شېكىرى يۇقىرىلاش، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندا ماي يۇقىرى بولۇش دېگەندەك. ھازىر بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ كىشىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىن دائىم سۆزلىشىدىغان ساغلاملىق تېمىسىغا ئايلاندى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر قان شېكىرى يۇقىرىلىغاندىن كېيىن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۆزىنىڭ قان بېسىمى ۋە قان شېكىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن قورقىدۇ، چۈنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن بەك قىينايدۇ.

كۈندە بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنىڭ دىيابېت بىمارلىرىغا قانداق پايدىسى بار؟

تۇخۇم تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك، ئۇنداقتا قان قەنتى يۇقىرىلاش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا يەنە داۋاملىق تۇخۇم ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭمۇ بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، تۇخۇمنى ئىستېمال قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرۇلۇق ئەنسىرەشتىكى سەۋەب شۇكى، تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خولېستېرىن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز.

1. كۈندە بىر تال سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنىڭ دىيابېت بىمارلىرىغا قانداق پايدىسى بار؟

بەلكىم سىز تېخى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. تۇخۇمنىڭ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش، مەنپىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ قۇرغاقلىقنى يوقىتىش رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە خولېستېرىن بار، يەنە كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارمۇ بار، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، دائىم تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا ئىممۇنىتېت كۈچ ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

كۈندە بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنىڭ دىيابېت بىمارلىرىغا قانداق پايدىسى بار؟

بىر تال تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى تەخمىنەن 300 مىللىگىرام، ئەمما ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغىنى تەخمىنەن 90 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. كۈندە بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ بەدەنگە پايدىسى بار.

2. قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتە بۇ بىر قانچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بىرىنچى، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش.

ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت پاسسىپ ھالەتتە تۇرغاندا جىگەر قۇۋۋىتى يىغىلىپ قېلىپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل پاسسىپ ۋە ئۈمىدۋار بولماسلىق قان تومۇرنى غىدىقلاپ، قان تومۇرنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان شېكىرى ئەكسىچە ئۆرلەپ كېتىدۇ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش بەدەنگە پايدىلىق، شۇنداقلا قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقىمۇ پايدىلىق.

ئىككىنچى، دوختۇر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: «قان قەنتى يۇقىرى كىشىلەر دائىم ئاچچىق مامكاپ چېيى ئىچسە بولىدۇ». ئەمەلىيەتتىمۇ قان قەنتى يۇقىرى كىشىلەر تۇرمۇشتا كۆپرەك چاي ئىچسە بولىدۇ، كۆپ چاي ئىچىش بەدەنگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان سۇ تەركىبىنى تولۇقلايدۇ، قان قەنتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق. چاي دۆلىتىمىزدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە.

سۇغا مامكاپ، ئاچچىق بۇيا، ئارپا، موموردىكا (罗汉果)، چۈچۈكبۇيا، يەسىمەنگۈل، گۈلسامساق ۋە ئۇچقات قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، نىسبەت بويىچە قاينىتىپ ئىچىشكە بولىدۇ، قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر بىۋاسىتە ئىچسە بولىدۇ.

مامكاپ: ئىسسىقنى ياندۇرۇپ قاننى سوۋۇتىدۇ، ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، قان تومۇر ئەخلەتلىرىنى تازىلايدۇ.

ئاچچىق بۇيا: قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، رېماتىزمنى ياخشىلايدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

موموردىكا: بەلغەمنى بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىدۇ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ ياللۇغنى قايتۇرىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ.

كۈندە بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنىڭ دىيابېت بىمارلىرىغا قانداق پايدىسى بار؟

ئۇچقات: ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، قاننى سوۋۇتۇپ تولغاقنى توختىتىدۇ.

جۇخارگۈل: يەلنى ھەيدەپ ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، جىگەرنى تىنچلاندۇرۇپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ.

گۈلسامساق: تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، يىغىلىپ قېلىشنى يوقىتىدۇ، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خاتىمە: دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدىغان ئىش، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، يەنە تۇرمۇش ئادىتىنى كونترول قىلىش، كۆپ سۇ ئىچىپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا قان شېكىرىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى