يېمەك-ئىچمەك

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

قىش پەسلى ئ‍اق تۇرۇچ(柚子) يەيدىغان پەسىل، ئاق تۇرۇچنىڭ سۇ تەركىبى بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاتلىق ھەم شىرنىلىك، قۇرغاق كۈز ۋە قىش پەسلىدە يېيىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

 

ئ‍اق تۇرۇچ يېيىشنىڭ ئويلاپ باقمىغان ئالتە چوڭ پايدىسى!
1. ۋىتامىن تولۇقلاش
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، چوڭ ئاپېلسىن تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ھەمدە مول ۋىتامىن C، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن P، كاروتىن قاتارلىق تەركىبلەر ھەمدە كالتسىي، كالىي، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول.
2. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ
ئ‍اق تۇرۇچ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپ تەركىب فىلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمە ماددا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى كېچىكتۈرىدۇ. قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بىمارلار ئ‍اق تۇرۇچنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە بولىدۇ، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە: ئ‍اق تۇرۇچ ئادەم بەدىنىدىكى ماينىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىكەن.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

3. قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئ‍اق تۇرۇچ تەركىبىدە ئىنتايىن مول كالتسىي، كالىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار، شۇڭا ئ‍اق تۇرۇچنىڭ يەنە بىرلا ۋاقىتتا خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، ئورۇقلىتىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئ‍اق تۇرۇچ تەركىبىدىكى بۇ مىكرو ئېلېمېنتلار يەنە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە.
4. دىيابېت كېسىلىنى قوشۇمچە داۋالاش
ئ‍اق تۇرۇچنىڭ قىرتاق تەمىنى بەزى كىشىلەر ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ خىل قىرتاق تەم دەل ئ‍اق تۇرۇچنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خىل ئاچچىق تەم بولسا پېپتىد بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىنى داۋالىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئ‍اق تۇرۇچنىڭ قەنت مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، دىيابېت بىمارلىرىمۇ دائىم يەپ بەرسە بولىدۇ.
5. نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئ‍اق تۇرۇچ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، بىزنىڭ تېرە ھەمدە شىللىق پەردىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدۇ.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

6. يۈرەكنى ئاسراش
ھەر كۈنى بىر دانە ئ‍اق تۇرۇچ يېگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى ناچار خولېستېرىن ھەمدە ترىگلىتسېرىدنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ قېنىق قىزىل رەڭلىك ئ‍اق تۇرۇچنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا بولغان ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىغۇچى ماددا تېخىمۇ يۇقىرى.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

ئ‍اق تۇرۇچ پوستىنىڭ ئىككى چوڭ پايدىسى
1. يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ
ئ‍اق تۇرۇچ پوستىنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش رولى ناھايىتى ياخشى.
ئۇسۇلى: ئ‍اق تۇرۇچ پوستىنى توغراپ بولغاندىن كېيىن، سىچۈەن سوغىگۈلى(川贝母) ۋە ھەسەل بىلەن بىللە قازانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز، قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ھىملەپ ساقلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل ياشانغانلاردىكى يۆتىلىپ ئويغىنىپ كېتىش، شۇنداقلا ئېغىزى قۇرۇش، قول ـ پۇتى قىزىش ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

2. ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش
ئاق تۇرۇچ پوستى يەنە ئۈششۈك يارىسىنىمۇ داۋالىيالايدۇ، بىراق ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، زەخىملەنگەن ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە قەتئ‍ىي بولمايدۇ، بولمىسا يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز.
ئېتىش ئۇسۇلى: ئ‍اق تۇرۇچ پوستىنى ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن ئۈششۈك تەگكەن ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى چوقۇم بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش، يېرىم يولدا توختىتىپ قويماسلىق ھەمدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش جەريانى تەدرىجىي قىزدۇرۇش، بىر قېتىمدىلا بەك ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

ئ‍اق تۇرۇچ ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بۇ ئۈچ خىل ئادەم ھەرگىز يېمىسۇن!
1. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەن ئاياللار
ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئ‍اق تۇرۇچنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىغا بولغان تەسىرى ئەڭ گەۋدىلىككەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەن ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن 1 ـ 2 دانە ئ‍اق تۇرۇچ ئىستېمال قىلسا، ياكى بىۋاسىتە بىر چوڭ ئىستاكاندا ئ‍اق تۇرۇچ شەربىتى بىلەن ئ‍ىچسە، ئۇنداقتا ئۇ بىر ئانا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى چوڭ ئاپېلسىننىڭ ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسىنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدا».
2. بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر
ئ‍اق تۇرۇچنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تال زەئىپلىشىپ ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئ‍اق تۇرۇچ يېسە ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، شۇڭا بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.

3. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئ‍اق تۇرۇچ يېمەسلىك ياكى ئاق تۇرۇچ شەربىتى ئىچمەسلىك كېرەك، بولمىسا قان بېسىمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش قاتارلىق قوشۇمچە ئېغىر رېئاكسىيە پەيدا بولىدۇ.

ئ‍اق تۇرۇچنىڭ پايدىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئ‍ىشلار

ئ‍اق تۇرۇچ يېگەندە دىققەت قىلىدىغان باشقا ئىشلار:
كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارى
ئ‍اق تۇرۇچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ تاماق ئورنىدا يېيىشكە بولمايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 200 ـ 350 گىرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.

دورا بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ
ئ‍اق تۇرۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دورىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بەزى ئەھۋاللاردا، دورىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئازايتىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ؛ بەزىدە دورىنىڭ يۆتكىلىشىگە كاشىلا قىلىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى