كومپيوتېر

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

ئەمەلىيەتتە كومپيوتېردىكى نۇرغۇن زېرىكىشلىك مەشغۇلاتلارنى پەقەت بىر قانچە كۈنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ تېزلەتمە كۈنۇپكىلىرىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسەك، بەزى ۋاقىتلاردا خىزمەت ئۈنۈمىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ۋاقتىمىزمۇ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، بۈگۈن مەن سىلەرگە كومپيوتېر ئىشلىتىشتە چوقۇم لازىم بولىدىغان ئون خىل تېزلەتمە كۈنۇپكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلدىم.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

1. تېز سۈرئەتتە ئېكران قۇلۇپلاش (快速锁屏)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+L

مەيلى تورخانىدا ياكى ئىشخانىدا بولۇڭ، بەزىدە كومپيوتېرىڭىزدىن ئايرىلىپ باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ھەم باشقىلارنىڭ كومپيوتېرىڭىزنى ئاختۇرىشىنى خالىمايسىز. سىز بۇ ۋاقىتتا Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ L كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا كومپيوتېر ئېكرانى بىۋاسىتە قۇلۇپلىنىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

2. تېز سۈرئەتتە زىيارەت قىلىش (快速访问)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+E

بەزىدە ئۈستەل يۈزىدە نۇرغۇن سىن بەلگىلەر بار بولسا، «بۇ كومپيوتېر»(此电脑) ياكى «كومپيوتېر»(计算机)نى تېپىش تەس، ھەتتا بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە «كومپيوتېر» ياكى «بۇ كومپيوتېر» سىن بەلگىسى يوق. بۇ ۋاقىتتا بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئاندىن E كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «كومپيوتېر» ياكى «بۇ كومپيوتېر» مەنبە باشقۇرغۇچىسىنى بىۋاسىتە ئاچالايمىز.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

3. ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىش (显示桌面)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+D

بەزىدە كومپيوتېرىمىز قېتىپ قالغاندا ياكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېچىپ ھەمدە ئۈستەل يۈزىگە قايتماقچى بولساق، بىز پەقەت كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن D كۇنۇپكىسىنى باسساق كومپيوتېر ئۈستەل يۈزىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

4. بىكار قىلىش (撤销)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Z

ھاياتلىقتا پۇشايمان دورىسى يوق، ئەمما كومپيوتېر ئوخشىمايدۇ، كومپيوتېر مەشغۇلاتىدا بىر قېتىم «پۇشايمان» قىلىشقا بولىدۇ. بىز پەقەت كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن Z كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىزنىڭ ئالدىنقى بىر قەدەمدىكى مەشغۇلاتنى بىكار قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ تېزلەتمە كۈنۇپكىنى نۇرغۇن پىروگراممىلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

5. يېڭىلاش (刷新)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: F5

F5 بولسا يېڭىلاش كۇنۇپكىسى بولۇپ، تور كۆرگۈچ ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتا يېڭى مەزمۇن كۆپەيگەندە F5 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يېڭىلىساق بولىدۇ (شۇ كۆزنەكنى قايتا ئاچقانغا باراۋەر)، بۇ ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېزلەتمە كۇنۇپكا ھېسابلىنىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

6. تېز سۈئەتتە ئېچىش (快捷启动)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+R

بۇ كۇنۇپكا بولسا ۋىندوۋس سېستىمىسىدىكى بۇرۇندىن بار تېزلەتمە كۇنۇپكا بولۇپ، windows xp سىستېمىسىدىن windows 10 سېستىمىسىغىچە ھەممىسىدە بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكا ئىقتىدارى بار. بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن R كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئىجرا قىلىش (运行) كۆزنىكىنى ئاچالايمىز، بىز مەلۇم بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كېيىن Enter نى باسساق بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلىش كۆزنىكى تاقىلىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

7. لوپا ئەينەك (放大镜)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: + + Win

ئەگەر ئېكراندىكى تېكىستنى ئېنىق كۆرەلمىسەك، ئۇنداقتا چوقۇم چوڭاتقۇچ لازىم بولىدۇ. بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن + كۇنۇپكىسىنى باسساق، مەيلى توركۆرگۈچ ياكى ئىشخانا ھۆججەتلىرى بولسۇن، كۆرۈنۈۋاتقان ئېكراننى چوڭايتالايدۇ، ئەگەر + كۇنۇپكىسىنىڭ ئورنىغا – نى باسساق ئۇ ھالسا كۆرۈنىۋاتقان ئېكراننى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا CTRL كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى + – كۇنۇپكىسىنى ياكى مائۇسنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

8. ۋەزىپە كۆزنىكىنى ئالماشتۇرۇش (切换任务)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Tab (پەقەت win8 تىن يۇقىرى سېستىمىغا ماس كېلىدۇ)

بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكا ئەمەلىيەتتە Alt+Tab كۇنۇپكىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ تېزلەتمە كۈنۇپكىنى ئىشلەتكەندە خىزمەت ئۈنۈمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ تېزلەتمە كۈنۇپكىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپە كۆزنىكىنى ئالماشتۇرغاندا، ھەر بىر كۆزنەكتە نېمە چىقىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن Tab كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

9. تېز سۈرئەتتە ئېكراننى سىنغا ئېلىش (快速录屏)

تېزلەتمە بۇيرۇق: psr.exe

ئاۋال Win + Rنى بېسىپ، ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى قوزغاتقاندىن كېيىن psr.exeنى كىرگۈزۈپ enter كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، Windows سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان سىن خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى ئاچالايمىز. سىنغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ساقلاش دىيالوگ رامكىسى چىقىدۇ، بۇ يەردە سىنغا ئېلىنىپ بولغان ھۆججىتىنى پىرىسلانغان ھۆججەت قىلىپ ساقلىيالايمىز. پىرىسلانغان ھۆججەتنى يېشىپ بولغاندىن كېيىن، سىن ھۆججىتنىڭ سىن ھۆججىتى تىپىدىكى ھۆججەت بولماستىن، بەلكى MHTML دوكلات ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھۆججەتنى ئاچساق، بىز ھەر بىر مەشغۇلاتىمىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىنىڭ ئېكران سۈرىتىنى تارتقانلىقىمىزنى، مائۇسنىڭ چېكىلگەن رايونىنى پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيوتېر تېز بۇيرۇق كۈنۇپكىلىرى

10. مەڭگۈلۈك يۇيۇۋېتىش (永久删除)

تېزلەتمە كۇنۇپكا: shift+del

بۇ ئىككى كۈنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق يۇيىۋەتكەن ھۆججەتنى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ (ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتاللىرىدىن باشقا) ھەمدە يىغىۋېلىش ساندۇقى (回收站) دىمۇ ساقلانمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى