ساغلاملىق

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

بىر ھاياتلىق ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم شەكىللىنىپ، ئ‍اندىن ئ‍ۇ بۆلۈنۈپ بىر تۆرەلمە بولۇپ، ئ‍اخىرىدا بىر كىچىك ھامىلىگە ئايلىنىشتىن ئ‍ىبارەت ئون ئايلىق ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئوماق بىر بوۋاق بولۇپ بۇ دۇنياغا يېتىپ كېلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يېتىلىش جەريانى ھەقىقەتەن بەكمۇ سىرلىق بولىدۇ!

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ئۇنداقتا ھامىلە زادى قانداق يېتىلىدۇ؟ تۆۋەندە بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر بىلەن ھامىلىنىڭ ئ‍انا تېنىدىكى 40 ھەپتىلىك ھاياجانلىق ھەم سىرلىق بولغان ئ‍ۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى چۈشىنىپ باقايلى.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلىدار بولغان بىرىنچى كۈنى ئ‍ەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھەيزنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار بولغان ئىككى ھەپتە ئ‍ىچىدىكى ۋاقىت تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بىللە بولغاندىن كېيىنكى ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ئوڭۇشلۇق بىرىكىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇپ ئ‍اندىن ئ‍ۇ بالىياتقۇغا كىرىپ بالىياتقۇ دىۋارىغا «ماكانلىشىدۇ»، ئ‍اندىن ھۈجەيرە بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ، بىرى ئىككىگە، ئىككىسى تۆتكە، تۆتى سەككىزگە، سەككىزى 16 گە ئۆزگىرىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تۆرەلمە پۈۋەكچىسىگە ئايلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ HCG ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھامىلىدار ئايال قان تەكشۈرتۈش ئ‍ارقىلىق ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ھامىلدار بولۇپ تۆت ھەپتىدىن كېيىن تۆرەلمە پۈۋەكچىسى كىچىك تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. ھامىلدار بولۇپ ئىككىنچى ئ‍ېيىدا، يەنى كېلەر قېتىم ھەيز كېلىدىغان مەزگىلگە كەلگەندە ھەيز كەلمەيدۇ شۇنىڭ بىلەن كۆپ قىسىم ھامىلىدار ئاياللار مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئ‍ۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقى بىلىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

بەش ھەپتىلىك بولغان ھامىلە كۈنجۈتتەك چوڭلۇقتا بولۇپ، قۇرتقا ئوخشايدۇ، ئەمما يېتىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ئالتە ھەپتە بولغاندا ھامىلىدە قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز ئۆسۈپ، چوڭ مېڭىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

يەتتە ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ بەدەن شەكلى بىر ھەسسە چوڭىيىدۇ، قۇيرۇقى يەنىلا بار بولۇپ، بارا-بارا پۇت-قوللىرى بۆلۈنۈپ چىقىدۇ، بىراق بىلىكى بىلەن قولى تېخى بىر پۈتۈن بولۇپ، ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بۆلجۈرگەنچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

سەككىز ھەپتىلىك بولغاندا، ھامىلىنىڭ يۈرىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلىدار بولۇپ 9 ~ 12 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىنىڭ قۇيرۇقى ئاستا-ئاستا يوقاپ، تېرىسى سۈزۈكلىشىپ، بارا-بارا قول، پۇت بارماقلىرى ۋە تىرنىقى بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.

12 ھەپتە بولغاندا بارماقلىرىنى مىدىرىتىدۇ، ھامىلە يېنىك مىدىرلايدۇ. بىراق بۇ باسقۇچتا ئانىلار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

13-16 ھەپتىسىگە كەلگەندە ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ بىر ئاي ئىچىدە بارماق ئ‍ىزى پەيدا بولىدۇ، چوڭ مېڭە تېز سۈرئەتتە يېتىلىدۇ، كۆزى گەرچە يۇمۇلغان ھالەتتە بولسىمۇ، لېكىن نۇرنى ھېس قىلالايدۇ، بوۋاق دائىم بارمىقىنى شورايدۇ، پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىق، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭرى بولىدۇ. ھامىلىدار ئانا ھامىلىدار بولۇپ 16 ھەپتىدىن كېيىن ھامىلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلدارلىقنىڭ 17-20 ھەپتىسىگە كەلگەندە، ھامىلىدار ئانىنىڭ قورسىقى سەل-پەل تومپىيىپ چىقىدۇ، تىنچ ياتقاندا ھامىلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ سۆڭىكى بارا-بارا قاتتىقلىشىدۇ، بوۋاق بىلىكى ۋە پۇتىنى ئېگەلەيدۇ، ئ‍ەزالىرى تەدرىجىي يېتىلىدۇ.

19 ھەپتىلىك بولغاندا ھامىلە ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ، ھامىلىدار ئانا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بالىغا كۆپرەك گەپ قىلىپ، ھېكايە ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا بالا ھەمرىيى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ.

20 ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ يۇتۇش ئ‍ىقتىدارى شەكىللىنىپ بولىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

21~24 ھەپتىسىگە كەلگەندە، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ھامىلىنىڭ پائالىيىتى تەدرىجىي كۈچىيىدۇ، ھامىلىدار ئانا ھامىلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلىدۇ. بوۋاقنىڭ يۈز ئەزالىرى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، مەسىلەن، كالپۇك، قاش قاتارلىقلار بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، ئاڭلاش سېزىمىمۇ بارغانسېرى سەزگۈرلىشىدۇ، پۈتكۈل بەدەن شەكلى قارىماققا بوۋاق شەكلىگە كىرىپ بولىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

25~28 ھەپتە بولغاندا ھامىلىدە تېرە ئاستى مېيى پەيدا بولۇپ چاچ ئۆسۈپ چىقىدۇ، چوڭ مېڭىسى جانلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلە بىردەم ئۇخلاپ، بىردەم ئويغىنىدۇ، كىرپىكلىرى ئۆسۈپ چىقىدۇ، كۆزىنى چىمچىقلىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئانا ھامىلىگە كۆپرەك ھامىلە تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. ئ‍ەلۋەتتە بۇنىڭغا دادىسىمۇ قاتنىشىشى كېرەك. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھامىلە بومراق ئاۋازنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن شۇڭا بالىنىڭ دادىسىمۇ بالىغا كۆپرەك گەپ قىلىشى، ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

29~32 ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ بېشى بارغانسېرى يوغىنايدۇ، ھەم بېشىنى بۇرىيالايدىغان بولىدۇ. ھامىلىدار ئانا ھامىلىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك مىدىراۋاتقىنىنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ، دائىم بوۋاقنىڭ مۇشتلاپ، تېپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ جەرياندا يەنە ھامىلىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى، مۇسكۇل ۋە ئۆپكىسى داۋاملىق يېتىلىدۇ، تېرە ئاستى ياغلىرىمۇ كۆپىيىدۇ، چاچمۇ ئۆسۈپ چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ ئ‍ېغىرلىقى تېز سۈرئ‍ەتتە ئ‍اشىدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلىدارلىقنىڭ 33~36 ھەپتىسىدە ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى يەنىلا كۈچلۈك بولىدۇ، ھامىلىدار ئانا دائىم قورسىقىنىڭ ئ‍ۇ يەر بۇ يىرىنىڭ تومپىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ باسقۇچقا كەلگەندە ھامىلىنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى پىشىپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. باش سۆڭىكىنىڭ يۇمشاق بولغىنىدىن سىرت، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى سۆڭەكلەر بارا-بارا قاتتىقلىشىدۇ، ھامىلە ئورنى مۇقىملىشىدۇ، ھامىلە بېشى بارا-بارا داس بوشلۇقىغا كىرىدۇ، بەدەندىكى ھامىلە مېيى ۋە ھامىلە تۈكلىرى ئاستا-ئاستا چۈشۈشكە باشلايدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

ھامىلىدارلىقنىڭ 37-40 ھەپتىسىگە كەلگەندە، ھامىلە تۇغۇلۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەلكىم ھەر ۋاقىت تۇغۇلۇشى مۇمكىن، ھامىلىدار ئانىمۇ ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ شەكلى قارىماققا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئ‍وخشاش ھالەتتە بولۇپ بولىدۇ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا بوۋاقنىڭ ئۆپكە، چوڭ مېڭە ۋە بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالىرى تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ.

بوۋاق يەنە بالا ھەمراھىدىن كۆپ مىقداردىكى ئانتىتېلاغا ئېرىشىپ، ئۇنى ئ‍ۆزىنىڭ تېنىدە ساقلاپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدىنىنى قوغدايدۇ.

ھامىلىنىڭ سىرلىق ھەم ھاياجانلىق بولغان يېتىلىش جەريانى

شۇنداق قىلىپ ھامىلە پۈتۈنلەي تەييار بولۇپ، ئانىنىڭ بەدەن شارائىتىمۇ ھازىرلىنىپ بولغاندا ھامىلە ھەرىكەتكە كېلىدۇ، بۇ چاغدا ھامىلىدار ئايالدا باش سۈيى يېرىلىش، تولغاق قاتارلىق ئ‍ىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقىرىقىلار بىر كىچىك ھاياتلىقنىڭ يېتىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققىچە بولغان بۇ جەريان ھەقىقەتەن ناھايىتى سىرلىق ھەم خۇشاللىنارلىق شۇنداقمۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى