ساغلاملىق

جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن قەغەز ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇش مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالار ۋە مۇسكۇللار بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، بىر قېتىملىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن پۈتۈن بەدەن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. نۇرغۇن ئەر ـ خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن بىۋاسىتە قەغەز بىلەن سۈرتىدۇ، قايتا ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇشنى خالىمايدۇ. گەرچە بۇ قارىماققا ئانچە چوڭ مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بىر قىسىم ساغلاملىق خەۋپ ـ خەتىرى يوشۇرۇنغان.

جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن قەغەز ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن قەغەز بىلەن سۈرتسە بولامدۇ؟

1. فىزىئولوگىيىلىك ئامىللار

ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، جىنسىي يول ئېغىزى، سۈيدۈك يولى ئېغىزى مەقئەت بىلەن قوشنا، شۇنداقلا سۈيدۈك يولى قىسقا ھەم تۈز بولىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن قەغەز بىلەن بىۋاسىتە سۈرتكەندە، باكتېرىيەلەرنى ئاسانلا جىنسىي يولغا ئېلىپ كىرىدۇ، باكتېرىيەلەرمۇ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرىۋالىدۇ. قارشىلىق ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ئاسانلا جىنسىي يول ياللۇغى ياكى دوۋساق ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تازىلىق قەغىزىنىڭ سۈپىتى ناچار

بىر قىسىم سۈپەتسىز تازىلىق قەغىزى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە قەتئ‍ىي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىر قىسىم ناچار سودىگەرلەر كېرەكسىز قەغەز ياكى ياغاچ تالالىق ماتېرىياللار ئارقىلىق تازىلىق قەغىزى ياسايدۇ. تازىلىق قەغىزىنىڭ رەڭگىنى ئاق قىلىش ئۈچۈن، قەغەزگە سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان پاراشوكلارنى قوشىدۇ، بۇنداق تازىلىق قەغىزى بىلەن يەرلىك ئ‍ورۇننى سۈرتكەندە، باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تازىلىق قەغىزىنى ساقلاشتا مەسىلە ساقلانغان

ناھىيەسىگەرچە تازىلىق قەغىزى سۈپەت ئۆلچىمگە يەتكەن ھەم پاكىز بولسىمۇ، قىسمەن ئائىلىلەر تازىلىق قەغىزىنى تازىلىق ئۆيىگە ياكى كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا سېلىپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق ھاۋادا ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەر بەك كۆپ بولۇپ، بۇ كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر تازىلىق قەغىزىگە چاپلىشىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ يەرلىك ئ‍ورۇنى قىززىق ھەم نەم بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ھەمدە كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەر سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ياكى ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن قەغەز ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇش ئ‍ېلىپ كەلگەن لەززەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىچىك تەپسىلاتلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەن سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا ئەر ـ ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسى يۇقىرى قان تولۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بىر قېتىملىق رازى بولغان جىنسىي تۇرمۇش بىر قېتىملىق ئوتتۇرھال سىجىللىقتىكى ھەرىكەتكە باراۋەر بولۇپ، بەدەندىكى ئېنېرگىيە ۋە سۇ تەركىبىنى خورىتىدۇ. شۇڭا جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن ۋاقتىدا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئ‍ەمما مۇزلىتىلغان ئىچىملىك ياكى سوغۇق سۇ ئىچىپ ئاشقازان ـ ئۈچەينى غىدىقلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى