ساغلاملىق

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش قانچە ياشقىچە داۋاملىشىدۇ؟

كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جىنسىي مۇھەببەت ياشلارغىلا تەئەللۇق بولۇپ، ياشلىقنىڭ سىمۋولى، قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن جىنسىي ئەزا ۋە جىنسىي ئىستەك تەدرىجىي چېكىنىدۇ، شۇڭلاشقا قېرىلىق مەزگىلىدە كۆڭۈلدىكى شەھۋەتپەرەسلىكنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ قارىلىدۇ. قالاق ئىدىيەنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، جىنسىيەتكە پاسكىنا ھەم ساغلام بولمىغان قالپاق كىيدۈرۈلدى، شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار جىنسىي تۇرمۇشنى بالدۇرلا رەت قىلىپ، بۇنى نورمالسىزلىق دەپ قارايدۇ، ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش قانچە ياشقىچە داۋاملىشىدۇ؟

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش قانچە ياشقىچە داۋاملىشىدۇ؟

توي قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كونا ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنچىلىق بارا-بارا ئازلايدۇ. بىراق ھەر بىر ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقى بار، بۇمۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن، ئىناق تۇرمۇشنى ساقلاش غىدىقلىغۇچى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كۆپەيتىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. سالامەتلىكى يار بەرگەن ئەھۋالدا، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى 80 ياش ئ‍ەتراپىغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش قانچە ياشقىچە داۋاملىشىدۇ؟

ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشنى قاچان ئ‍اخىرلاشتۇرۇش بىر قەدەر ئىلمىي ھېسابلىنىدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇشنى قانچە ياشتا توختىتىش بىر قەدەر قىيىن سوئ‍ال بولۇپ، بۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىمۇ ئەسلا يوق، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى جىنسىي مۇھەببەتنى قاچان ئاخىرلاشتۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر 70 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ بەدىنى يەنىلا ناھايىتى قاۋۇل بولىدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر قىران مەزگىلىدە تۇرسىمۇ بەدەن ئىقتىدارى ناھايىتى ناچار بولىدۇ. ياشانغان ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ، ئاسانلا جىنسىي يول قۇرغاقلىشىش ۋە قۇرغاقلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا سىلىقلاش مېيىنى مۇۋاپىق ئىشلەتسە، بىئاراملىق تۇيغۇسىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش قانچە ياشقىچە داۋاملىشىدۇ؟

ياشانغانلار جىنسىي تۇرمۇشتا كۈچلۈكلۈك ۋە ۋاقىتنى قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش قىياپىتىنى توغرا تاللىشى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلارنى قوللانماسلىقى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى