ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن ئاياللاردا ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

قان ئازلىق دېگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنسىلا، چىرايى تاتارغان، ئاجىز بىر ئايالنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بىر قاۋۇل يىگىت بىلەن قان ئازلىقنى باغلايدۇ. ئەجەبا قان ئازلىق راستتىنلا «جىنسىي بىر تەرەپلىمە قاراش» دېگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ بۈگۈن بىز قان ئازلىق مەسىلىسى توغرىسىدا پاراڭلىشايلى. (قان ئازلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلىرى بار، بۈگۈن بىز ئاساسلىقى كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇش بولغان، يۈز بېرىش نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى بولغان تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى چۈشەندۈرۈپ چىقماقچى)

ئاياللاردا ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى كۆرۈلەمدۇ؟

ئەمەلىيەتتە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئاياللاردا يۈز بېرىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1990-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، 187 دۆلەتتە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى كىشىلەر توپىدا ئاياللاردا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

نېمە ئۈچۈن ئاياللاردا ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ؟

سىز چوقۇم ئايال كىشىنىڭ ھەر ئايدا ھەيز كېلىدۇ، ھەر ئايدا قان ئاقسا كەم قانلىق بولمامدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن! ھەيز كېلىش ھەقىقەتەن ئاياللاردا ئاسانلا قان ئازلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى.

قايسى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قان ئازلىقىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؟

ئالدى بىلەن قان تەكشۈرۈش ناھايىتى ئاددىي بولغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش بولۇپ، كۆپچىلىك كېسەل بولسىلا دوختۇرخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئۈچ چوڭ قائىدە تەكشۈرۈش (قان، سۈيدۈك، تەرەت) تەلەپ قىلىنىدۇ.

تۆمۈر ئاقسىلى نۆۋەتتە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش تۈرىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار، بولۇپمۇ سىز ھامىلدار بولسىڭىز، ھەيىز مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئىشەنچىڭىز بولمىسا، تۆمۈر ئاقسىلىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. قان ئازلىقنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى ئىمكانقەدەر يوقىتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى