ساغلاملىق

قىش پەسلىدىكى ھەر خىل «قۇرغاقلىق»نى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

قىش پەسلىدىكى ھەر خىل «قۇرغاقلىق»نى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

شىمالنىڭ قىش پەسلىدە، ئاچچىق سوغۇق شامىلىدىن باشقا، قۇرغاق ھاۋا ئادەمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر بېرىدۇ. يۈز تېرىسى ئۆرلەش، قىچىشىش؛ پۇت-قوللار قۇرغاقلىشىش، يېرىلىش؛ كالپۇك يېرىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا سۇ ئىچىشمۇ كارغا كەلمەيدۇ، نۇرغۇن نەملىك ساقلايدىغان نەرسىلەر ئىشلەتكەندىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟

جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدە قۇرغاقلىق بىر خىل ناچار ھالەت بولۇپ، كۈز پەسلىدىن باشلاپ نەم ھاۋا تەدرىجىي قۇرغاقلىشىپ، كىشىلەرگە ھەر خىل بىئاراملىقلارنى ھېس قىلدۇرىدۇ دېيىلگەن. تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرغاقلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا توغرا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردە بىز كۆپچىلىككە جۇڭگو تېبابىتىنىڭ «قۇرغاقلىشىش»قا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

كالپۇك قۇرغاقلىشىش: تۇخۇم سېرىقى مېيى سۈركەش. ئەگەر كالپۇكى قۇرغاقلىشىپ يېرىلسا، ئالدى بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇپ قوغداش رولىغا ئىگە تۇخۇم سېرىقى مېيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالپۇكىغا سۈركەپ بەرسە، ئادەتتە بىر ھەپتىدىلا ساقىيىپ كېتىدۇ. قەدىمكى تېبابەت كىتابلىرىدا تۇخۇم سېرىقى مېيى «سۇمۇرغ چۈجىسى مەلھىمى» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، جاراھەتنى يىغىپ مۇسكۇل ھاسىل قىلىش قاتارلىق رولى بار. تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: بىر دانە تۇخۇمنى سۇدا پىشقىچە قاينىتىپ، تۇخۇم سېرىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنى تۆمۈر قازانغا سېلىپ ئېزىپ، سۇس ئوتتا تۇخۇم سېرىقى قارا رەڭگە كىرگۈچە قورۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن، ماي داشقىلى بىلەن قوشۇپ كالپۇكىغا يالىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كالپۇكنى ئاسراش تەكلىپى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە لەۋ سۇرۇخ سۈركەش كېرەك، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن، كۈندۈزى تاماق يەپ، سۇ ئىچكەندىن كېيىن، لەۋ سۇرۇخنىڭ بىر قىسمى چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنى تولۇقلاش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق، كېچىدە لەۋ سۇرۇخ سۈركەش ئارقىلىق ئىككى كۈندىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

يۈزى قۇرغاقلىشىش: شىقىلداق، شاقاقۇل. يۈز قىسمىنىڭ قۇرغاقلىشىشى تېرە سۈيىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. تېرە سۇ كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق كۆرۈلۈپ، تېرە قىزىرىش، ھەتتا قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرغاق تېرە ئاسانلا تېخىمۇ كۆپ تېرە مېيى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، يۈز قىسمىنىڭ تېخىمۇ مايلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تېرىگە سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. يىل بويى سۇ تولۇقلايدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە ئۈستەل ئۈستىگە كىچىك بىر نەملىك ئاشۇرغۇچ قويۇپ قويسا، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ سۇنى ئاز ئىچمىگەنلېكىنى، تېرىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن يەنىلا قۇرغاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۇ ئىچىش ئۇسۇلىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالدى بىلەن، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم. ئىچىملىكنىڭ ئوسموتىك بېسىمى ئادەتتە فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئىچكەندە بەدەندىكى سۇنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشى ئىچىملىك قايناق سۇ ياكى سۇس چاي ئىچىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سۇ ئىچىش قېتىم سانى ۋە مىقدارىغىمۇ دىققەت قىلىش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ئەگەر سۇنى بىراقلا كۆپ ئىچىۋەتسە، ئىچىلگەن سۇ ناھايىتى تېزلا سۈيدۈك بىلەن بىللە چىقىپ كېتىپ، تېرىنى نەمدەش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا: ھەر قېتىمدا ئىككى ئۈچ كاپام ئىچىپ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە ئىچىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن سۇنىڭ بەدەندە ساقلىنىپ نەملىك ساقلاش رولىنى ئوينىغىلى بولىدۇ.

قىش پەسلىدىكى ھەر خىل «قۇرغاقلىق»نى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە شىقىلداق، شاقاقۇلنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، تېرىگە سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى: شاقاقۇلدىن 15 گىرام، شىقىلداق 15 گىرام، چىلاندىن 6 گىرام، ئالقاتتىن 3 گىرام ئېلىپ، قۇم قازاندا مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قاينىتىپ، كۆپتۈرۈپ تەييارلانغان شاقاقۇل، شىقىلداق، چىلان، ئالقاتقا مۇۋاپىق مىقداردا پىياز، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، سېرىق ھاراقنى سېلىپ قاينىتىپ، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئاندىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ تەييارلىسا بولىدۇ.

قول-پۇت قۇرغاقلىشىش: ياۋا تاۋۇز مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنى ئېزىپ يۇمشاق مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ يېپىشقاقلىقىنى تەڭشەپ، قول مەلھىمى ياساپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قولغا سۈركەپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىش ۋە قورۇققا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا قول قۇرغاقلىشىشنى پەسەيتىش، قوپال ۋە قورۇقلارغا تاقابىل تۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان. ئەگەر ئاۋارىچىلىق ھېس قىلسىڭىز، ئادەتتىكى قول سىلىقلاش مېيى سېتىۋېلىپ، كىچىك سومكا سېتىۋېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارغا قويۇڭ، يەنى قول يۇيۇش كۆلچىكىنىڭ گىرۋىكى، ئىشخانا، سومكا، گىرىم ئۈستىلى، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتا بولسۇن، قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرتۈش، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم سۈرتۈش كېرەك.

ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، تاپىنى قۇرغاقلارمۇ شۇ بويىچە تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ. يەنە جۇڭيى تېبابىتىدە ئىسسىق ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇت ئۆكچە يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كەچتە بىر جۈپ ساپ پاختا پايپاق كىيىپ ئۇخلاش. بۇ خىل پايپاقنىڭ ئۆكچە قىسمىدا بىر قەۋەت يىلىم ماددىسى بار بولۇپ، تاپان بېسىمىنى پەسەيتىش، نەملىكنى ساقلاش، قۇرغاقلىقنى نەمدەش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر كۈنى كەچتە پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تېرە سىلىقلاش مېيى سۈركەپ، پايپاقنى كىيىۋالسىلا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا چىڭ تۇرغاندا ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى