ساغلاملىق

ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش

ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش

قىش پەسلىدە دىققەت قىلمىسا ئاسانلا قۇلاق، پۇت – قوللار ئۈششۈپ قالىدۇ. ئۈششۈگەن جايدا چېگرىسى ئېنىق بولمىغان ئىششىق پەيدا بولىدۇ ۋە قىچىشىش، چىڭقىلىش، ئېچىشىش ياكى سانجىلىپ ئاغرىش سېزىملىرى بولىدۇ. ئۈششۈكنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ.

ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش

بىرىنچى دەرىجىلىك ئۈششۈك: ئۈششىگەن جاي ئىسسىغاندىن كېيىن قىزىرىپ چىقىدۇ ۋە سەل – پەل كۆكۈرىدۇ ھەم يىڭنە سانجىغاندەك قىچىشىپ ئاغرىيدۇ. بەزىدە ئىششىق پەيدا بولىدۇ، قىچىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاساسەن ئىسسىغاندا ياكى كېچىسى ياتقاندا كۈچىيىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۈششۈك: 1- دەرىجىدىكى ئۈششۈكتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا يەنە قاپاراتما پەيدا بولىدۇ، تېرە قارامتۇل قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، قاپاراتمىدا سېرىق سۇ يىغىلىدۇ.

ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش

ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئۈششۈك: تېرە توق قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ ۋە بارا – بارا سېزىمىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ئۈششۈگەن جايدىكى قىسمەن ھۈجەيرىلەر ئۆلىدۇ ياكى شۇ جاينىڭ تېرىسى چۈشۈپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجىلىك ئۈششۈك: يۇقىرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا، ئۈششۈك سۆڭەككىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

1. ئۈششۈك تەگكەن ئادەمنى دەرھال ئۆيگە ئېلىپ كىرىش، ئەمما ئوتقا يېقىن تۇرغۇزماسلق، ئۆينى بەك ئىسسىتىۋەتمەي، تېمپېراتۇرىنى ℃20 -℃30 ئەتراپىدا ساقلاش، كىيىم – كېچەكلىرى نەم بولسا سالدۇرىۋېتىپ، قۇرۇق كىيىم كىيدۈرۈپ بەدەننى تەبىئىي ھالدا ئىللىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاندىن ئىسسىق چاي، ئىسسىتىلغان ھاراق ياكى قىززىق شېكەر سۈيى ئىچكۈزۈش كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۈششۈپ قالغان جاينى ئۇۋۇلاپ بەرسە، يەرلىك ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، تېرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۈششۈگەن جاينى ئەتراپىدىن ئوتتۇرىسىغا قارىتىپ تاكى ئۈششۈگەن جاي سېزىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، تېرە سەل قىزارغان، ئاغرىشنى سېزىدىغان بولغانغا قەدەر يېنىك سىيلاپ بېرىش كېرەك. سانجىپ قىچىشىش ياكى ئېچىشىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولغانلىقى ئۈششۈگەن جايدىكى نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ.

2. تۇخۇم شاكىلىنى قاينىتىپ، يۈز يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشاش دەرىجىدە سوۋۇتۇپ، ئۈششۈپ قالغان ئورۇننى چىلاپ، ئاندىن بىر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بەرسە ئۈششۈكنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ؛ ياكى ئاق تۇرۇپ بىلەن زەنجىۋىلنى چاناپ سۈيىنى چىقىرىپ، قىزىتقاندىن كېيىن، تېرە قىزارغىچە سۈرتۈپ بەرسىمۇ يېنىك دەرىجىدىكى ئۈششۈكنى ساقايتىدۇ.

3. ئەگەر ئۈششۈگەن جاي دەرھال ئەسلىگە كەلمىسە چەيزە شادىسى بىەن سامساقنى قايناقسۇغا چىلاپ كۈنىگە بىر – ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ بېرىش ياكى ئاۋۋال ئىلمان سۇدا يۇيۇپ ئاندىن ئاق ھاراق ياكى سۇيۇلدۇرۇلغان يود سۈرتۈش كېرەك. قاپىرىپ چىققان بولسا قاپاراتقۇنى تېشىۋەتمەي يۇيۇپ ئۈستىگە ئۈششۈك دورىسى سۈرتۈپ قويۇش كېرەك. تېشىلىپ كەتكەن بولسا ئۈششۈك دورىسى سۈرتكەندىن باشقا يەنە ئازراق خۇاڭبۇ (زىرىخ قوۋزىقى)نى ئادەم سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

ھەرقانداق دەرىجىدىكى ئۈششۈكنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ئۈششۈش دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى ياكى تامامەن ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەمما ئۈششۈگەن جاي جاراھەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى