ساغلاملىق

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە…

تۇرمۇشتا ئىككى خىل ھادىسە بار: بىرى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قوزغالغاندىن كېيىن، ئاندىن قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى (尿酸) سەۋىيەسىنىڭ نورمال قىممەتتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلېكىنى بىلىش. يەنە بىر خىل ھادىسە شۇكى، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە سۈيدۈك كىسلاتاسى قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقاش، لېكىن بۇنىڭدا ھېچقانداق تىپىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلەپ كەتسە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئالدى بىلەن بوغۇم كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۆرەك ۋە قان تومۇر قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، يەنە قان شېكىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەگەر سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلەپ كەتسە كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماڭ!

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

1. ئۇيقۇسى كېلىش، ئۇسساش
سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرىلاپ كەتكەن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر دائىم سەۋەبسىزلا ئۇسساش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەمدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندىن كېيىن يەنە ئۇسساش ئەھۋالىنى ھېس قىلسا، بۆرەكتىكى توكسىننىڭ يىغىلىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
چۈنكى بۆرەك بۇ زەھەرلىك ماددىلارنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشكە موھتاج، لېكىن كۆپ مىقداردا سۇ تەركىبى ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر دائىم مۇشۇنداق نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلسە، بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

2. سۈيدۈك چىقىرىش نورمالسىزلىقى
ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈيدۈك چىقىرىشتا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلسە، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۆرەكتە مەسىلە بولسا سۈيدۈكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈكنىڭ رەڭگىنىڭ قېنىق چاي رەڭگىدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ھەتتا كۆپۈكسىمان ھالەت شەكىللىنىدۇ، بۇ دەل سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ كىرىستاللىشىپ يىغىلىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ھەمدە شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەرەت قېتىم سانىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر سىزدە دائىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، چوقۇم ۋاقتىدا كۆزىتىش كېرەك.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

3. تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىقى
كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بۆرەك شارچىلىرى ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ، ھەتتا تاساددىپىي قازا قىلىشىمۇ مۇمكىن، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنى ياخشى چىقىرىۋەتكىلى بولمىغاندا ئاسانلا بەدەنگە يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇلۇق ئىششىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىقى ھەمدە كۆز قاپىقى سۇلۇق ئىششىق ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

4. بەل ئاغرىش
بەدەندە سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپ يىغىلىپ قالسا، بۆرەكتە ئېغىر يۈك پەيدا بولۇپ، ئاسانلا بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە بەلنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىپ، ئاسانلا ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولسا يەنە ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق ئالامىتى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بەرسە، سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ!
ئ‍ەركەك ئەمەن (茼蒿، سېرىق سەبدە ياكى سىرغا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)
ئەمەن تەركىبىدە كالىي مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، بەدەننىڭ سۇ مېتابولىزمىنى تەڭشەپ سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ. ئەمەن ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، بەدەندە ماددا ئالماشقاندىن كېيىن ئىشقارلىق ماددا ھاسىل قىلىپ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇپ قاننىڭ كىسلاتالىشىشىنى توسىدۇ.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

ئىپومېيە ئوتى (空心菜)
ئىپومېيە ئوتى (كاۋاك سەي) تەركىبىدىكى يىرىك تالالارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر مول بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىك تالالىرى سېللۇلوزا، يېرىم سېللۇلوزا، لىگنىن، يېلىم ۋە مېۋە يېلىمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.
ئىپومېيە ئوتى ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، يېگەندىن كېيىن سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

كەچتە ئۇخلىغاندا بەدەندە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە...

پەمىدۇر
پەمىدۇر قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئىشقارلىق سۈيدۈكنى ھەيدەپ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەمىدۇرمۇ تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشتە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەينۇلا (蓝莓)، گىلاس (樱桃)
بۇ ئىككىلىسى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى داۋالاشتىكى «چولپان مېۋە» بولۇپ، تەتقىقاتتا مەلۇم مىقداردا سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى