ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن تېرىنى قاشلىغانسېرى تېخىمۇ قىچىشىپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېرىنى قاشلىغانسېرى تېخىمۇ قىچىشىپ كېتىدۇ؟

تېرە قىچىشىش گەرچە ئانچە ئېغىر كېسەل بولمىسىمۇ، لېكىن چىدىغۇسىز قىچىشىش تۇيغۇسى ئادەمنى بەك قىينايدۇ، بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىنى تاتىلاپ زەخىملەندۈرىدۇ، بۇ دائىم يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

نېمىشقا بارغانسېرى قىچىشىدۇ؟

1. تېرە قىچىشقاندا، جاراھەتنى تاتىلاش نېرۋا تالالىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ خاتا سىگنال بېرىپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

2. تېرىنى تاتىلاش جەريانىدا، مۈڭگۈز قەۋەت سۈنئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قىل قان تومۇرلاردىكى قان ۋە قان زەردابى ئاقسىلى ئېقىپ چىقىپ، قىچىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

3. مۈڭگۈز قەۋەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، سىرتقى مۇھىتتىكى باكتېرىيەلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىدە ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ، ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا تالالىرىنىڭ ئاستا چاستوتىسى بىلەن تېز چاستوتىسى توقۇنۇشۇپ قالغاندا، چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا مەركىزى خاتا ئۇچۇر چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرە بارغانسېرى قىچىشىدۇ.

 

نېمە ئۈچۈن تېرىنى قاشلىغانسېرى تېخىمۇ قىچىشىپ كېتىدۇ؟

تېرە قىچىشىشنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

1. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاچچىق ۋە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش، ئۆزىنى تەڭشەش، خۇشال ياشاشنى ئۆگىنىش كېرەك.

2. تېرە پاكىز بولۇشى، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، يەلتاشما بىمارلىرى بەدىنى قىچىشقاندا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

3. قاشلىماسلىق، تۇتقانسېرى قىچىشىش، تۇتقانسېرى ئىششىش. سىز يەرلىك ئورۇننى تۇتقاندا، ئەكسىچە يەرلىك ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاندىكى گىستامىن (زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى)نى تېخىمۇ كۆپ چىقىرىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە قىچىشقان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى تۇتماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى