ساغلاملىق

جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟

جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟

جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى يەنە جىگەر مەنبەلىك ھوشسىزلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ جىگەر قېتىش ياكى جىگەر راكىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى بۇزۇلۇش، ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىش، ئاڭ-سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە جىگەر ئىقتىدارى زەخىملىنىش. ئۇنىڭدىن باشقا جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى جىگەر قېتىش ياكى جىگەر راكى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئاڭ توسالغۇسىنىڭ دەرىجىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسىگە ۋە مېڭە ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىىسدىكى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ:

بۇ باسقۇچتا بىمارلاردا يېنىك دەرىجىدە خاراكتېر ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، ھەرىكەت جەھەتتە يېنىك دەرىجىدە نورمالسىزلىشىدۇ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بىنورمال ھاياجانلىنىش ياكى جىمىغۇرلىشىش، كېيىنىشى رەتسىز بولۇش، خالىغان يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشتىن ئىبارەت. گەرچە توغرا جاۋاب بېرەلىسىمۇ، بىراق سۆزلىرى ئېنىق ئەمەس ھەم سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ:

بۇ ھوشسىزلىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، ئەس-ھوشى قالايمىقانلىشىش، ھەرىكىتى نورمالسىزلىنىش ۋە ئۇيقۇدا توسالغۇ پەيدا بولۇش قاتارلىقلار. بىمارنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولۇپ، ھەمىشە يولدىن ئېزىپ قالىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ياكى تونۇش كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى پەرق ئېتەلمەي قالىدۇ، ئاددىي ھېسابلاش ۋە ئەقلىي كۈچ پائالىيەتلىرىنى تاماملىيالمايدۇ، گەپ-سۆزلىرى ئېنىق بولماي، خەت يېزىش جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىمۇ بىنورمال بولىدۇ.

جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟

ئۇيقۇ جەھەتتىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ ئۇخلاش ۋاقتى خاتا بولۇپ قالىدۇ، كۈندۈزى ئۇخلايدۇ، ئەمما كېچىسى ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىدۇ، دائىم خىيالىي تۇيغۇ، قورقۇش ۋە سەپرا پەيدا بولىدۇ، بۇ خۇددى روھىي كېسەللىككە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تۈردىكى ئادەملەردىمۇ روشەن نېرۋا ئالامەتلىرى بولىدۇ، مەسىلەن مۇسكۇل كېرىلىش كۈچى يۇقىرىلاش ۋە پەي رېفلېكس ئېشىپ كېتىش. بۇنىڭدىن باشقا تىترەش يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ، بىماردا ھەرىكەت تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ:

بۇ ئۇخلاش مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇيقۇچانلىق ۋە ئەقلىدىن ئادىشىش، بىمارنىڭ نېرۋا ئالاھىدىلىكى ناچارلىشىش. بىر قىسىم كىشىلەر ئويغانغاندا جاۋاب قايتۇرۇپ سۆزلەشكىلى بولىدۇ، بىراق ئەس-ھوشى جايىدا بولمايدۇ ۋە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. مۇسكۇل كېرىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، پۇت-قوللار پاسسىپ ھەرىكەت قىلغاندا قارشىلىق كۈچى پەيدا بولىدۇ. ئېلېكتروئېنسېفالوگراممىدا غەيرىي دولقۇن شەكلى بولىدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچ:

بۇ ھوشسىزلىق مەزگىلى شۇنداقلا ئەڭ ئېغىر مەزگىل بولۇپ، بىمارنىڭ ئەس-ھوشى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ ھەمدە ئويغىنالمايدۇ. تېيىز ھوشسىزلانغاندا ئاغرىش، غىدىقلىنىش ۋە بىئاراملىققا قارىتا مۇئەييەن ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، ئەمما پەي رېفلېكس ۋە مۇسكۇل كېرىلىش كۈچى يەنىلا ھاياجانلىنىش مەزگىلىدە تۇرىدۇ. چوڭقۇر ھوشسىزلىق ھالىتىدە ھەر بىر خىل رېفلېكس يوقىلىدۇ، مۇسكۇلنىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە كۆز قارىچۇقى يوغىنايدۇ، دائىم تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك تارتىشىش ۋە ھاۋا ئالمىشىش ئېشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟

جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن ئېغىر دەرىجىدىكى زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش ۋە جىگەر راكى قاتارلىقلار. بىمار مەزگىلىدە ھەزىم قىلىش يولى قاناشنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك، يۇقىرىقى ھەزىم قىلىش يولى قانىسىا، ۋاقتىدا قان توختىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدىكى يىغىلىپ قالغان قاننى ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك. بۇ مەزگىلدە قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش، رەۋەن، پەمىدۇر يوپۇرمىقى ۋە مېۋە شېكىرى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، قەۋزىيەت سەۋەبىدىن كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئېلېكتىرولىت ۋە كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى