يېمەك-ئىچمەك

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

ئىنسانلار مەلۇم ھايۋانغا بىر خىل ئالاھىدە ئوبرازنى ئاتا قىلىشقا ئامراق، مەسىلەن، ئۆچكىنى قىياپىتى غەلىتە دەيدۇ، پىلە قۇرتى ۋە ھەسەل ھەرىسىنى شەخسىيەتسىز تۆھپىكار دەيدۇ، تۈلكىنى ھىيلىگەر دەيدۇ، چۈمۈلىنى ئىتتىپاقلىقنىڭ سىموۋۇلى دەيدۇ. كەپتەرگە بولغان قاراش بىر قەدەر زىددىيەتلىك، ئۇ ھەم زەيتۇن شېخىنى چىشلەپ تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھەم كەتسە كەلمەيدىغان «放鸽子» بوپمۇ قالىدۇ (تەرجىماندىن: 放鸽子 بۇ سۆز دۆلەت تىلىدا ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ۋاقتىدا قىلماسلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ). ئەمما، ئىنسانلار تارىخىدا كەپتەر ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىغان، كەپتەر تاماق ئۈستىلىگە چىقىشتىن تارتىپ ئۇچۇر يەتكۈزۈشكىچە، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقىنى خېلى ئۇزۇن بولدى، بۈگۈن بىز كەپتەرنىڭ تاماق رىسالىسىدىكى تارىخنى كۆرۈپ چىقايلى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەپتەر ئىستېمال قىلىش تارىخىدا، ئىنسانلار قانداق ئۇسۇللار بىلەن كەپتەر يېگەن؟ كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

خام يېيىش كەپتەر يېيىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى

ناھىيەسىگەرچە بىز دائىم ئىنسانلارنى ئۆزىمىز قالتىس دەپ چاغلىساقمۇ، لېكىن بۇ پالېئونتولوگلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل قاراش ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر دۇنياغا بىر ۋاقىت ئوقى قوشۇلسا، ئۇنداقتا بىز ھەر خىل ئادەمگە تەۋە تۈرلەرنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى نېئاندېرتال ئادىمى تەبىئەت تاللىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى. نېئاندېرتال ئادىمى گېرمانىيەنىڭ نېئاندېرتال تاغ جىلغىسىدا بايقالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان، ئىلگىرى ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە ياشىغان، ئۇلارنىڭ غايەت زور مېڭە سىغىمى 1200-1700 مىللىلېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئىدراكلىق ئادەملەرنىڭ 1400-1600 مىللىلېتىرلىق سىغىمىدىن قېلىشمايدۇ.

400 مىڭ يىل ئىلگىرى بىر تەرەپكە يان بېسىشنى خالىمايدىغان نېئاندېرتال ئادىمى سەپەرگە ئاتلىنىپ ئافرىقىدىن ئايرىلىپ، مىڭبىر جاپادا غەربىي ياۋروپاغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ توم سۆڭەكلىرى ۋە ساغلام مۇسكۇللىرى تەبىئەتكە قارشى تۇرۇش جەريانىدىكى ئەۋزەللېكىنى تولۇق نامايان قىلغان. يوغان بۇرۇن تۆشۈكى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماي ئالمىشىش ئۈنۈمى، ئۇلارنى ئەينى چاغدىكى غەربىي ياۋروپادىكى قەھرىتان سوغۇق جايدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. سوغۇق شامال ۋە قېلىن قار ئالدىدا غاردا ياشاش كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلار غارغا گۈلخان يېقىپ شۇ يەرنى ماكان قىلىپ ياشاپ كۆپەيگەن، گۈلخاندا كەپتەرمۇ ئىنسانلار بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزمۈ-يۈز ئۇچراشقان.

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

يەرلىك كەپتەر

بۇ ئۆڭكۈرلەردىكى «يەرلىك كەپتەرلەر» كەپتەرلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كەپتەر ھېسابلىنىدۇ. يەرلىك كەپتەر كۆندۈرۈلگەن ئۆي كەپتىرىنىڭ ياۋا تۈرى بولۇپ، سىز مەيداندا كۆرگەن ياۋاشلىق قىلىدىغان كەپتەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆندۈرۈلگەن يەرلىك كەپتەرلەر. ھازىرقى زاماندىكى ئەركىن كەپتەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرىكى كەپتەرلەر ئۇۋىسىدا تۈگۈلۈپ، نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ گۈلخانلىرىغا تىكېلىپ قاراپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تىك قىيا ۋە يالىڭاچ تاغ گەۋدىسى، غەلىتە تاش چوقچىيىپ تۇرغان ئۆڭكۈرلەرمۇ ئۇۋا ياساشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش. بىراق نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى كەپتەرلەرنىڭ شەخسىي ئۆڭكۈرلىرىمۇ كەپتەرلەرنىڭ بولماي قالدى. قانداقلا بولمىسۇن نېئاندېرتال ئادەملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئوۋ ئوۋلاشقا چىققانغا قارىغاندا، بۇ كېلەڭسىز ھەم سېمىز كەپتەرلەرنى تاماق تىزىملىككە كىرگۈزۈش بىر خىل ئاقىلانە تاللاش ئەلۋەتتە.

نېئاندېرتال ئادەملىرى كەپتەرنى قانداق يېگەن؟ گىبرالتاردىكى گورىم ئۆڭكۈرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ئىسپاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نېئاندېرتال ئادىمى ئەڭ بۇرۇنقى كەپتەر تەلۋىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەپتەرنى ئىستېمال قىلىشىنى 67 مىڭ يىل بۇرۇنغا سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئارخېئولوگلار قېزىۋېلىنغان 1724 دانە ئىپتىدائىي كەپتەرنىڭ تاشقاتمىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يۈزىدە چىشلىگەن ئىزلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقالغانلىقىنى، پەقەت ئاز بىر قىسمىدىلا كاۋاپ قىلىنغان ئىزلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، كېسىۋېتىلگەن ئىزلارنىڭ پەقەت 28 پارچىسىدىلا بارلىقىنى بايقىغان. بۇ دەلىل-ئىسپات گەرچە نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ كېسىش ۋە ئوت ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇللارنى ئىشلەتمەي، يۇمشاق ۋە سۇس ئوتتا ئاستا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، بىۋاسىتىلا چىشلەپ يېگەنلېكىنى ھەم بىۋاسىتىلا چىشلەپ يېيشنىڭ نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كەپتەر يېيىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مايدا پىشۇرۇپ پىشۇرۇش ھەقىقىي تەملىك يېيىش ئۇسۇلى

كەپتەر ئۇرۇقدىشى (Columba) ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىنتايىن مول تۈر ۋە كەڭ تارقالغان، ئەمەلىيەتتە كەپتەر يەككە تۈردىكى كەپتەر ئەمەس، پاختەك قاتارلىق كەپتەر ئائىلىسى (Columbidaae) دىكى تۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە كەپتەر دېگەن ئىسىم قويۇلغان، بىراق بىز يەنىلا بىز بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن بولغان يەرلىك كەپتەرنى كەپتەر دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. يەرلىك كەپتەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشى ئۇنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغىنى يوق. ئەكسىچە، يەرلىك كەپتەر ئۆزىنىڭ «پۈتۈن دۇنياغا ئۇچۇشى»غا ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتىچىسى-ئىدراكلىق ئادەمنى تاپقان. ھازىرقى يەرلىك كەپتەرلەر 300 خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چىرايلىق پەي تاجىغا، بەزىلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

ھازىرقى كەپتەرلەرنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل

2013-يىلى شېنجېن خۇادا گېن تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆي كەپتىرىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى تەھلىل قىلىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆي كەپتىرى سورتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەنلېكىنى بايقىدى، ھازىر نۇرغۇن ئۆي كەپتىرى سورتى كۆپ جايلاردا تاللاپ يېتىشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو، ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى، مىسىر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئۆي كەپتىرى يېتىشتۈرىدىغان جايلاردۇر. ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كەڭ تارقالغان بۇ يەرلىك كەپتەرلەر ياكى كۆزگە كۆرۈنگەن تاشقى قىياپىتىگە، ياكى ئۇچۇش ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىدراكلىق ئادەملەرنى جەلپ قىلغان، ھەمدە ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىغا قەدەم قويغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنى بىراقلا بەختلىك قىلىش ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

مېسوپوتامىيە ۋە قەدىمكى مىسىرلىقلار ئەڭ دەسلەپ كۆندۈرۈلگەن قۇش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەپتەرنى يېمەكلىك قىلىشقا باشلىغان، ئارخېئولوگىيەلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇنىڭدىن 5000 يىل ئىلگىرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. چېچەن پاكىز قەدىمكى مىسىرلىقلار خام گۆش يەيدىغان نېئاندېرتال كىشىلىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىككە قارىتا ئۆزىگە خاس تەلىپى بار ھەمدە دۈملەش، كاۋاپ قىلىش، قاينىتىش، قاينىتىش، مايدا پىشۇرۇش، قاقلاش قاتارلىق تاماق ئېتىش ماھارەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. تام رەسىملىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەپتەر كاۋىپىدىن ئىبارەت بۇ قورۇما قەدىمكى مىسىر ئاقسۆڭەكلىرى زىياپىتىدىكى «دائىملىق مېھمان» بولۇپ قالغان. قەدىمكى مىسىرلىقلار ۋە مېسوپوتامىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەپتەر يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇقەددەس ھايۋان ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ سىمۋولى، شۇڭا كەپتەر دائىم تەبرىكلەش ۋە نەزىر-چىراغ سورۇنلىرىدا پەيدا بولغان.

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

كەپتەر ۋە قۇش شەكىللىك قىزلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سېغىز توپىدىن ياسالغان ئوردا، مېسوپوتامىيەلىكلەر كەپتەرنى تۇغۇشنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغان.

دۆلىتىمىزدىكىلەرمۇ ئوخشاشلا كەپتەرنىڭ مەزىلىك تەمىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان. قەدىمدە كەپتەر يەنە ئالىي دەرىجىلىك ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارالغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاقساقال مېڭ يۈەنلاۋ «شەرقىي ئاستانە خاتىرىسى»دە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان شەرقىي شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئەسلەپ، ھەر كۈنى تاڭ يورىغاندا ئىس-تۈتەك چىقىدىغانلىقىنى، مال ساتقۇچىلارنىڭ ئاۋازىنىڭ كوچىلارنى كېسىپ ئۆتۈشكە باشلايدىغانلىقى تەرىپلەپ بولغاندىن كېيىن: «قوي چوققىسى، ئۆپكە-قېرىنلار، ياغدەك پارقىراق قوي بۆرەكلىرى، قىزىل مۇقاتىل، بۆدۈنە، توشقان، كەپتەر، ياۋا پۇراق، قىسقۇچپاقا، سەدەپ قۇلۇلىسى… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر توپ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كەپتەرلەر ئالاھىدە يېمەكلىك بولۇپ قالغان» دەپ يازغان.

بۈگۈنكى كۈندە، كەپتەرنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ خىل يېيىش ئۇسۇلى بار، مايدا پىشۇرۇپ يېيىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەس. ھەمدە كىشىلەر كەپتەر گۆشىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ، «بىر كەپتەر توققۇز توخونى يېڭىدۇ» دەپ قارايدۇ، كەپتەر گۆشىگە بولغان «ئىشەنچ»مۇ ئۇنى تۇغۇتتىن كېيىنكى ياكى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ياخشى رېتسېپ قىلىپ قويغان.

ھېچكىم مەززىلىك تائاملارغنى رەت قىلالمايدۇ، بۇمۇ كەپتەرنىڭ ئىنسانلارنى تىزگىنلىشىدىكى ئاقىلانە تەرىپى. يەرلىك كەپتەر ئوزۇقلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىدراكلىق ئادەملەر بىلەن تۇتۇشۇش جەريانىدا تەدرىجىي ياخشى مۇھىتقا كىرىپ، توختىماستىن ياشاش ماكانىنى كېڭەيتىپ سانىنى زورايتقان. ئەگەر گېن نۇسخىلىنىش سانىنى ئۆلچەم قىلىپ بىر تۈرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىغا ھۆكۈم قىلغاندا، كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن كۆپ مىقداردا كۆپىيىدىغان كەپتەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، يەرلىك كەپتەردىن باشقا كەپتەرلەر «مەززىلىك تەم»نىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كەتكەن.

ياۋروپالىقلار ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم قويغاندا، مەززىلىك تائاملارنى ئىزدەش سەپىرى باشلانغان، ئەمما ساياھەت كەپتىرى (Ectopistees migratorrius) دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نىشانلارنىڭ بىرى بولغان. ساياھەت كەپتىرى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن مەلۇمكى، ئۇ دائىم كەڭ دائىرىدە كۆچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەت كەپتىرى ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك قۇش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن توپ-توپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، كەپتەر توپى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نەچچە يۈز كىۋادرات كىلومېتىر يەرگە توپلىنىدۇ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بۇ زور كوللېكتىپ ھەرىكەت دەل ئوۋچىلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان.

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

يېتىلگەن ئەركەك كەپتەر

ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىدە ئورمانلارنى كېسىپ بوز يەر ئاچقان، روشەنكى بۇ ئۇسۇل ياۋا كەپتەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ياشاش ماكانىدىن ئايرىلغان ياۋا كەپتەرلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى قالمىغان، قورسىقى ئېچىپ ئامالسىز پەقەت ئېتىزلاردىكى ئاشلىقلارنىلا ئىستېمال قىلغان. ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان ئاشلىقنى ساياھەت كەپتىرى يەۋەتكەچكە، ياۋروپادىن كەلگەن بۇ بوز يەر ئاچقۇچىلار قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان ئىپتىدائىي كەپتەرگە سېلىشتۇرغاندا، ياۋا كەپتەرلەر تاش قوراللارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى مىلتىق كۆتۈرۈۋالغان ياۋروپالىقلارغا يۈزلەنگەن، مىلتىق ئاستىدا توپلىشىپ ياشايدىغان كەپتەرلەر توپى كومبايىن ئورىغان بۇغدايغا ئوخشاش رەھىمسىز ھالدا «ئورۇلغان». ساياھەت كەپتىرىنىڭ گۆشى سېمىز ھەم تەملىك بولغاچقا، زىيانغا ئۇچرىغان ئاشلىقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ساياھەت كەپتىرى بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ كۆكتات ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىنگەن.

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

ساياھەت كەپتىرىنى تەلۋىلەرچە ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈش

19-ئەسىردە، ساياھەت كەپتىرىنىڭ تۈر توپى سانى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى، ھالبۇكى، بۇ چاغدا بارلىق قوغداش تەدبىرلىرىمۇ كېچىكتى. 1914-يىلى كۈزدە دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ساياھەت كەپتىرى «ماشا» ئۆلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۇردىكى كەپتەرنىڭ نەسلى قۇرىغان (بۇ ساياھەت كەپتىرىنىڭ ئىسمىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش تۆھپىكارى ۋاشىنگتوننىڭ ئايالى ماشا ۋاشىنگتون قويغان).

كەپتەر قاچاندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققان؟

دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ساياھەت كەپتىرى« ماشا»

«ماشا»نىڭ ئىلگىرى نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ساياھەت كەپتىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلامدۇ-يوق؟ بەلكىم، بىز «ماشا»نىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئويلاپ بېقىشىمىز، ھەرگىزمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئىزدەشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى