تەبىئەت

ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن»لار

ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن»لار

دۇنيادىكى مۈڭگۈزى ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن كالا

ئالاباما ئىشتاتىدا بىر ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك كالا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئ‍ارىلىقى 3.2 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئادەمنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياتقۇزۇپ قويغان بىلەن باراۋەر.

ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن»لار

دۇنيادىكى قۇلىقى ئەڭ ئۇزۇن ئىت

بۇ خىل ئىتنىڭ ئىسمى «ئېنوت ئوۋ ئىتى» بولۇپ، ئېنوت ئوۋلاشقا ماھىر بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئۇلارنىڭ قۇلىقى ھەم ئۇزۇن ھەم قېلىن، بىر قۇلىقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ ھەمدە دائىم ئىككى مەڭزىگە ساڭگىلاپ، ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇلىقى ئەڭ ئۇزۇن بىر ئوۋچى ئىت ئامېرىكىلىق ئ‍ىت خۇببىل بولۇپ، ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ سول قۇلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 34.3 سانتىمېتىر، ئوڭ قۇلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 31.3 سانتىمېتىر ئ‍ىكەنلېكىنى جەزىملەشتۈرۈلگەن، ئ‍ۇ نۆۋەتتە قۇلىقى ئەڭ ئۇزۇن ئىت ھېسابلىنىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن»لار

دۇنيادىكى تېنى ئەڭ ئۇزۇن مۈشۈك

مۈشۈك دۇنياسىدا بەدەن شەكلى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ماين مۈشۈكى. ماين مۈشۈكى ئادەتتە بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۆسەلەيدۇ. ماين مۈشۈكىنىڭ تېنى ئۇزۇن ھەم تېنى ئىنتايىن توم بولۇپ، ئۇزۇن تۈكلىرى بىلەن ماسلاشقان، قارىماققا خۇددى بىر «گىگانت مۈشۈك» كە ئوخشايدۇ، لېكىن مىجەزى ناھايىتى مۇلايىم بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «مۇلايىم گىگانت مۈشۈك» دەپ ئاتىشىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا جىننېس رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بەدىنى ئەڭ ئۇزۇن مۈشۈك ئىتالىيەدىكى «بالىۋېل» ئ‍ىسىملىك ماين مۈشۈكى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر كېلىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن»لار

دۇنيادىكى مويى ئەڭ ئۇزۇن توشقان

ئانگولا توشقىنى ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قويۇق ئۆسكەن ئاق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، تۈكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ ئ‍ۇزۇن تۈكلەر دائىم يۈزىنى توسۇۋالىدۇ، بۇ خىل توشقان ئاق ھەم سېمىز «تۈكلۈك شارچە»گە ئوخشايدۇ. ئانگۇلا توشقىنىنىڭ يۇڭىدا كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلارنى تىكىدۇ. 2014-يىلى ئامېرىكىدىن كەلگەن ئانگولا توشقىنى فرانچېسكا جىننېس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا بويىچە تۈكى ئەڭ ئۇزۇن توشقان بولۇپ قالدى. ئ‍ۇنىڭ تۈكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى «ئ‍ەڭ ئ‍ۇزۇن»لار

دۇنيادىكى تېنى ئەڭ ئۇزۇن تىمساھ

قولتۇق تىمساھى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئۇزۇن يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى دېڭىز بويىدىكى تۇزلۇق سۇ رايونىدا ياشايدۇ. قولتۇق تىمساھى يېتىلگەندىن كېيىن تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3~6 مېتىرغا، ئېغىرلىقى تەخمىنەن600 ~1000 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، قولتۇق تىمساھى ئىنتايىن ۋەھشىي بولۇپ، ئۆزى ياشايدىغان رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوۋلىغۇچىلىق ئورنىدا تۇرىدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى بىر ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىدا «كاسسىئۇس» دەپ ئاتىلىدىغان قولتۇق تىمساھى ياشايدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە سۈنئىي بېقىلغان ئەڭ ئۇزۇن تىمساھ بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.46 مېتىر كېلىدۇ، بۇ ئىككى تىكتاك توپ ئۈستىلىنىڭ ئۇلىنىشىدىنمۇ ئۇزۇن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى