تەبىئەت

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز…

دېڭىز ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «ئوكيان» بىلەن تۇتاشقان كەڭ كۆلەمدىكى تۇزلۇق سۇ رايونىنى كۆرسىتىدۇ. يەر شارىدا دىڭىز ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مەسىلەن، داڭلىق ئوتتۇرا دېڭىز، شىمالىي دېڭىز، قىزىل دېڭىز، ئېرخەي كۆلى دېگەندەك بىر مۇنچە دېڭىزلارنىڭ ئەتراپى ئادەتتە ساياھەت قىلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي بولۇپ تاللىنىدۇ. ئۇنداقتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز قەيەردە؟

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز...

ئەڭ چوڭ دېڭىز مارجان دېڭىزى بولۇپ، زور مىقداردىكى مارجان خادا تاشلىرى بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ توسما خادا تاشلىرى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون 791 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مارجان دېڭىزى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 2243 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىكى يېڭى ھېبرۇ دېڭىزى(新赫布里海) جىلغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9175 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز بولۇپ كۆلىمى جۇڭگونىڭ دۆلەت زېمىنىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز...

ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي شىمالى قىرغىقىنىڭ سىرتىدىكى 16-241 كىلومېتىرغىچە بولغان جايغا جايلاشقان چوڭ توسما خادا تاشلار ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز ـ ئوكيان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىنتايىن ياخشى تۇرمۇش شارائىتى ۋە ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىمالدىكى تاگۇرا توسۇق مارجان خادىسى(塔古拉堡礁)، شەرقىي جەنۇبتىكى يېڭى كالېدونىيە توسۇق مارجان خادىسى(新喀里多尼亚堡礁) ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەرقايسى پورتلاردىن ئاسىيانىڭ شەرقىگە بارىدىغان دىڭىز يولى بولۇپ، مارجان دېڭىزىدا لەھەڭ كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە دېڭىز تاشپاقىسى، دېڭىز ئادەمگىياھى، مەرۋايىت قۇلۇلىسىمۇ كۆپ چىقىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز...

بۇ يەرنىڭ دېڭىز سۈيى ئىنتايىن پاكىز بولۇپ، مارجان دېڭىزىنىڭ سۈيىنىڭ تۇزلۇق ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئادەتتە قېنىق كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. مارجان دېڭىزىنىڭ ئەتراپىغا ئاساسەن دەريا سۈيى قۇيۇلمايدۇ، بۇمۇ مارجان دېڭىزى سۈيىنىڭ بۇلغىشىنىڭ كىچىك بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز...

مارجان قارىماققا بىر خىل ئۆسۈملۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دېڭىز-ئوكياندىكى بىر خىل تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋان ھېسابلىندۇ. بىر پارچە مارجاندا ئادەتتە بىر تىرىليوندىن ئارتۇق مارجان قۇرت بولۇپ، ھەممە خىل خىل رەڭدىكىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يەنە «دېڭىز ئاستىدىكى گۈل» دېگەن نامى بار.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى