تەبىئەت

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

كۆپىنچە پەرۋانىلەرنىڭ كۆزىدە نۇر قوبۇل قىلىدىغان ھەم نۇر قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قەۋەت نانومېتىر قۇرۇلمىسى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىدۇ. بۇ سۈرەتتە، پەرۋانىنىڭ كۆزىدىكى قارا ئوپتىكىلىق شارچە، شۇنداقلا تۈكلىرى مامۇقتەك بېشى ۋە ئەگرى تۇمشۇقى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

بۇ كىچىك چىپار بېلىقنىڭ دۈمبىسىنىڭ سۈرىتى. بۇ سۈرەت 2020-يىللىق نىكون مىكرو دۇنيا مىكرو فوتوگرافىيەسى مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دانىيېل كاسترانوۋا (Daniel Castranova) تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەتدىشى باكارىي ساماسا (Bakary Samasa)نىڭ ياردىمىدە فىلۇئورېسسېئىن ئارقىلىق بېلىقنىڭ لىمفا نەيچىسى (ئاپېلسىن رەڭلىك) ۋە بېلىق قاسرىقى (كۆك رەڭلىك)غا بەلگە قويغان.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

گېرمانىيەلىك فوتوگراف دانىيېل نوپ (Daniel Knop) بەش باربۇس بېلىقىنىڭ ھامىلىسىنىڭ سۈرىتىنى قاتار تىزىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەتتىن تۇخۇمدىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى بىر نەچچە سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى يېتىلىش جەريانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

سۈرەتتىكى ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىك تاغاقلار ئەمەلىيەتتە بىر تاتلىق سۇ قۇلۇلىسىنىڭ تىل يۈزى بولۇپ، ئۈستىنى ئىنچىكە چىشلار قاپلىغان. بۇ سۈرەتنى خوۋارد خيۇجېس تىببىي تەتقىقات ئورنىدىكى ئىگور سىۋانوۋىز (Igor Siwanowicz) تارتقان.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

كانادالىق ئالىم ۋەسىلېيوس كوككورىس (Vasileios Kokkoris) قاتارلىقلار كۆپ يادرولۇق تۇمراپ زەمبۇرۇغ سىپورىسىنى سۈرەتكە تارتتى.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى روبېرت ماركۇز (Robert Markus) بىلەن سۇزسا ماركۇز (Zsuzsa Markus) گۈل چېڭى خالتىسىدىكى رەڭگارەڭ گۈل چاڭلىرىنى سۈرەتكە تارتتى.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

بەيلور مېدىستىنا ئىنستىتۇتىدىكى جەيسون كىرك (Jason Kirk) ئىنسانلار ھۈجەيرىسىدىكى مىكرو نەيچە (ئاپېلسىن رەڭلىك) بىلەن ئورالغان رەڭدار ھۈجەيرە يادروسىنى (كۆكۈچ) سۈرەتكە تارتتى.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

لوندون خانىش مارى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەللېن كارىللو بالتودانو (Allan Carrillo-Baltodano) بىلەن داۋىد سالامانكا (David Salamanca) ئۆزلۈكىدىن نۇر چىقىرىدىغان خامېلىيون ھامىلىسىنىڭ رەڭسىز سۈرىتىنى تارتتى.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

ئىنسانلار مېڭىسىدىكى سەقەنقۇر تەنچە ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىشكە مەسئۇل. بەيلور مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جەيسون كىرك قاتارلىقلار ئىككى قوشنا سەقەنقۇر تەنچىنىڭ ئىنچىكە سىناپس ئارقىلىق تۇتىشىپ، بىر قىسىم ئەستە تۇتۇش پائالىيىتىنى تاماملاشقا تەييارلانغانلىقىنى سۈرەتكە تارتتى.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تاجىدا دېكارۋالخو (Tagide deCarvalho) قىزىل يۈسۈننىڭ بۇرۇتچىسىنىڭ خۇددى بارماق سۆڭىكىگە ئوخشاش يېيىلغان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتتى.

مىكرو نۇقتىدىن كۆزىتىلگەن غەلىتە ھەم قىزىقارلىق دۇنيا

بۇ رەڭگارەڭ سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى ئەمەلىيەتتە بىر نىلون پايپاق.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى