تەبىئەت

جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا جانلىق قايسى؟

ئىككى جىنسلىق كۆپىيىدىغان جانلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۈپلىشىش ئىنتايىن مۇھىم جەريان. ئەمما ئوخشاش بولمىغان جانلىقلارنىڭ جۈپلىشىش شەكلىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. يېشىل پاقا ۋەكىللىكىدىكى قوش ماكانلىقلار ئادەتتە بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. چىشىسى تۇخۇمىنى سۇ يۈزىگە تۇغىدۇ، ئارقىدىنلا ئەركىكىمۇ بۇ يەردە كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى چىقىرىپ، تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. بىراق، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇرۇقلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقى مۇھىت بىخەتەر بولمىغاچقا، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قوش ماكانلىق ھايۋانلار ئادەتتە ناھايىتى كۆپ تۇخۇم چىقىرىدۇ.

جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا جانلىق قايسى؟

بىراق، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار قوش ماكانلىق ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ. كۆپ ساندىكى چىشى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ھەر قېتىمدا پەقەت سانى چەكلىك بولغان تۇخۇمنىلا چىقىرىدۇ. ئۇلار ئەۋلادلىرىنى ئىمكانقەدەر ھايات قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە بەدەن ئىچىدە ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان خالتىلىق جانلىقلار تۈرىگە تەۋە خالتىلىق چاشقان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۇدا 14 سائەت جۈپلىشىدۇ. لېكىن ئۇلار جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۆلۈپ كېتىدۇ. جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغىنى زىراپە بولۇپ، جۈپلىشىش ۋاقتى پەقەت بىر سېكۈنت بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتە جۈپلىشىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەيدۇ.

جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا جانلىق قايسى؟

خالتىلىق چاشقان: ھەمىمىزگە مەلۇمكى، ئاۋسترالىيەنىڭ تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن قۇرۇقلۇق جانلىقلىرى بىپايان دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ بۇ يەرگە كېلەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى جانلىقلار بىلەن باشقا قۇرۇقلۇق جانلىقلىرى ئارىسىدا ئاساسەن ئالاقە بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇ جايدا ئالاھىدە بولغان خالتىلىق جانلىقلار شەكىللەنگەن بولۇپ، كېنگۇرۇ، خالتىلىق ئېيىق، خالتىلىق بۆرە، خالتىلىق شىر ۋە خالتىلىق چاشقان قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. خالتىلىق چاشقانغا كەلسەك ئۇنىڭ تۇرقى كىچىك چاشقانغا بەك ئوخشايدۇ. خالتىلىق چاشقاندا باشقا خالتىلىق جانلىقلارغا ئوخشاش بالا بېقىش خالتىسى بولۇپ، بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن بالا بېقىش خالتىسىغا يوشۇرۇنغان رەۋىشتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىراق، خالتىلىق چاشقان بىلەن باشقا جانلىقلارنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەركىكى ھەر قېتىم كۈيلەش مەزگىلىگە كەلگەندە، يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جۈپلىشىشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئەركەك خالتىلىق چاشقاننىڭ گېنىدا كۆپ مىقداردا تېستوستېرون بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئەرلىك ھورمۇن بولۇپ، كۈيلەش مەزگىلىدە بۇ خىل گېن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئەمما، زىيادە كۆپ مىقداردىكى تېستوستېرونمۇ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ناھايىتى قىسقا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۇلار جۈپلىشىش مەزگىلىدە يات جىنسلىقلارنى تەلۋىلەرچە ئىزدەيدۇ، ئىزدەپ تاپقان ھامان ئۇلار بىلەن ئۇزاق ۋاقىت جۈپلىشىدۇ. جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 14 سائەتكە يېتىدۇ. ئەمما، جۈپلىشىش جەريانىدا، ئارتۇق مىقداردىكى تېستوستېرونمۇ ئەركەك خالتىلىق چاشقاننىڭ تېرىسىنى چۈشۈرۈپ، كۆزىنى تەدرىجىي كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ. ئاقىۋەت پۈتۈن بەدىنى قاناپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك بولغاچقا، ئەركەك خالتىلىق چاشقان كېيىنكى يىلىغىچە ناھايىتى قىسقا ياشىيالايدۇ. ئەمما چىشىسى بولسا نەچچە يىل ياشىيالايدۇ. ھەمىمىزگە مەلۇمكى، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياكى كۆپىيىشىگە پايدىلىق ئالاھىدىلىكلەر تەبىئىي تاللىنىدۇ. ئۇنداقتا ئەركەك خالتىلىق چاشقان ھەرىكىتىنىڭ تۈر توپىغا نىسبەتەن قانداق پايدىسى بار؟ ئەمەلىيەتتە، ئەركەك خالتىلىق چاشقان ئۆلۈپ كەتسە، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىسى مەلۇمكى، دالا شارائىتىدا جانلىقلار رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، ئوخشاش بىر ئېكولوگىيەلىك ئورۇندا نۇرغۇن جانلىقلار تۈرى كەسكىن رىقابەتلىشىشكە دۇچار بولىدۇ. مەسىلەن، كالا ئوت يەيدۇ، قويمۇ ئوت يەيدۇ. بۇ جەرياندا كالا بىلەن قوينىڭ يېمەكلىك رىقابىتى ناھايتى كەسكىن بولىدۇ.

جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا جانلىق قايسى؟

زىراپە: خالتىلىق چاشقان بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئەركەك زىراپە كۆپ يىل ياشىيالايدۇ، ئۆمرى چىشى زىراپىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. زىراپىنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، تەخمىنەن بىر سېكۈنىت ئەتراپىدا بولىدۇ. گەرچە زىراپىنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جۈپلىشىشتىن ئىلگىرى قىلىدىغان تەييارلىق خىزمەتلىرى ناھايتى پۇختا ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ.

جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا جانلىق قايسى؟

كۈيلەش مەزگىلىدە، چىشى ھايۋانلار ھەر قېتىم كۈيلەش سىگنالى تارقاتسا، ئەركەك ھايۋانلار بىر-بىرىدىن ئايرىلماي قارشى تەرەپكە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئەمما ئۇلار جۈپلىشىشكە ئالدىرىمايدۇ، بەلكى ئالدى بىلەن سۈيدۈكىنى «تېتىيدۇ». زىراپىنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكى چىشىسىنىڭ سۈيدۈكىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئۇلار پەقەت سۈيدۈكتىن چىشىسىنىڭ كۈيلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئايرىۋالغاندىلا ئاندىن چىشىسى بىلەن جۈپلىشىدۇ. چىشى زىراپىنىڭ ئەزاسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئەركەك زىراپىنىڭ ئادەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناھايىتى تەس ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازانسىلا بىر سېكۈنت ئىچىدىلا جۈپلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، زىراپىنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، شۇنداقلا جۈپلىشىش مەزگىلى ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاجىز مەزگىلى بولۇپ، ئەگەر جۈپلىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، باشقا ھايۋانلار ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن زىراپىنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ.

جۈپلىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا جانلىق قايسى؟

جانلىقلارنىڭ جۈپلىشىش ۋاقتى مەيلى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئوخشاش بولمىغان جانلىقلار تۇرۇۋاتقان مۇھىت ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، دۇچ كېلىدىغان ھاياتلىق بېسىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، تەبىئەت دۇنياسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مول ۋە رەڭدار جانلىقلار تۈر توپى بارلىققا كەلگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى