ساغلاملىق

يۇيۇنغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يۇيۇنغاندا ئادەم بەدىنى سۇ بىلەن زىچ ئۇچرىشىپ قالماي، يەنە بەدەندىكى كىر تازىلىنىپ، ھارغىنلىق يوقىلىپ، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېرىنىڭ مېتابولىزىم ئىقتىدارى ئۆسۈپ، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشلىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق مەشغۇلاتلار كىشىنى يۇيۇنغاندا تېخىمۇ راھەتلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ؟

يۇيۇنغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سۇ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش. بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن سەل يۇقىرى بولغان ئىسسىق سۇ ئەتراپ قان تومۇرلىرىنى تولۇق كېڭەيتىپ، بەدەننى ئازادىلەشتۈرىدۇ. چۈنكى كۈچەپ سۈرتۈپ يۇيۇش تېرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مۇكەممەل تېرە توسۇقىنى يوقىتىپ، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىتىۋېتىدۇ. زىيادە كۆپ يۇيۇنۇش تېرىنىڭ ماي قەۋىتىنى بۇزۇپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇيۇنغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. چاڭ-توزانلىق، ھەرىكەت مىقدارى ۋە تەرلەش كۆپ ئەھۋالدا كۈندە يۇيۇنسا بولىدۇ، لېكىن بەدەننى بەك كۈچەپ ئۇۋۇلاپ، سۈرتۈپ يۇيماسلىق كېرەك.

2.بەدەندە غەيرىي پۇراق بولمىسا، پاكىز مۇھىتتا تۇرغاندا ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر يۇيۇنسا مۇۋاپىق.

3.بوۋاقلار بىر ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم يۇيۇنسا مۇۋاپىق.

4.كۈندە يۇيۇنۇشقا توغرا كەلسە، بىر قەدەر مۆتىدىل كىسلاتالىق بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش، قول، قولتۇق ۋە ساغرا قاتارلىق ئورۇنلارنى تازىلاپ يۇيۇش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى