ساغلاملىق

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىدۇ

 

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ؟ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاھىدە تېببىي مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن G ئاقسىلى جۈپلەشمە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە 4(GRK4)نىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىپادىلىنىشىنىڭ بەلكىم يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇشى مۇمكىنلېكىنى، (GRK4) نى تىزگىنلىسە يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىنكى يۈرەك ئىقتىدارىنى قوغداپ، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە ئىسپاتلىغان. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى توردا «ياۋروپا يۈرەك كېسىلى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن كۆپ مىقداردىكى يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىدىن يوقاپ كېتىشى ئۇنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە كىلىنىكىلىق ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاتولوگىيەلىك ئاساسى. يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىن داۋالاپ قۇتقۇزۇپ كېلىنگەن ئاغرىقلارنىڭ %70 تىن كۆپرەكىدە بەش يىل ئىچىدە يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى زەربىگە ئۇچراپ، بەزى ھۈجەيرىلەر ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاھىدە تېببىي مەركىزى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زېڭ چۈنيۈ: «بىز تەجرىبە ئارقىلىق يۈرەك تىقىلمىسىدىن كېيىن يۈرەك مۇسكۇلىدا (GRK4) يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئىپادىلەش مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇنىڭ بىلەن بىز (GRK4) نىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا بولغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ مېخانىزىمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدۇق، دېدى.

نۆۋەتتە تەتقىقات كوللېكتىپى (GRK4) گە بولغان تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى