ساغلاملىق

​چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

​چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

چاي ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق. تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۇنداقتا ھەم چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم تاماكا چېكىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق؟

​چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

چاي ئىچىش بەدەن ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

چاي ئىچىشنىڭ ھەقىقەتەن نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار. چاي تەركىبىدە چاي پولىفېنولى (茶多酚)، ئامىنو كىسلاتاسى، چاي پولىساخارىدى، چاي سېرىق ماددىسى ۋە كوفېئىن (咖啡因) قاتارلىق كۆپ خىل تەركىبلەر بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش، قاندىكى ماي ۋە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، راك ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل رولى بار.

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، چاي پولىفېنولى ئوكسىدلىنىشقا قارشى فېرمېنت سىستېمىسى (酶系)نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەركىن رادىكاللارنىڭ رولىنى يوقىتىپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، نېرۋا ھۈجەيرىسى خوندرىئوسومىنىڭ مۇكەممەللېكىنى قوغداپ، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، چاي پولىفېنولى يەنە قان زەردابىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ بىيولوگىيەلىك پەردىنى زەخىملەندۈرۈشىنى ئازايتىپ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، بۇ ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتەك ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

​چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

تاماكا چېكىشنىڭ بەدەن ساپاسىغا بولغان تەسىرى

تاماكا چېكىش ئالدى بىلەن ئۆپكىنى زەخىملەندۈرۈپ، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكى ۋە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ ئۆپكە راكىنى بىۋاسىتە پەيدا قىلىدىغان ئامىل. تاماكا چېكىش يۈرەك ۋە قان تومۇرغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە سەكتىسى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تاماكا چېكىدىغان ئاياللاردا يەنە تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەرلەر بولسا ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىتىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم تاماكا چېكىش بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. تاماكا چېكىش بەدەن ساپاسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

​چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بۇ ئاددىي بىردىن بىرنى ئالسا نۆل بولىدىغان ماتېماتىكىلىق ھېساب ئەمەس. چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى يوقىتالمايدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چاي ئىچىشنىڭ پايدىسىنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق دېيىشكە بولىدۇ.

بەلكىم بەزىلەر پالانىمۇ ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىپ، ئوخشاشلا 80 ~ 90 ياشقىچە ياشىدىغۇ دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، ئىرسىيەت، تۇرمۇش ئادىتى، كەيپىيات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار بولىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ خەۋپىمۇ بىر ئادەمنىڭ تاماكا چېكىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ.

​چاي ئىچىش تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەمدۇ؟

راك كېسىلىگە كەلسەك، تاماكا چېكىشنىڭ راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ باقايلى:

ئۆپكە راكى: تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 10 ھەسسە كۆپ؛

كېكىردەك راكى: تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 2.9 ~ 17.7 ھەسسە يۇقىرى؛

ئېغىز بوشلۇقى راكى: تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 3 ~ 10 ھەسسە يۇقىرى؛

دوۋساق راكى: تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 7 ~ 10 ھەسسە چوڭ؛

قىزىلئۆڭگەچ راكى: تاماكا چەككۈچىلەر ئىككى ھەسسىدىن توققۇز ھەسسىگىچە ئېشىپ كېتىدۇ؛

ئاشقازان ئاستى بېزى راكى: تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ 2 ~ 5 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

ئومۇمەن تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ئۆزىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا شۇنچە چاي ئىچىپ تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۈگەتكەندىن كۆرە، بىۋاسىتە تاماكا تاشلىغان ناھايىتى ئاقىلانە تاللاش.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى