ساغلاملىق

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىلىق بولسا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، قاندىن، ئانىدىن بالىغا يۇقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىلىق بولسا بولامدۇ؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار كېسىلىنىڭ بوۋىقىغا يوقۇپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىلىق بولسا بولامدۇ؟

«B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانا» دېگىنىمىز، جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى سىرتقى ئانتىگېنى (HBsAg) مۇسبەت بولغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىلىق بولسا بولامدۇ؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىلىق بولسا بولامدۇ؟ ئېمىتسە بولامدۇ؟ ئۆيدىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
ئەلۋەتتە بالىلىق بولسا بولىدۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇپ قېلىشىنى ئۈزۈۋېتىش تەدبىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار يەڭگىگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە بوۋاققا تۇنجى ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ھەمدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئىممۇنىتېت تەرتىپى بويىچە كېيىنكى قېتىملىق دورىنى قايتا ئەملەشنى تاماملاش كېرەك. كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قېلىپلاشقان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىسىنى ئېمىتەلەيدۇ، ئېمىتىش توسۇش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرۇلغاندىن كېيىن، B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى سىرتقى يۈزى ئانتىگېنى مۇسبەت چىققان ئانىلار بوۋىقىنى ئېمىتسە بولىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانا بالىلىق بولسا بولامدۇ؟

ئۆيدىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن قورقامسىز؟
يۇقتۇرۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش، ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. ۋاكسىنا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تەكشۈرتۈش
ئەگەر ئائىلىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بولسا، باشقا ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچلەر بويىچە تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز: HBsAg، قارشى تۇرغۇچى ـ HBc ۋە قارشى تۇرغۇچى ـ HBs، بۇ ئۈچ خىل كۆرسەتكۈچنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغانلار، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاسان يۇقۇملانغۇچىلارغا تەۋە بولۇپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەپ B تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى