ساغلاملىق

جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار يېمەك-ئىچمىككە دىققەت قىلىشى كېرەك

خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، ساغلام بەدەن ساغلام يېمەكلىكتىن ئايرىلالمايدۇ، جىگەر كېسىلى بىمارلىرى ۋە جىگەر قېتىش بىمارلىرى تېخىمۇ شۇنداق. بىر جىگەر كېسىلى بىمارىنىڭ دېيىشىچە، جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن كۈتۈنۈشكە ئىنتايىن دىققەت قىلغان، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاستا-ئاستا بىر مەززىلىك تائام ھەۋەسكارىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، گەرچە كېسەل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ساغلام تۇرمۇشنى ئالدىن پىلانلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپلا قالماي، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سالامەتلېكىنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى، ھەرقانداق ئىش قىلغاندا تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولغىلى بولىدىكەن.

شۇڭا، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كېسەللىك مەۋجۇت بولسىمۇ «ئەھمىيىتى» بولىدۇ، شۇڭا بىزمۇ بۇ ئانىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك، لېكىن ئادەتتىكى جىگەر كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسى ئانچە چوڭ مەسىلە ھېسابلانمايدۇ، ئەمما تەرەققىي قىلىپ جىگەر قېتىش بولۇپ قالسا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇنداقتا، جىگەر قېتىش بىمارلىرىنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بىمار جىگەر ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرغاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك. جىگەر كېسىلى تۇراقلىق بولغانلار، سۇيۇق-سەلەڭ ياكى يۇمشاق تاماقنى ئاساس قىلىشى كېرەك، مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە-چىۋە يەپ، تاماق مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش، ھەر ۋاقلىق تاماقتا يەتتىدىن سەككىز ئۈلۈش تويۇش كېرەك.

جىگەر قېتىشىپ قورساققا سۇ چۈشۈش مەزگىلىدە، يېمەكلىك ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاندىن سىرت، يەنە تۇزسىز بولۇشى كېرەك، تېببىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ۋە سۇ ئىچىش مىقدارىنى چەكلەپ، قورساققا سۇ چۈشۈش مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

جىگەر كېسىلى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە، سۇيۇق-سەلەڭ ھالەتتىن تەدرىجىي ھالدا يۇمشاق ئوزۇقلىنىشقا، ھەتتا ئادەتتىكى يېمەك-ئىچمەككە ئۆتۈشكە بولىدۇ، لېكىن يەنىلا بەك تويۇنۇپ يېمەسلىكى كېرەك. مېۋە-چېۋە ۋە تاتلىق سۇ بېلىقى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش جىگەرنىڭ يەنىمۇ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق؛ ئۆردەك گۆشى، تۇخۇم، پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ، بەدەندىكى ئاقسىلنى تولۇقلاش كېرەك؛ مېۋە-چېۋىلەردىن بانان، تاۋۇز، ئاپېلسىن، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ؛ تاماكا، ھاراق، سېمىز گۆش، قويۇق گۆش شورپىسى، ئىسلانغان، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئاچچىق ياكى باشقا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك چەكلىمىسى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ۋىتامىننىڭ يېتەرلىك تولۇقلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ۋىتامىن ئاساسلىقى دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، كۆكتات، مېۋە-چىۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئورۇق گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت، B تۈردىكى ۋىتامىنلار ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىگەرنى ئاسراش ۋە جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك رول ئوينايدۇ، ۋىتامىن C ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A، D، K، E لار كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسى، سۆڭەك، قان ئۇيۇتۇش سىستېمىسى، جىگەر، يۈرەك قان تومۇرى قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاشتا مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك رول ئوينايدۇ.

جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراش، جىگەر ئىقتىدارى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان ۋىتامىننىڭ سىنتېزلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دائىم ۋىتامىن كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بىمارلار تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن سىرت، زۆرۈر بولغاندا بىرىكمە ۋىتامىن ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان ئاستى ۋېنالىرى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىۋاتقان بىمارلار تەركىبىدە يىرىك تالا بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى