ساغلاملىق

قان ئېلىشتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن يەپ-ئىچىشكە بولمايدۇ؟

دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، مەيلى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسەتكەن بولسۇن ياكى بالنىستا ياتقان بولسۇن، قان ئېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. قان ئېلىشقا نىسبەتەن، بارلىق كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدە، قان ئېلىش ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن بولىدۇ، ئاچ قورساق بولۇش كېرەك، ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىشكە بولمايدۇ، دەيدىغان ئۇقۇم بار. زادى نېمىشقا بۇ بەلگىلىمە بار؟

1. ئەتىگەندە ئاچ قورساق قان ئېلىش تېخىمۇ توغرا ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.

ئەتىگەندە كىشىلەر ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغاندا، ھەرىكىتى بىر قەدەر ئاز، كەيپىياتى تۇراقلىق بولىدۇ، ئورگانىزم ئاساسىي مېتابولىزم ھالىتىگە يېقىنلىشىپ، ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بىر كېچە ئۇخلاش ئارقىلىق ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلۈشى ئاللىقاچان تاماملىنىپ بولغان بولىدۇ، ئوزۇقلىنىشتىكى ئامىللار قان تەركىبىگە ئاساسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، قاندىكى ھەر خىل بىيوخىمىيەلىك تەركىبلەر بىرقەدەر تۇراقلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆلچەنگەن ھەر خىل سانلىق قىممەتلەر ئورگانىزمنىڭ بىيوخىمىيەلىك ئۆزگىرىشلىرىنى بىرقەدەر ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

2. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشنىڭ نورمال پايدىلىنىش قىممىتى ئاچ قورساق قان ئېلىش ئاساسىدا بولىدۇ.

كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ نورمال پايدىلىنىش قىممىتى دائىرىسى بىردەك ساغلام كىشىلەردىن ئاچ قورساق قان ئېلىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي ئىستاتىستىكىلىق ئانالىز ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلىدۇ.

ئومۇمەن، ئەتىگەندە ئاچ قورساق قان ئېلىشتىكى مەقسەت ھەر خىل كاشىلا ئامىللىرىنى ئازايتىپ، نەتىجىنى تېخىمۇ توغرا، ئىشەنچلىك قىلىش بولۇپ، كىلىنىكىلىق كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئەگەر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قان ئالغاندا، ھەربىر ئادەم يېگەن نەرسە ئوخشاش بولمايدۇ، يېمەكلىك خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭ لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. بەزىلەر «چۈشتە تاماق يېمىسەم، چۈشتىن كېيىن قان ئالدۇرسام بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئاچ قورساق قان ئېلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان تۈرلەردە، چۈشتىن كېيىن قان ئېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى چۈشتىن كېيىنمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى «ئاچ قورساق» ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى تاماق يېيىشتىن باشقا، ھەرىكەت، خىزمەت، كەيپىيات، ئىچكى ئاجراتما قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارمۇ تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مېدىتسىنادىكى«ئاچ قورساق» ئادەتتە قان ئېلىشتىن 12، 14 سائەت بۇرۇن تاماق يېمەسلىك، سەككىز سائەتتىن ئارتۇق تاماق يېمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، دوختۇر ئادەتتە قان ئېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن سائەت 20:00 دىن 22:00 گىچە تاماق يىمەسلىكنى، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8:10 دا قان ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

كىلىنىكىدا يەنە بىر خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بىمار بەك ئۇسساپ كەتكەچكە، بىر-ئىككى يۇتۇم سۇ ئىچكەندىن كېيىن، سېستىرا قان ئېلىشقا بولمايدۇ، دەيدۇ، بۇ توغرىمۇ، ئاز مىقداردا قايناقسۇ ئىچىشكە بولىدۇ، 50 مىللىلىتىردىن 100 مىللىلىتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق، لېكىن پەقەت قايناق سۇلا بولۇشى كېرەك، ئىچىملىك، چاي، قەھۋە ئىچىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بارلىق خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ ھەممىسىنى ئاچ قورساق ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق! (بەزىلىرى ھەتتا چوقۇم بىر نەرسە يېيىشى كېرەك).

1. ئاچ قورساق بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى: ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرى، جىگەر ئىقتىدارى (بىلىرۇبىن، تىرانسىئامىنازا)، بۆرەك ئىقتىدارى (ئاساسلىقى ئۇرېيە ئازوتى ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسىنى كۆرسىتىدۇ)، قاندىكى ماينى ئانالىز قىلىش، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئۆلچەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاندىكى ماي تەركىبىنى تەكشۈرگۈچىلەر قان ئېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى ۋە ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك.

2. چوقۇم ئاچ قورساق بولۇش ھاجەتسىز بولغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى: سۇيۇق-سەلەڭ يېمەك-ئىچمەك تۈرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، بۇ ئەتىگەندە يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ، بۇ تۈرلەر قان چۆكۈش، ئېلېكتىرولىت، قان تىپى، قان ئۇيۇش ئىقتىدارى، شېكەرلىك قان قىزىل ئاقسىلى، ئىممۇنىتېتنىڭ بارلىق لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ.

3. ئالاھىدە تۈرلەر تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى، شېكەرگە چىدامچانلىق تەجرىبىسى، كورتىزول، جىنسىي ھورمون، ئىنسۇلىن ئىقتىدارى، C پېپتىدنى ئۆلچەش ۋە دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا ۋاقىتتا تاماملىنىشى كېرەك.

4. جىددىي داۋالاش تۈرىدە كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولۇپ، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك تۈرلەردىن ئېلېكترولىتلىق ئۆلچەش، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ بەلگە ماددىلىرى، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش، قان تىپى، قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلار بولۇپ، جىددىي پەيتتە ھەر ۋاقىت قان ئېلىشقا بولىدۇ.

بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاچ قورساق بولۇش دورىنى توختىتىشقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچكەن دورا ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى (قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا، قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا، ئۇيۇشقا قارشى دورا قاتارلىقلار) نى ئادەتتە توختىتىشقا بولمايدۇ، ئاز مىقداردا سۇ بىلەن ئىچسە بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى