ساغلاملىق

بىر يىلدا قانچە قېتىم چاچ بويىسا مۇۋاپىق؟

بىر يىلدا قانچە قېتىم چاچ بويىسا مۇۋاپىق؟

چاچ بوياش ئۆزىنى پەردازلاش ئىچىدىكى ئەڭ مودا بولغان بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. چاچ بوياش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە روھىي ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەگەر مەشغۇلات مۇۋاپىق بولمىسا، چاچ بوياش سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. چاچ بوياشنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى بار، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا دىئامىلامىن بار، بۇ خىل تەركىب مېدىتسىنا ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددىدۇر.

ئادەتتە بىر يىلدا چاچ بوياش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر مىقدارى ئېشىپ كەتسە، خىيىم-خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ چاچ بوياش قېتىم سانى بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بەدەنگە بىر قىسىم تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق گۈزەللىكنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، دائىم چېچىنى بويىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل چاچ بوياش دورىسىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، چاچنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىدۇ.

بىر يىلدا قانچە قېتىم چاچ بويىسا مۇۋاپىق؟

1. چاچ بوياشتىن بۇرۇن تېرە سىنىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك

چاچ بوياش بىر تۈرلۈك گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ھەرىكەت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ گۈزەللىك ئۈچۈن ماس كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. چاچ بوياش دورىسىدا نۇرغۇن ئېغىر مېتاللار بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ. چاچ بوياشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن تېرىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە كۆرۈلسە، چاچ بوياشنى دەرھال توختىتىش كېرەك.

2. چاچ بويىغاندا تېرىنى ياخشى قوغداش كېرەك

چاچ بوياش دورىسىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئېغىر مېتاللار بار بولۇپ، ئەگەر تېرىگە چاپلىشىپ قالسا رېئاكسىيە ۋە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە چاچ بويىغاندا ساتىراش چاچ بوياش مەلھىمىنى چاچقا سۈركەپ، ئامال بار باش تېرىسىگە سۈرتمەسلىكى كېرەك. چاچ بوياشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئوچۇق قالغان بويۇن، قۇلاق ۋە پېشانە قاتارلىق ئورۇنلارنى ياخشى ئاسراش كېرەك، بۇ جايلار ناھايىتى ئاسانلا چاچ بوياش دورىسىنىڭ زەخمىسىگە ئۇچرايدۇ. چاچ بوياش دورىسىنىمۇ ئامال بار باش تېرىسىگە ئەمەس، چاچقا سۈرتۈش كېرەك.

بىر يىلدا قانچە قېتىم چاچ بويىسا مۇۋاپىق؟

3. چاچنى بوياش جەريانىدا توغرا بولغان بوياش ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك

چاچ بوياش بىر خىل سەنئەت، بۇنى ھەممىلا ئادەم قول سېلىپ مەشغۇلات قىلالمايدۇ، چاچ بوياش ماھارىتىنى ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ساغلام ھەم تېز سۈرئەتتە چاچ بويىغىلى بولىدۇ. بىرىنچى قېتىم چاچنى بويىغاندا، ئالدى بىلەن چاچنىڭ ئۇچىنى بوياپ، چاچ تۈۋىدىكى ئورۇندىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. چاچ بوياش قالايمىقان ئىش ئەمەس، بەلكى تەرتىپلىك ئىش. ئەڭ توغرا بولغان چاچ بوياش چاچ يۆنىلىشىنى بويلاپ رەتلەش بولۇپ، قارشى يۆنىلىشتە بويىماسلىق كېرەك.

4. چاچ بوياشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.

بىرىنچى قېتىملىق چاچ بوياش ۋاقتىنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك، ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ، بىراق چاچ بوياش ۋاقتىنى 40 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

بىر يىلدا قانچە قېتىم چاچ بويىسا مۇۋاپىق؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى