ساغلاملىق

سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادەتلەر

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە توردا: «قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ دۇنياسىدا ئاسان دېگەن سۆز يوق، پەقەت ئاسان سەمىرىپ كېتىشتىن باشقا» دېگەندەك مەسخىرىلىك سۆزلەر پەيدا بولغان.

سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادەتلەر

نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، سېمىزلىك بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۈچ يۇقىرى بولۇش، يەنى تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، جىگەرنى ماي قاپلاش، راك كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەر سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھەتتا تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتسە، مۆلچەردىكى ئۆمرى قىسقىرايدىكەن، 30-20 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئېغىر دەرىجىدە سەمرىپ كەتكەنلەرنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى 10 يىل قىسقىرايدىكەن.

كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغىنى شۇكى، كىشىلەر ئېنىقلا مايلىق، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلمىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنە يىلدىن-يىلغا سەمرىپ كېتىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى بەزى كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك ئىشلارمۇ سىزنىڭ سەمىرىپ كېتىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادەتلەر

1. ئۇزاق مۇددەت ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىك

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەچ ئۇخلايدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن ۋاقچى تۇرۇش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى، شۇۋەجىدىن كىشىلەر ناشتىلىقتىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما ناشتا قىلمىسىڭىز قورسىقىڭىز قانچە ئاچسا، شۇنچە سەمرىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىككە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ سەمرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا تۇرمۇشىمىزدا ئەتىگەنلىك تاماق كەم بولسا بولمايدۇ، ئەتىگەن سائەت 7 ~ 9 غىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقىدا چوقۇم تاماق يېيىش كېرەك. ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماقتا قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئەڭ ياخشىسى بىر كۈنلۈك ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىدىغان ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ %30~%40 ىنى ئىگىلىشى كېرەك.

2. ھەددىدىن ئارتۇق تاتلىق، تۇزلۇق، ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش

ناھىيەسىگەرچە بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئادەمنى تېخىمۇ ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.

2014-يىلى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەك-ئىچمىكى ئاچچىق، تۇزلۇق بولغانلارنىڭ سەمرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاچچىق يېمەيدىغان، تۇزلۇق-تۇزسىزلىقى مۇۋاپىق بولغانلارنىڭكىدىن 1.31 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

كۈندىلىك يېمەك – ئىچمەكتە «ئۈچنى ئازايتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، يەنى ماينى، تۇزنى، شېكەرنى ئازايتىش. بەزى پېچىنە-پىرەنىكلەرنى يېگەندە ياغلىق ۋە تاتلىق تۇيۇلمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆپ مىقداردا ماي، تۇز، شېكەر قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

3. تاماق يېيىش تەرتىپى توغرا بولماسلىق

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما تاماق تەرتىپىگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، لېكىن تاماق تەرتىپى مۇۋاپىق بولمىسا، ئاسانلا سېمىزلىك نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاماق ۋاقتىدا ئاۋۋال گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى يېسە، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدىكەن؛ بىر چىشلەم قورۇما بىلەن بىر چىشلەم تاماقنى ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە، گەرچە تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئازراق تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن مۇقىم قىممەتتە تۇرىدۇ.

تاماق يېيىشنىڭ بىر قەدەر مۇۋاپىق تەرتىپى بولسا ئالدى بىلەن شورپا ( سۇيۇق-سەلەڭ شورپا) ئاندىن گۆش ۋە كۆكتاتلارنى، ئاخىرىدا كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش. بۇنداق بولغاندا تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى تېخىمۇ تەكشى بولىدۇ، ئاسان سەمرىپ كەتمەيدۇ.

سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادەتلەر

4.تاماقنى تېز يېيىش

ھازىر تۇرمۇش رىتىمى تېز بولغاچقا كىشىلەر ئىشنى ئالدىراپ قىلىدۇ، ھەتتا تاماقنى ئاچ بۆرىدەك يەيدۇ، بىر ۋاق تاماقنى 10 مىنۇتتىلا يەپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما نۇرغۇن تەجرىبە نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماقنى تېز يەيدىغان كىشىلەرنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماقنى ئاستا يەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا 2.15 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماقنى 15-20 مىنۇت، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا يېيىش كېرەك.

5. ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق

ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغاندا ئوخشاشلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سېمىزلىكتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز يۇقىرىقى ناچار ئادەتلەرنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى