ساغلاملىق

باش قېيىپ كۆز تورلىشىش قان ئازلىقتىنمۇ؟

باش قېيىپ كۆز تورلىشىش قان ئازلىقتىنمۇ؟

قان ئازلىق مۇستەقىل كېسەللىك ئەمەس، ھەمىشە بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى سۈپىتىدە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ھەمراھ بولىدۇ. بەزىلەر باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قان ئازلىقتىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر بەدىنى سېمىز كىشىلەردە قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ ياكى چىلان، پالەك قاتارلىقلارنى يەيدۇ، لېكىن يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خاتا ئۇسۇل.

باش قېيىپ كۆز تورلىشىش قان ئازلىقتىنمۇ؟

قان ئازلىققا مۇناسىۋەتلىك خاتا قاراشلار قايسىلار؟

1. باش قېيىپ كۆز تورلىشىش بولسا قان ئازلىق كۆرۈلگەن بولىدۇ.

باش قېيىپ كۆز تورلىشىش دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، يەر-جاھان ئايلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇ چوڭ مېڭىگە قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىكى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى. ھەقىقەتەن قان ئازلىق ئاسانلا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قان ئازلىقتىن كېلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى قان بېسىمى تۆۋەن ياكى قان شېكىرى تۆۋەن بولۇش ۋە ياكى يۇقىرى قان بېسىم ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى، يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، قان ئازلىقنىڭ كېسەللىك ئالامىتى باش قېيىپ كۆز تورلىشىشلا ئەمەس، يېنىك دەرىجىدىكى قان ئازلىق ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك سوزۇلما قان ئازلىق بولغان كىشىلەردە دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، پەقەت قاننى قائىدىلىك تەكشۈرتكەندىلا ئاندىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلىدۇ. قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىپ، ئاندىن قاراتمىلىق ھالدا دورا ئىشلىتىش كېرەك. مەيلى قايسى خىل سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان باش قېيىش، كۆز تورلىشىش بولسۇن، چوقۇم ئېنىق ھەم توغرا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، ئۆز ئالدىغا ساغلاملىق بۇيۇملىرى ياكى قان تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

باش قېيىپ كۆز تورلىشىش قان ئازلىقتىنمۇ؟

2. قان ئازلىق كېسىلى بارلار تۆمۈر تولۇقلىشى كېرەك

قان ئازلىق بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى يېتەرلىك بولماسلىق بولۇپ، بەدەندە قان ھاسىل قىلىش خام ماتېرىيالىنىڭ كەمچىل بولۇشى، يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشى ياكى ئىككىلەمچى قان ئازلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر خىلى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق بولۇپ، ئۇ بەدەندە تۆمۈر، ۋىتامىن B12 ياكى يوپۇرماق كىسلاتاسى كەملىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، تۆمۈر تولۇقلاش تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا ماس كېلىدۇ. ھازىر بازارلاردىمۇ نۇرغۇن قىممەت باھالىق قان تولۇقلاش ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بار بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر قان تولۇقلاش ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قان ئازلىقنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكتە. كۆپ قىسىم قان تولۇقلاش ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە مەلۇم شەكىلدىكى تۆمۈر ماددىسى بار بولۇپ، تەركىبىدە تۆمۈر ناھايىتى ئاز، ھېچقانداق داۋالاش ئۈنۈمى يوق. ئەگەر تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق دەپ دىياگنوز قويۇلسا، تۆمۈر ماددىسى بىلەن مۇۋاپىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىشقا بولمايدۇ. مەيلى قايسى خىل مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان قان ئازلىق بولسۇن چوقۇم سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن قاراتمىلىق داۋالاش كېرەك.

3. ياشانغانلاردا ياشلارغا قارىغاندا قان ئازلىق كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ياشانغانلاردىكى قان ئازلىق كىچىك مەسىلە ئەمەس، خالىغانچە دورا يېسە ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلىسا بولمايدۇ. قىسمەن ياشانغانلاردىكى قان ئازلىق ئىشتىھاسى ناچار بولۇش، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش، مۇۋاپىق بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەڭشەش ۋە ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن: راك، جىگەر ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى، رېماتىزملىق كېسەللىكلەر، ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە قان كېسەللىكى قاتارلىقلار، ئەگەر ئەتراپلىق داۋالانمىغان بولسا، ئېغىر دەرىجىدىكى ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى ياشانغانلاردا كۆپ خىل كېسەللىك قوشۇلۇپ كېلىدۇ، كۆپ ھاللاردا قان ئازلىق كېسەللىك ئالامىتىنى تەن ئاجىزلىقتىن دەپ قاراپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

4. قان ئاز بولسا پەقەت گېموگلوبىننى ۋاقتىدا تولۇقلىسىلا بولىدۇ، تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى گېموگلوبىننى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس، قان ئازلىق كۆرۈلسە چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەمدە كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك ياكى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاش ئاددىي بولۇپ، پەقەت فولىك كىسلاتاسى، تۆمۈر ماددىسى ۋە ۋىتامىن B12نى مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا، تەخمىنەن بىر ئاي ئەتراپىدا گېموگلوبىننى نورمال ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما كەينىگە يوشۇرۇنغان مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، مەسىلەن: گېموروي ياكى ھەزىم قىلىش يولى يارىسى قاناش قاتارلىقلار، ھەزىم قىلىش يولى راكى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

ھەر بىر ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەردە قان ئازلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. قان ئازلىقنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشكىلى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. قان ئازلىقنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغاندا، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئۆز ئالدىغا سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى