HTML5ۋوردپرەس

ۋوردپرەسكە ۋاقىت ئەسكەرتمىسى كودى قوشۇش

سالام دوستلار !

بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ قارسام نۇرغۇن بىلوگلاردا (ئاساسلىقى ئۈستى تەرەپتە) قارشى ئېلىش سۆزلىرى بىر-بىرىدىن گۈزەل ئىكەن ! شۇ سەۋەپ مەنمۇ بىلوگقا قوشۇشنى ئويلىدىم ، ھەمدە باشقا بىلوگداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى شۇنىڭ بىلەن توردىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىرمۇنچە قالايمىقان كودلارنى تاپتىم …

لېكىن مېنىڭ مەقسىتىم ھەرقانداق بىر بىلوگېر ئاسانلا ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش كېرەك ئىدى ، شۇڭا كودنى قايتىدىن رەتلەپ چىقتىم ! بىلوگىمغا كىرسىڭىز ئۈستىدىكى قارشى ئېلىش سۆزى شۇ … 

ئەمىسە سىلەرنىمۇ تەققاززا قىلماي نەق گەپنى باشلايلى !

تۆۋەندىكى كودقا دىققەت قىلىڭ بۇنى HTML شەكىلدە تەييارلىدىم سەۋەبىنى يۇقىرىدا دەپ بولدۇمغۇ دەيمەن ھە….

<script language="javascript" style="text-align: right">
var week;
if(new Date().getDay()==0)         week=" (يەكشەنبە) "
if(new Date().getDay()==1)         week=" (دۈشەنبە) "
if(new Date().getDay()==2)         week=" (سەيشەنبە) "
if(new Date().getDay()==3)         week=" (چارشەنبە) "
if(new Date().getDay()==4)         week="(پەيشەنبە) "
if(new Date().getDay()==5)         week=" (جۈمە) "
if(new Date().getDay()==6)         week=" (شەنبە) "
document.write(" بۈگۈن "+(new Date().getYear()+1900)+"-يىلى "+(new Date().getMonth()+1)+"-ئاينىڭ "+new Date().getDate()+"-كۈنى"+week);
 
document.write(" ")
day = new Date()
hr = day.getHours()
minu=day.getMinutes()
s=" ھازىر سائەت ";
s=s+hr+" دىن "+minu+" مىنۇت ئۆتتى ! ";
if (hr ==1)
document.write(s+"سائەت بىردىن ئاشتى ! ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ ھە !")
if (hr ==2)
document.write(s+"سىز ھەقىقەتەن خىزمەت مەستانىسى ئىكەنسىز، ئارام ئالىدىغان ۋاقتىڭىز بولدى !")
if (hr ==3)
document.write(s+"ۋاي ۋۇي ! يېرىم كېچە سائەت ئۈچتە ! سىز تېخى ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلمىدىڭىزمۇ ؟")
if (hr ==4)
document.write(s+"سەھەر سائەت تۆتتىن ئاشقاندا ، سىزنىڭ بۇ خىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىش روھىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن ! لېكىن تۈنەش سالامەتلىككە زىيانلىق !")
if (hr ==5)
document.write(s+"سىز ئەمدىلا ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ ياكى تېخى ئۇخلىمىدىڭىزمۇ؟")
if (hr ==6)
document.write(s+"خەيرلىك سەھەر !  يېڭى بىر كۈن يەنە باشلاندى !  قانداق پىلانىڭىز بار؟")
if (hr ==7)
document.write(s+"ناشتا قىلىپ بولدىڭىزمۇ ؟  ئاچ قورساق يۈرمەڭ ھە ! سالامەتلىككە زىيانلىق !")
if (hr ==8)
document.write(s+"خەيرلىك سەھەر !  ناشتا قىلىپ بولدىڭىزمۇ ؟  ئاچ قورساق يۈرمەڭ ھە ! سالامەتلىككە زىيانلىق !")
if (hr ==9)
document.write(s+"خەيرلىك سەھەر !  ئالدىراش بىر كۈن باشلاندى ! خىزمىتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !")
if (hr ==10)
document.write(s+"خەيرلىك سەھەر !  ئالدىراش بىر كۈن باشلاندى ! خىزمىتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !")
if (hr ==11)
document.write(s+"چۈش بولاي دەپ قالدى ، تاماق يەيلى ! ئۇنتۇلۇپ قالماڭ ھە !")
if (hr ==12)
document.write(s+"چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن !  تاماق يېمىگەن بولسىڭىز ۋاقتىدا يەۋېلىڭ سوۋۇپ قالسا تەمى بولمايدۇ !")
if (hr==13)
document.write(s+"چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن !  تاماق يېمىگەن بولسىڭىز ۋاقتىدا يەۋېلىڭ سوۋۇپ قالسا تەمى بولمايدۇ !")
if (hr==14)
document.write(s+" چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن !  تاماق يېدىڭىزمۇ؟ ئوخشاپتىمۇ؟ چۈشلۈك ئارام ئېلىۋېلىڭ ، ئازراقلا ئارام ئېلىۋالسىڭىز چۈشتىن كېيىن روھلۇق ئىشلەيسىز !")
if (hr==15)
document.write(s+"چۈشتىن كېيىنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ! ئىشقا بېرىشقا تەييارلىق قىلىڭ !")
if (hr==16)
document.write(s+"چۈشتىن كېيىنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ! بۈگۈن نېمىلەرنى قىلدىڭىز؟ پىلانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالىدىڭىزمۇ؟")
if (hr==17)
document.write(s+"چۈشتىن كېيىنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ! بۈگۈن نېمىلەرنى قىلدىڭىز؟ پىلانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالىدىڭىزمۇ؟")
if (hr==18)
document.write(s+"ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ يا؟ ئۆيگە بالدۇر قايتىڭ جۇمۇ !")
if (hr==19)
document.write(s+"خەۋەر كۆردىڭىزمۇ؟ كەچلىك تاماق يېدىڭىزمۇ؟")
if (hr==20)
document.write(s+"ئەمدى بولدى خىزمەت قىلماڭ ! ئازراق تېلېۋىزور كۆرۈپ ئۇخلاپ قېلىڭ !")
if (hr==21)
document.write(s+"ئەمدى بولدى خىزمەت قىلماڭ ! ئازراق تېلېۋىزور كۆرۈپ ئۇخلاپ قېلىڭ !")
if (hr==22)
document.write(s+"خەيىرلىك كەچ ! بالدۇر ئارام ئېلىڭ !")
if (hr==23)
document.write(s+"بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، تېز ئارام ئېلىڭ ! تېخىچە ئارام ئالماپسىزغۇ؟ ئەتە خىزمەتتە مۈگۈدەپ قالماڭ يەنە...")
if (hr==0)
document.write(s+"تۈن يېرىم بولدى ، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ! تۈنەش سالامەتلىككە زىيانلىق !")
document.write("")
</script>

 

دەل مۇشۇ كود شۇ….

بۇنى مۇنداق ئىشلىتىڭ بىلوگىڭىزنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگەندىن كېيىن

كۆرۈنۈش←كىچىك قوراللار 

بۇلارغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق بىر ئۇسلۇپنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كىچىك قورال قوشۇش ئورۇنلىرى بولىدۇ .سىز ئۇ يەردىن باش قىسىمغا كىچىك قورال قوشۇشنى تاللاڭ ئۇنى ئېنگىلىسچە Header دەيدۇ (مەن ماۋزۇ ئاستىغا دېگەننى تاللاپ شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردۇم ! ئۆزىڭىز نەدە كۆرسىتىشنى ئويلىسىڭىز شۇ يەرگە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ)شۇ يەرنى تاللاپ ئىچىگە كىرسىڭىز مۇنداق بەلگە بار :

+كىچىك قورال قوشۇش

شۇنى باسسىڭىز قوشۇشقا بولىدىغان بىرمۇنچە كىچىك قوراللار چىقىدۇ شۇنىڭ ئارىسىدىن ماۋۇ بەلگىنى بېسىڭ :

+ئۆزلەشتۈرمە HTML

نى باسقاندىن كېيىن ئىككى ئىستون چىقىدۇ بىرى تېما يەنە بىرى مەزمۇن دەپ تېما دېگەنگە: خۇشكەلدىڭىز ! دەپ يېزىڭ (ئەلۋەتتە بۇ سۆزنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتسىڭىزمۇ بولىدۇ ) مەزمۇن دېگەنگە يۇقىرىدىكى كودنى ئۆز ئەينى بىلەن كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈستى سول تەرەپتىكى ئېلان قىلىش دېگەننى بېسىۋەتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ !

ئەگەر سىز مەن پەقەت ۋاقىتنىلا كۆرسىتىمەن دېسىڭىز ئۇنداقتا بۇ كودنى ئىشلىتىڭ:

<script language="javascript" style="text-align: right">
var week;
if(new Date().getDay()==0)         week=" (يەكشەنبە) "
if(new Date().getDay()==1)         week=" (دۈشەنبە) "
if(new Date().getDay()==2)         week=" (سەيشەنبە) "
if(new Date().getDay()==3)         week=" (چارشەنبە) "
if(new Date().getDay()==4)         week="(پەيشەنبە) "
if(new Date().getDay()==5)         week=" (جۈمە) "
if(new Date().getDay()==6)         week=" (شەنبە) "
document.write(" بۈگۈن "+(new Date().getYear()+1900)+"-يىلى "+(new Date().getMonth()+1)+"-ئاينىڭ "+new Date().getDate()+"-كۈنى"+week);
</script>

 

قانداق ئاسانمىكەن ! ئەگەر قىلالمىسىڭىز بۇ يەرگە سۆز قالدۇرۇڭ ھەممەيلەن تەڭ ھەل قىلىمىز !!!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

بىر باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى